تۇرمۇش خاتىرىسى

    

ياردەم لايىقىدا بولسۇن !

ھەر بىر ئادەم ئىنسانىيەت دۇنياسىغا قەدەم بېسىشتىن بۇرۇنلا ، تەغدىر ئۇنىڭغا ياردەمگە ئېرىشىش ھوقۇقى ۋە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى يۈكلىگەن بولىدۇ . دىمەك – ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ياشاۋاتقان ھەر بىرىمىزنىڭ ئىمكانىيىتى بارلاردىن ياردەم سوراش ھوقۇقىمىز ، ئىمكانىيىتى يوقلارغا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىمىز بار . كىشىلىك ھايات پەقەت ئۆز – ئارا ياردەم بېرىش ئارقىلىقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ . بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى — قانداق ئەھۋالدا ياردەم سوراش ، قانداق ئەھۋالدا ياردەم بېرىش .

ياردەم سوراش :
تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ئادەمنىڭ تەكرار ياردەمگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى تولىمۇ ئاز ، ھەتتا يوق .
بىرىنچى ؛ ھورۇنلۇققا ئادەتلەنگەنلەر ـ بەزىلەر بار قۇدۇقنىڭ بويىدا تۇرۇۋىلىپ باشقىلارنىڭ سۇ تارتىپ ئىچكۈزۈپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان ؛ يەنە بەزىلەر بار تۆگە مىنىۋىلىپ تۆگە ئىزدەيدىغان ؛ ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ياردەم سوراش ئۈچۈن چوقۇم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ قۇربىتى يېتىدىغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇشى ۋە تىرىشچانلىقىڭىز ئۈنۈم بەرمىگەن بولۇشى لازىم . ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن بولسۇن ، ياكى ئەخلاق نۇقتىسىدىن بولسۇن ، ئازراقلا ھەرىكەت قىلسىڭىز قۇتۇلۇپ كېتەلەيدىغان ئەھۋالدا باشقىلاردىن ياردەم سوراش ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ . ھەر قانداق ئادەمنىڭمۇ بۇنداق ئەھۋالدا ياردەم بەرمەسلىكى ، ھەتتا نەزەر سالماسلىقى نورمال ئىش .
ئىككىنچى ؛ ئېلىشنى بىلىپ قايتۇرۇشنى بىلمەيدىغانلار ـ بەزىلەر بار ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا ئۇدۇل باشقىلارنىڭ ئۆيىگە چاپىدىغان ، ئەمما باشقىلار ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا سايىسىنىمۇ كۆرسەتمەيدىغان ؛ يەنە بەزىلەر بار ياردەم قىلغۇچىغا رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەيدىغان ( خۇددى باشقىلارنىڭ بۆشۈكىنى تەۋرىتىپ قويغاندەك ) ؛ ئېسىڭىزدە بولسۇن – ئالماقنىڭ بەرمىكى بار . ياردەمگە ئېرىشكەن ئىكەنسىز ، جەزمەن تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرۇشىڭىز كېرەك . بولمىسا كىيىنكى نۆۋەت مۇھتاج بولغىنىڭىزدا ئاسمان يىراق ، يەر قاتتىق بولۇپ قالىدۇ .
ئۈچىنچى : باشقىلارنى مەنسىتمەيدىغانلار : بەزىلەر بار باشقىلاردىن ياردەم سورىغاندىمۇ كىبىر كۆرسىتىدىغان ؛ يەنە بەزىلەر بار باشقىلار ياردەملىشىپ ئىشىنى قىلىپ بېرىۋاتسا ، بىر ياندا تۇرۇپ بويرۇق سوقىدىغان ؛ ئېسىڭىزدە بولسۇن – ھەر قانداق بىر نورمال ئادەم ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەن ۋە ئۆزى ھۆرمەت قىلغان كىشى ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلسا جېنىنى قۇربان قىلالىشى مۇمكىن . بىراق ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغان ، مەنسىتمىگەن كىشى ئۈچۈن كىيىمىگە چاڭ قۇندۇرۇشنىمۇ خالىمايدۇ . ياردەمگە مۇھتاج بولغان ئىكەنسىز ، ياردەم قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا بىر دەرىجە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇشىڭىز كېرەك . باشقىلار ياردەم قىلىۋاتقاندىمۇ ھەم قولىڭىزدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىشىڭىز كېرەك . چۈنكى ئۇ سىزنىڭ مالىيىڭىز ئەمەس ، بەلكى سىزنى مۈشكۈلاتتىن قۇتقۇزغۇچى .

ياردەم بېرىش
: ياردەم بېرىش – كىشىلىك دۇنيادا ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك ھېساپلىنىدۇ . ئاددىيغىنە بىر ياردەم ئۈزۈلمەس بىر رىشتىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى مۇمكىن . كىچىككىنە بىر ياردەم ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشكۈچىنىڭ قەلبى ئىللىسا ، ئۇنىڭ رەھمەت سۆزى ئارقىلىق ياردەم بەرگۈچىنىڭ دىلى سۈيۈنىدۇ . ئەمما ياردەم بېرىشنىڭ مەقسىدى ۋە ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسا ، ئۇ ھالدا مۇھتاج كىشى ئۆزى كۈتكەن ياردەمگە ئېرىشەلمەستىن ، بەلكى دىلى ئازار يەپ قېلىشى مۇمكىن . ياردەم بەرگۈچى بولسا ياردىمىگە لايىق رەھمەت سۆزىنىڭ ئورنىغا ، ئۆزىگە پېشكەلچىلىك تېپىۋىلىشىمۇ مۇمكىن . شۇڭا ياردەممۇ جايىدا ، ئورۇنلۇق بولسۇن .
بىر كىشى بىر تاغار يۈكنى تولىمۇ تەستە يۈدۈپ دۆڭدىن چىقماقچى بولغاندا ، سىز ئۇنىڭغا ياردەم قىلماق ئۈچۈن تاغارنىڭ بىر بۇرجىكىنى تۇتۇپ يوقىرىغا كۆتۈردىڭىز . ئويلىمىغان يەردىن تاغارنىڭ ھېلىقى سىز تۇتقان بۇرجىكى يىرتىلىپ ئىچىدىكى نەرسىلەر چېچىلىپ كەتتى … ئىشىنىمەنكى ، سىز مۇشۇ ئاق كۆڭۈللۈكىڭىز بىلەن چوقۇم تاغاردىن چېچىلغان نەرسىلەرنى بىرمۇ بىر تېرىپ بېرىشكە ، بۇزۇلغان بولسا تۆلەپ بېرىشكە مەجبۇر بولدىڭىز . ئۇنىڭغا ياندىشىپ بىر مۇنچە تاپا – تەنە بار تېخى ………. ئوبدان بولدى ! كىم سىزنى ياردەملىشىشكە چاقىرغان ؟
بىر سودىگەر تونۇشىڭىزنىڭ دۇكىنىغا كىرىشىڭىزگە ئۇ جىددىي ئىشى چىقىپ قېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى ھەم بىر ئاز ھايال بولۇپ قالدى . ئۇ كەلگىچە سىز دۇكانغا قاراپ تۇردىڭىز . خېرىدار كەلسە ئانچە – مۇنچە سودا قىلىپ ، پۇلنى غەللىگە سېلىپ قويدىڭىز ھەقىچان ……
بىراق ئۇ قايتىپ كېلىپ دۇكىنىدا بىر نەرسە يوقتەك ھېس قىلىپ قالدى . ياكى غەللىسىدىكى پۇل كەملەپ كەتكەندەك ھېس قىلدى …… ئۇ سىزدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى . بىراق سىز ھېچنىمىگە چېقىلمىغان تۇرسىڭىز نىمىشقا تۆلىگۈدەكسىز ؟ ھالبۇكى بۇ يەردە سىزگە گۇۋاھ بولىدىغان ھېچكىم يوق . دەردىڭىزنى ئىچىڭىزگە يۈتۈپ تۇرۇپ تۆلەشكە مەجبۇر بولىسىز …… بۇمۇ ئوبدان بولدى . كىم سىزنى « دوست » ىڭىزنىڭ دۇكىنىغا قاراپ بەرسۇن دەپتىكەن ؟ كىم سىزنى دۇكاندىكى ماللارنى ساناپ – تىزىملاپ ئۆتكۈزۈۋالمىسۇن دەپتىكەن ؟

باشقىلارغا ياردەم قىلىڭ . بىراق باشقىلارنىڭ ھەقىقىي ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ، ياكى باشقىلار سىزدىن رەسمىي يوسۇندا ياردەم سورىغاندا ئاندىن ياردەم قىلىڭ . ھەرگىزمۇ باشقىلاردا سىز چوقۇم شۇنداق قىلىشقا تېگىشلىكتەك , باشقىلارنىڭ سىزدە ھەققى باردەك تۇيغۇ بېرىپ قويماڭ .

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2721

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-10-14
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: