![]() |
قۇرت چۈشكەن ئالما
قۇرت چۈشكەن ئالما
( ھېكايە )
ئابلىمىت مامۇت
ئادىل مۇئەللىم تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ ئولتۇراتتى. ئىشخانا ئىشىكى يېنىك چېكىلدى.
ـ كىرىڭ، ـ دېدى مۇئەللىم.
14 ياشلار ئۆپچۈرىسىدىكى ئېگىز بوي، قاڭشارلىق كەلگەن بىر ئوغۇل بالا ئىشىكتىن قۇرۇنۇپقىغا كىرىپ كەلدى.
ـ مېنى بىرەر ئىش بىلەن ئىزدىگەنمىدىڭىز ؟ ـ سورىدى مۇئەللىم ئىللىق كۈلۈمسىرەپ.
ـ ھەئە، سىلىگە بىر ئىشنى ئىنكاس قىلاي دېۋىدىم، ـ بالا شۇنداق دېگىنىچە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئىشىكنى ئاۋايلاپ ياپتى.
ـ قېنى بۇياققا كېلىڭ، قانداق گەپ بولسا قۇرۇنماي دەۋېرىڭ.
بالا ئۈستەلنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇنىڭ رەتلىك كىيىنگەن مەكتەپ فورمىسى بىلەن ئوتقاشتەك قىزىل گالىستۇكىدىن قايسىدۇر بىر سوپۇن پاراشۈكىنىڭ سۇس ھىدى كىلىپ تۇراتتى.
ـ مۇئەللىم، ـ دېدى بالا، ـ نەچچە قېتىم سەزگەن بولساممۇ تىنماي كەلگەنىدىم. سىلىگە دېمىسەم بولمىدى. ئالدىمىزدىكى پارتىدا ئولتۇردىغان ئەركىن تاماكا چېكىدىكەن.
مۇئەللىمنىڭ چىرايى بىردىنلا تۇتۇلدى.
ـ چۈشەندىم، ـ دېدى مۇئەللىم، ـ سىز چېقىپ تۇرۇڭ.
بالا چىقىپ كەتتى. مۇئەللىم ئالدىدىكى تاپشۇرۇقنى بىر ياققا سۈرۈپ قويۇپ ئويغا چۆمدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئەركىننىڭ ھاجەتخانا ۋە بۇلۇڭ – پۇشقاقلاردا خۇپىيانە تاماكا ھېكىۋاتقان ھالىتى، ئىسلىشىپ قارىداپ كەتكەن ئۆپكىسى نامايان بولماقتا ئىدى.
ئۈچ كۈندىن كىيىن ئادىل مۇئەللىم ئەركىننى چاقىرىتتى. “ ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن “ دېگەندەك، ئەركىننىڭ قىلغانلىرى ئۆزىگە ئايان بولغاچقا، قورققىنىدىن يۈرىكى چىقىپ كىتەيلا دەپ قالغانىدى. لېكىن مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇئەللىمنىڭ ئاتىلارچە مىھرىبانلىق يىغىپ تۇرغان ئىللىق چىرايىدىن ئۇنىڭ كۆڭلى تىنجىپ قالدى.
ـ يۈرە بالام، ئاۋۇ مەكتەپ بېغىنى ئايلىنىپ كىلەيلى، ـ دېدى مۇئەللىم ئەركىننىڭ دۈمبىسىگە يىنىككىنە نوقۇپ. ئەركىن تەئەججۈپ ئىچىدە مۇئەللىمگە ئۈن – تىنسىز ئەگەشتى. مەكتەپنىڭ بىغى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، ئاساسلىق مېۋىلىك دەرخ تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى تىپىلاتتى.
ئادىل مۇئەللىم بىر تۈپ ئالما دەرىخى ئاستىدا توختىدى. ئوخشىغان ئالمىلار ئاۋغۇست ئاپتىپىدا جۇلالىنىپ تۇراتتى. دەرەخ ئاستىدىكى شالاڭ ئوت – چۆپلەر ئارىسىدا تۆكۈلۈپ سىسىغان ئالمىلار ئاندا – ساندا كۆزگە چىلىقاتتى.
ـ قارا ئوغلۇم، ـ دېدى مۇئەللىم شاختىكى قاشتىشىدەك يالتىراپ تۇرغان ئالمىلارنى ئىما قىلىپ، ـ نېمىدېگەن بىجىرىم ئالمىلار – ھە! قۇرۇتمۇ چۈشمىگەن، زېدىمۇ بولمىغان، شۇڭا بوران – چاپقۇنلارمۇ شېخىدىن ئايرىيالمىغان. ئەكسىچە بارغانسىرى سۈزۈلۈپ، شېرىن – شەربەتكە تولۇپ تۇرۇپتۇ. ھاياتىي كۈچ دېگەن ئەنە شۇ. ئەمدى ماۋۇ ئوت – چۆپلەر ئارىسىدا سېسىپ ياتقان ئالمىلارغا قارا. ھەممىگە قۇرت چۈشكەنلىكتىن ، ئاۋال ئىچى بۇزۇلۇپ، ھاياتىي كۈچىنى يوقاتقان. نەتىجىدە شىخىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ، بىر – بىرلەپ يەر چىشلىگەن. ئەمدى ئۇلار نېمىگە ئەرزىيدۇ، سېنىڭچە، ئۇلارنىڭ ئاۋۇ شاختىكى ئالمىلاردەك قەدىر – قىممىتى بولارمۇ ؟
مۇئەللىم سوئال نەزىرى بىلەن ئەركىننىڭ كۆزىگە تىكىلدى، خىجالەت، پۇشايمان، ئۆكۈنۈش ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ئۆرتىمەكتە ئىدى.
مۇئەللىم شاختىن ئۈزگەن بىر تال ئالما بىلەن يەردىن ئالغان بىر تال ئالمىنى ئىككى ئالقانلاپ ئەركىنگە سۇندى :
ـ قېنى، ئوغلۇم، ئىككىسىدىن بىرنى تاللاپ ئال.
ئەركىن قولى دىرىلداپ تىتىرىگەن ھالدا شاختىن ئۈزۈلگەن ئالمىنى ئالدى. ھايال ئۆتمەي ئۇنىڭ قولىدىكى ئالمىنىڭ يۈزىدە ياش تامچىلىرى پەيدا بولدى.
بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=867
ياخشى يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن، تىخىمۇ ياخشى تىمىلارنى يوللىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت !