تۇرمۇش خاتىرىسى

    

بىر چۆگۈن سۇ قاينىتىشتىكى پاراسەت

يازما يوللىغۇچى : سەمەندەر

بىر يىگىت ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، كۆڭلىگە نۇرغۇن ئىشلارنى پۈكۈپ، ئۇلارغا ئۆزىنى ئۇرۇپ يۈرۈپتۇ. ئەمما نەچچە يىلغىچە قىلغان ئىشلىرىدىن ھېچ نەتىجە چېقىرالماپتۇ. ئاخىرى يىگىت دانىشمەننى ئىزدەپ بېرىپتۇ.
ئۇ بارغاندا دانىشمەن دەريا بويىدىكى كۈلبىسىدە كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرغانىكەن. دانىشمەن يىگىتنىڭ سۆزلىرىنى زەن قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا :
- ئاۋال ماڭا بىر چۆگۈن سۇ قاينىتىپ بەرگىن، – دەپتۇ.
يىگىت بۇلۇڭدا تۇرغان تولىمۇ يوغان بىر چۆگۈن بىلەن ئۇنىڭ يىنىدىكى كىچىك ئوچاققا قاراپتۇ. ئوچاقنىڭ يىنىدا ئوتۇن بولمىغاچقا، ئۇ ئاۋال ئوتۇن تەرگىلى مىڭىپتۇ.
يىگىت بىر قۇچاق شاخ – شۇمبا تېرىپ كەلگەندىن كېيىن، لىققىدە سۇ قويۇلغان يوغان چۆگۈننى ئوچاقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئوچاققا ئوت قالاشقا باشلاپتۇ. لېكىن چۆگۈن بەك چوڭ بولغاچقا، ئەكەلگەن ئوتۇنى تۈگىگىچە سۇ ھېچ قاينىماپتۇ. ئۇ يەنە ئوتۇن تېرىپ كىلىشكە مىڭىپتۇ. ئۇ كەلگىچە چۆگۈندىكى قايناي دەپ قالغان سۇ سوۋۇپ كىتىپتۇ. بۇ قىتىم ئۇ ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئەكەلگەن ئوتۇننى ئوچاق بىشىغا قويۇپ، يەنە بىر ئاز ئوتۇن تېرىپ كەپتۇ. يىگىت يىەرلىك ئوتۇن تەييارلىۋالغاندىن كېيىن، ئوچاققا ئوت قالاشقا باشلاپتىكەن سۇ بىردەمدىلا قايناپتۇ.
- يېتەرلىك ئوتۇن بولمىغاندا سۇنى قانداق قاينىتىش كىرەك ؟ – دەپ سوراپتۇ دانىشمەن يىگىتتىن.
يىگىت بىر پەس ئويلانغاندىن كىيىن بىشىنى چايقاپتۇ.
- ئۇنداق ئەھۋالدا چۆگۈندىكى سۇدىن ئازراق تۆكۈۋەتسەڭ بولىدۇ، – دەپتۇ دانىشمەن.
يىگىت بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ بىشىنى لىڭشىتىپتۇ.
- سەن باشتا نۇرغۇن ئىشنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈۋاپسەن، بۇ چۆگۈنگە لىققىدە سۇ قۇيۇۋالغانغا ئوخشايدۇ، لېكىن يېتەرلىك ئوتۇنۇڭ بولمىغاچقا، سۈيۈڭنى قاينىتالماپسەن، سۇنى قاينىتىمەن دەيدىكەنسەن، ئۇنىڭ بىرقىسمىنى تۆكۈۋىتىشىڭ ياكى يېتەرلىك ئوتۇن تەييارلىشىڭ كېرەك، – دەپتۇ دانىشمەن.
يىگىت بىردىنلا ئىسىنى تاپقاندەك بوپتۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلىگە پۈككەن خىلى كۆپ ئىشنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، بىر نەچچىسىنىلا تاللىۋاپتۇ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ كەسپى بىلىملەرنى ئۆگىنىپتۇ. دىگەندەك، نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ يەتمەكچى بولغان نىشانلىرىغا بىر – بىرلەپ يېتىپتۇ.
ئىشنى ئاۋال قىيىنىدىن ئەمەس، ئاسىنىدىن باشلىغاندا ھەم ئەڭ يېقىن نىشانلارنى كۆزلەپ ماڭغاندا، مۇۋاپىقىيەتكە قەدەممۇ – قەدەم يېقىنلاشقىلى بولىدۇ، بەش بارماقنى بىراقلا ئىغىزغا سالغىلى بولمىغىنىدەك، ھەممە ئىشنى تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنداق بولغاندا يېرىم يولدا ھېرىپ قالىدىغان گەپ. شۇڭا ئۆزىمىزگە كېرەكلىك « ئوتۇن » نى ئۈزلۈكسىز غەملەپ ماڭغاندا كىشلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ”ھارارىتى“ نى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرالايمىز.

بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1002

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-03-24
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 1دانە
  1. مەرھابا سەمەندەر!
    ياخشى يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي… :gl:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: