![]() |
ھىلىقى ئۆردەك ئىسىڭدىمۇ ؟
( ھېكايە )
رىچارد گوفرى [ ئامېرىكا ]
جون ئىسىملىك بىر كىچىك ئوغۇل بالا ئاكا – ئۇكا، ھەدە – سىڭىللىرى بىلەن بىللە بۇۋا – مومىسىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا مىھمان بولۇپ بېرىپتۇ. بۇۋىسى ئۇنىڭغا بىر تال رەگەتكە بىرىپتۇ، جون خوشاللىقىدا دەرھال ئورمانلىققا بېرىپ قارىغا ئېلىشنى مەشىق قىلىشنى باشلىۋىتىپتۇ. ئۇ قايتا – قايتا مەشىق قىلغان بولسىمۇ، لىكىن بىرەر قېتىممۇ نىشانغا تەككۈزەلمەپتۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىشتىن رايى يىنىپ، سالپايغىنىچە رەگەتكىسىنى ئىلىپ ئۆيىگە چۈشلۈك تاماق يىيىش ئۈچۈن مېڭىپتۇ.
جون ھويلىغا كىرىشىگىلا مومىسىنىڭ ئامراق ھايۋىنى - سېمىزلىكىدىن ئۆزىنى كۆتۈرەلمەي قالغان ئاپپاق ئۆردەكنى كۆرۈپ قاپتۇ. جون ھەممىنى ئۇنتۇپ، رەگەتكىنىڭ رېزىنكىسىنى سوزۇپ، ئېرغاڭلاپ كىتىۋاتقان ئۆردەكنى قارىغا ئاپتۇ. تازىمۇ قىزىق، ھازىرغىچە بىرەر قېتىممۇ نىشانغا تەگمىگەن ئوق بۇ قېتىم ئۆردەكنىڭ دەل بىشىغىلا تېگىپتۇ. ئۆردەك شۇ زامان تىن تارتماي ئۆلۈپتۇ. جون ئالاقزادە بولغىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قاپتۇ، ئۇ مومىسىنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ، نېرى – بېرىسىنى تازا ئويلاشمايلا ئۆلۈك ئۆردەكنى ياغاچ دۆۋىسىگە يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇ ئۆردەكنىڭ ئۆلۈكىنى ئەمدىلا تىقىپ قويۇپ تۇرۇشىغا، ھەدىسى شارلىنىڭ دەرۋازا تۈۋىدە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شارلى ئىشنىڭ جەريانىنى تولۇق كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ جونغا ھىچنىمە دىمەپتۇ.
چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغاندا، مومىسى شارلىغا :
ــ شارلى، يۈزە، ئىككىمىز قاچا – قۇچىلارنى يىغىشتۇرۋىتەيلى، __ دەپتۇ. شارلى :
ــ موما، جون ماڭا ئۆزىنىڭ سىزگە بەكلا ياردەملەشكۈسى بارلىقىنى ئېيتقان، ئۇ سىزگە قاچا يۇيۇشۇپ بەرسۇن، ــ دەپتۇ ۋە بۇرۇلۇپ، جونغا پەس ئاۋازدا :
ــ ھېلىقى ئۆردەك ئېسىڭدىمۇ ؟ ــ دەپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، جون ئاشخانىغا كىرىپ مومىسىغا قاچا – قۇچا يۇيۇشۇپ بىرىشكە مەجبۇر بوپتۇ.
كەچتە، بوۋىسى بالىلاردىن بېلىق تۇتقىلى بارغۇسى بار – يوقلۇقىنى سوراپتۇ. بالىلارنىڭ ھەممىسى بەس – بەستە قول كۆتۈرۈپتۇ. بۇ چاغدا مومىسى گەپ قىستۇرۇپ:
ــ ناھايتى خىجىلمەن، مەن شارلىنى ئۆيدە قېلىپ ماڭا كەچلىك تاماق ئېتىشىپ بەرسۇنمىكىن دېگەن، ــ دەپتۇ.
ــ موما، ــ دەپتۇ شارلى كۈلۈپ تۇرۇپ، ــ جون مىنىڭ ئورنۇمدا سىزگە ياردەملىشىدۇ، ــ دەپتۇ ۋە جوننىڭ قۇلىقىغا پەس ئاۋازدا، __ ھېلىقى ئۆردەك ئېسىڭدىمۇ ؟ ـت دەپتۇ.
ئامالسىز قالغان جون باشقا ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللىرىنىڭ خوشال – خورام بېلىق تۇتقىلى كەتكىنىگە قاراپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئاشخانا ئۆيدە مومىسىغا ياردەملەشمەي نېمە ئامالى. شۇنداق قىلىپ، جون كۈندە ئۆزىگە تىگىشلىك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغاندىن باشقا، شارلىغا تېگىشلىك بولغان ئىشلارنىمۇ قىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئاخىر بىر كۈنى ئۇ پەقەتلا چىدىيالماپتۇ ۋە مومىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھېلىقى ئۆردەكنى قانداق قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى مومىسىغا راستچىللىق بىلەن ئېيتىپتۇ.
مومىسى ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن جوننى باغرىغا مەھكەم بىسىپ، ئۇنىڭ بېشىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلىغىنىچە، مۇلايىملىق بىلەن:
ــ ئوھۇي، قەدىرلىكىم جون، مەن ھەممىنى بىلەتتىم. مەن ئەينى چاغدا دىرىزىنىڭ ئالدىدا ئىدىم. بۇ ئىشنىڭ ھەممىسىنى باشتىن – ئاخىرغىچە ئىنىق كۆرگەن. لېكىن، مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن قوزام، شۇڭا سىنى ئەيىبلىگۈم كەلمىدى. مىنىڭ بۇ ئىشنى ساڭا ھازىرغىىچە ئېيتماسلىقىمدىكى سەۋەب، سىنىڭ شارلىنىڭ كوكولاڭدىن تۇتۇۋىلىشىغا قاچانغىچە چىداپ تۇرالايدىغانلىقىڭنى كۆرۈپ باقماقچى بولغاندىم، ــ دەپتۇ.
شۇنداق، ئەگەر بىز كىچىككىنە خاتالىقنى دادىللىق بىلەن ئۈستىمىزگە ئىلىشتىن قورقۇپ، باشقىلارغا كوكولىمىزنى تۇتقۇزۇپ قويساق، مەڭگۈ ئۇلارنىڭ كونترۇللۇقىدىن قۇتۇلالمايمىز، شۇنداقلا ئۆزىمىز خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىمىز. خاتالىق ئۆتكۈزسىڭىز، دادىللىق بىلەن ئۈستىڭىزگە ئىلىشقا جۈرئەت قىلىڭ، شۇ چاغدىلا كىشلىك ھاياتنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى ناھايتى يەڭگىل باسالايسىز.
بىلوگ يازمىسىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=723