بۇ رىۋايەت ئەمەس …… خاتىمە
توپ ـ زەمبىرەكلەرنىڭ ئاۋازى تىنجىدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. قىسمىمىزغا مىللىي ئارمىيە شىمالى يۆنىلىشتە ئۇرۇش قىلىشقا قوماندانلىق قىلىش ئىشتابىدىن ھال سوراپ كوماندىرلار كەلدى. بىزنى تەقدىرلىدى…
دەم ئېلىشتىن كېيىن قىسىملار رەتلىنىپ، بىزنىڭ پولك مايتاغقا كۆچتى. يۈسۈپوۋ مۇھەممەدجان پولك كوماندىرى، مەن مايتاغ گارنىزوننىڭ قوماندانى، بىر بالداق، تۆت يولتۇزلۇق كاپىتان بولدۇم!…
ـ ئېرتىشچۇ، ئۇ سىزنى تاپالىدىمۇ؟ ـ قىزىقىپ، ئالدىراپ سورىدىم مەن.
ـ تاپتى، ئالتاي ئازاد بولغاندا ئۇ مېنى ئىزدەپ تاپتى. ئۇ چاغدا مەن سارسۇمبىدە ئىدىم. بىز ئاخىرى توي قىلدۇق… ئۇنىڭ ئانىسى كېتىپ قالدى، كېيىن قازاقىستانغا چىقىپ كەتتۇق…
ئېغىر يۈك بېسىۋالغاندەك تىنالماي ئولتۇرۇپ قالغان روھى كەيپىياتىمدىن بوشاپ، يېنىك تىن ئالدىم. سابىق كاپىتانمۇ يېنىك تىندى، بىز ئورنىمىزدىن تۇردۇق…
……………………………. ※ ………………………………. ※ …………………………… ※…………………………..
سابىق كاپىتاننىڭ رىۋايەتكە ئوخشايدىغان بۇ ھېكايىسى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە كاللامدا پىرقىراپ تۇردى، ئويلاندۇردى. ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ياش، نۆۋەر، ئون گۈلىنىڭ بىر گۈلى ئېچىلمىغان نى قەھرىمان يىگىتلەرنىڭ قىپقىزىل، ئىسسىق قېنى نىلقا ئۇلاستايدىن باشلانغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا غۇلجا كوچىلىرىدا، جىڭ، شىخۇنىڭ قۇمساڭغۇ، دەشت – دالىلىرىدا، سۆكسۆك، قامغاق ۋە قىزىل يۇلغۇن تۈۋىلىرىدە، ئالتاي، تارباغاتاي تاغلىرىدا ئاققانىدى. ئۇلار بىلىنداژلاردا قىز ئورنىغا مىلتىق قۇچاقلاپ ياتقانىدى…
سابىق كاپىتاننىڭ سەبداشلىرىنىڭ قىزىل قېنى، ياش جېنى ئالتاينىڭ ئالتۇن تاغ – تاشلىرىغا، قىران، ئېرتىش، سارتوقاي، بۇرۇلتوقايغا ئوخشاش گۈزەل دەريالىرىنىڭ بۈك ئورمانلىق ساھىللىرىغا، ياپيېشىل قىزىل قارىغاي، ئاق قارىغاي ( سامىرسىن ) نىڭ نەچچە ئادەمنىڭ غۇلىچى يەتمەيدىغان قارىغاي قۇۋزاقلىرىغا، بۆلجۈرگەن، تاڭ قوراي، قارىقات ۋە ئادەم بوي ئوت – چۆپلەر ئەركىن ئۆسكەن تاغ غوللىرىغا، بۈركۈتلەرگە ئۇۋا بولغان تىك قىيا تاشلارنىڭ يېرىقلىرىغا، ئېيىق، بۆرە، يىلپىزلارنىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلىرىگە مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان داستان بولۇپ پۈتۈلۈپ كەتتى. ئەۋلادلار ئۇلارنى چوقۇم ئوقۇيدۇ، ئىزدەيدۇ، تاپىدۇ ۋە مەڭگۈ يادلايدۇ، ئۇنتۇمايدۇ!…
ئۇ يىللاردا ھەر بىر جەڭچىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشى خۇددى رىۋايەتكە، چۈشكە ۋە ياكى چۆچەككە ئوخشايتتى، كىشىلەر ئىشەنمەيتتى. چۈنكى بۇ ئۇرۇش ھېچقانداق دۇنياۋى ئۇرۇشقا ئوخشىمايتتى. بىر جەڭچىنىڭ سەرگۈزەشتى بىر ھېكايە، بىر داستان، بىر پوۋېست، ھەتتا بىر رومان بولاتتى. ئەپسۇسكى، ئۇلار تېخى تولۇق قېزىلمىدى. شېئىردا ئۇنى ئىپادىلىمەك تېخىمۇ تەس ئىدى. ئاشۇ ئويلار، ئاشۇ خىياللار مېنى ئوقلار چاقماقتەك يېنىپ، چاڭىلداپ، ۋىژىلداپ ئۇچۇپ تۇرغان ئاشۇ جەڭگىۋار يىللارغا ئېلىپ كەتتى. پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، روھىم، مۇڭ – ھەسرىتىم، ئۈمىد، ئارزۇ – خىياللىرىم ھاياجاندا ئېرىپ قەلەمگە تامغان: “ سابىق كاپىتان پوستتا تۇرغان يەر “ نى ئاخىرى تەۋەللۇت قىلدى.
سابىق كاپىتان پوستتا تۇرغان يەر
تانسىغا،
تانسىغا،
تارتىسەن مېنى،
ئېسىڭدىن چىقتىمۇ قولتۇق تايىقىم،
ئۇرۇشتا يوقالغان مېنىڭ ئايىغىم!…
بىر سابىق كاپىتان غۇلجىغا كېلىپ،
مېنىڭ بىلەن بىللە شەھەر ئايلىنىپ،
تۇرۇپ قالدى ئۇ،
“ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى “ ① ئالدىغا كېلىپ.
خۇددى
يارىدار جەڭچىدەك،
ئاقساقلاپ مېڭىپ،
پوستتا تۇردى ئۇ،
نېمىنىدۇر ئېسىگە ئېلىپ…
مەن ھەيرانمەن:
“ ئېيتىڭا كاپىتان، بۇ نېمە قىلىق؟ ”
ئۇ جىمجىت
تۇراتتى پوستتا دەرۋازا ئالدىدا.
گويا شۇ تاپتا،
ئۇنىڭ ئاقساق پۇتىمۇ،
ئۆزىمۇ،
كۆزىمۇ
جەڭدە ـ ئۇرۇشتا…
بىر پەستىن كېيىن،
خۇمارى چىققاندەك،
سۆزلەپ بەردى ئۇ،
ئولتۇرۇپ ئېرىق بويىدا ـ قاشتا،
“ ئۇھ “ دەپ چوڭقۇر بىر تىنىپ:
“ بىلەمسىز ئۇكام،
مەن ئەسكەر چېغىم،
بېشىمدا ئىسپانكا، بەلدە رىمونىم،
(ئۆزۈممۇ كېلىشكەن بىر يىگىت ئىدىم)
ئۇ چاغلار،
مانا دەل مەشەدە،
غۇرۇرۇم بىلەن پوستتا تۇرغانتىم…
بۇ
بىزنىڭ باش ئىشتاب ئىدى،
بىز شەھەرگە يېڭى ھۇجۇم باشلىغان،
كوچىلاردا مېڭىش تەس ئىدى.
دۈشمەنلەر پىتراپ،
ئىزلەيتتى بىزنى،
ئۇلار ساراسىمىگە چۈشۈشكەن ئىدى.
بىز بۇ يەرنى قوغدايتتۇق مەھكەم،
جېنىمىز بىلەن، قېنىمىز بىلەن!
بۇ يەردە
بىزنىڭ رەھبەرلەر
تلاي كېچىلەر كىرپىك قاقمىغان،
ئىنقىلابقا تۈزەيتتى پىلان ـ
ئىستراتېگىيە،
ھۇجۇم ۋە نىشان…
بىز بۇ يەرنى قوغدايتتۇق مەھكەم،
جېنىمىز بىلەن،
قېنىمىز بىلەن !
كېيىن،
مەن كەتتىم ئۇزاققا،
قىلىچ شىلتىپ،
ئارغىماقتا يولتۇزدەك ئۇچۇپ،
نەيزە بولۇپ جۇڭغاردا بالقىپ،
كەتتىم
شىخۇ ــ يەنسىخەي تامان…
ھەي،
ئۇ مىلتىقلىق يىللار
ئۆتۈپ كەتتى ئەمدى،
ئۆتۈپ كەتتى،
كەتتى مېنىڭ ئەسكەرلىك چېغىم ــ
قىران ياشلىقىم،
يوق ئارغىماق ئېتىم،
مىلتىق، قىلىچىم !
ئەنە،
خەلق باغچىسىدا ياتىدۇ
ماڭا كوماندا بەرگەن،
جەڭگە ئۆگەتكەن،
بىللە ئىشلىگەن مەرھۇم باشلىقىم.
ھەي،
ئۇ يىللارنىڭ ئىزى قالدى پەقەت
ماڭلاي قورۇقلىرىمدا،
ئاقساق پۇتۇمدا،
“ سىمىرنو ” ② غا كەلمەيدۇ ئەمدى،
ئاقساق پۇتۇممۇ،
بېلىممۇ،
لېكىن ھۆرمەتلىكمەن يۇرتۇمدا.
بىلەمسىز ئۇكام،
ئۇ يىلاردا ئوق بولغان ئىدۇق
دۈشمەن كۆرۈنگەن يەرلەردە.
ئۇ يىللاردا شوخ بولغان ئىدۇق،
دۈشمەننى قوغلاپ،
ھۇررا توۋلاپ،
ئۇ كۆڭۈللۈك سەپەرلەردە…
بىز ئاتلىق ئەسكەر ئىدۇق،
“ يىقىلماس “ لارنى
مانا بىز يىقىتقان ئىدۇق…
ئالتاي تاغلىرىدىن،
جۇڭغار دالالىرىدىن
بوراندەك ئۇچۇپ ئۆتكەن ئىدۇق.
دالادا گۈلخان يېقىپ،
كونسىرۋاغا پىچاق تىقىپ،
سۇخار غاجىلاپ،
سادىر قوشاقلىرىنى توۋلىغان ئىدۇق.
بىز ئوق ئىدۇق،
بىز ئوت ئىدۇق.
ھەي.
كەتتى ئۇ يىللار، يىللار !
ئىز بېسىپ
بالىلار پوستتا تۇرىدۇ ئەمدى.
بىراق،
ئۇلار بىلمەيدۇ
بۇ قانداق يەر؟
بۇ قانداق يەر؟!
ئاھ، قەدىردان.
مەن پوستتا تۇرغان يەر.
ئۇلار بىلمەيدۇ
بۇ يەردە قانلار چۆكۈلگىنىنى،
ئوق تەگكەن كۆكرىكىنى بېسىپ،
دوستم رەھمەتنىڭ
يېزىدىكى يالغۇز ئانىسىنى چاقىرىپ يادلاپ،
ئادەققى سۆزىنى سۆزلىگىنىنى…
ئۇلار بىلمەيدۇ،
بىز لەڭشاڭنى ئالغاندا،
“ قارا باغ “ ④قا ھۇجۇم قىلغاندا،
چوماق تۇتقان بوۋايلارنىڭ،
دوئا قىلىپ تۇرغان مومايلارنىڭ،
ئاتاكاغا ئاتلانغان يىگىتلەرنىڭ،
سانىتاركا قىز – جۇۋانلارنىڭ
قانداق جەڭ قىلغىنىنى،
قانداق ئۆلگىنىنى،
قانداق كۈلگىنىنى…
بۇ كۈلكە
نەچچە مىڭ يىل يۈرەكتە ساقلانغان،
لەنەت – نەپرەت بىلەن داغلانغان…
شۇ كۈلكە ئۈچۈن
بەرگەن ئىدۇق بىز ياشلىقنى،
قىز ئورنىغا مىلتىقنى چىڭ قۇچاقلاپ،
بەرگەن ئىدۇق
مۇھەببەتنى ـ شوخلۇقنى.
ھەي ئەمدى،
كەتتى ئۇ يىللار،
كەتتى ئۇ يىللار !
< تانسىغا،
تانسىغا
تارتمىغىن مېنى،
ئېسىڭدىن چىقتىمۇ قولتۇق تايىقىم،
ئۇرۇشتا يوقالغان مېنىڭ ئايىغىم…> ”
“ ئاھ سابىق كاپىتان،
ئاقساق كاپىتان،
ئىچەيلى كېلىڭ،
بىر پەس ئۇنتايلى ئۇلارنى تامام . ”
“ ھەي، ئۇنتۇشقا بولامدۇ ئۇلارنى ئۇكام،
ئىچكەنسېرى ئۇ يىللار بەرمەيدۇ ئارام…“
ئىچىشتۇق،
ئىچىشتۇق،
شارابتا ئۆچىمىز باردەك ئىچىشتۇق،
يالپۇز پۇراپ
ئېرىق قىرىدا ئېلىپ دەم ـ ئارام.
“ ئاقساق كاپىتان،
سابىق كاپىتان،
رەھمەت سىزگە !
ئاشۇ ئاقساق پۇتىڭىز ئۈچۈن،
ئاكوپلاردا قالغان ياشلىقىڭىز ئۈچۈن،
كۆتۈرىمەن جام !
تەشەككۈر سىزگە،
ئۇنۇتماپسىز،
سېغىنىپ كەپسىز
بۇ قەدىردان پوستتا تۇرغان يەرنى !
سىز ئۇنۇتمىغاندەك،
ئۇنۇتمايدۇ ئەلمۇ،
ئۇ يىللاردا ئىسپانكا كىيىپ،
ئۆلۈمنى قۇچاقلاپ،
كۆرۈمنى بېرىپ،
ئەركىنلىك ئۈچۈن قان تۆككەن ئەرنى ! ”
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
① ئىلى ئوبلاستلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىدارىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
②سىمىرنو (روسچە) ـ رەتكە تىزىلىش.
③پىخوت (روسچە) ـ پىيادە قىسىم.
④ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئەسكەرلەر ھەرەمباغنى “ قارا باغ “ دەپ ئاتايتتى، چۈنكى ئۇ يەردە دۈشمەن شىتابى بار ئىدى.
بۇ رىۋايەت ئەمەس …… بىرىنچى باب
بۇ رىۋايەت ئەمەس …… ئىككىنچى باب
بۇ رىۋايەت ئەمەس …… ئۈچىنچى باب
بۇ رىۋايەت ئەمەس …… تۆتىنچى باب
بۇ رىۋايەت ئەمەس …… بەشىنچى باب
بۇ رىۋايەت ئەمەس …… ئالتىنچى باب
مەنبە : بۇ ئەسەر “ ئىلى دەرياسى “ ژورنىلى 2012 -يىل 2 – سانىدىن ئىلىندى.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1808