تۇرمۇش خاتىرىسى

قۇرۇق سۆز – چۆچەكلەرگە ئىرەن قىلماڭ

غەيۋەت، پىتنە – پاسات يېتەرلىك تۆكمە بولغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. بەزىدە ئەپقاچتى گەپلەرنىڭ قايسىسى راست، قايسىسى يالغان ئۇققىلىمۇ بولماي قالىدۇ. شۇڭا، كىشلىك تۇرمۇشتا سوغۇققان بولغان تۈزۈك. يەنى ھەر قانداق ئادەم توغرىلىق ھەر قانداق كىشىدىن ھەر قانداق جايدا ئاڭلىغان گەپ – سۆزلەرگە قۇلاق سالماڭ ۋە سىزمۇ قېتىلىپ جاھانغا پىتنە – پاسات تېرىماڭ. مۇمكىن بولسا كىشىلەرنىڭ ئەيىبى، ئاجىزلىقلىرىنى يېپىڭ، ئۇنى خەلقىئالەمگە يايماڭ. رەسۇلىللا: « مېنىڭ ھەر قانداق ئۈممىتىم كەچۈرۈلگۈچىدۇر. ئەمما ئاشكارىلىغۇچىلار كەچۈرۈلمەيدۇ » دېگەن ھەمدە: « دۇنيادا بەندە بەندىنىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ » دېگەن. خەيرىيەتكى، كىشىنىڭ ئارقىسىدىن قىلىنغان گەپلەرنىڭ ئىچىدە ئوبدان گەپ، ياخشى تەرپ ئاز بولىدۇ. شۇڭا ئەڭ ئاقىلانە، ئادىل تاللاش – غەيۋەت – شىكايەتتىن نېرى تۇرۇشتۇر.

شۇنداقلا، بەلكىم سىزنىڭ كەينىڭىزدىنمۇ كىشىلەر ئارىسىدا تۈرلۈك – تۈمەن گەپ – سۆزلەر، ھەتتا سىزگە توقا – تۆھمەت ئارتىدىغان پىتنە – ئېغۋالارمۇ تارقىلىشى مۇمكىن. خەقنىڭ ئىنساب – دىيانەتنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ شەيتان بىلەن قول تۇتۇشۇپ تۇرۇپ تاپقان، توقۇغان گەپلىرىگە چىچاڭشىپ كەتمەڭ، باشقىلارنىڭ سۆزلىرى ئۈچۈن قايغۇرۇپمۇ كەتمەڭ. كىشىلەر ياكى ياماننىڭ ياكى ياخشىنىڭ كەينىدىن گەپ تاپىدۇ. ئاقىل بولسىڭىز، كىشىلەر توقۇغان سۆز – چۆچەكلەردىن ئىبرەت ئېلىڭ ۋە ئۈن – تىنسىز ھالدا ئۆز ئىشىڭىز بىلەن مەشغۇل بولۇڭ. سۆز – چۆچەككە بېرىلىپ كېتىش سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىز، زېھنىڭىزنى خورىتىۋېتىدۇ. تۇرمۇش نىشانىڭىزنى بۇرۇۋېتىدۇ. سۆز – چۆچەككە قۇلاق سالماي، ئكز نىشانىڭىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋېرىڭ. مانا بۇ پىتنە – پاساتقا بېرىلىدىغان ئەڭ لايىق جاۋاب ۋە كاتتا ھۇجۇم. كىشىلەرگە ئۆز ئەمەلىيىتىڭىز ئارقىلىق ئۆز پەزىلىتىڭىزدىن ئۇچۇر بېرىڭ. چۈنكى پىتنە – پاساتنى ئۆزىڭىز ئاقلاش ئارقىلىق بىسىقتۇرالمايسىز ھەم ئۆزىڭىزنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇش سىز ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ پىتنە – پاساتلارنى پەيدا قىلىدۇ. سىزنى جىلى قىلىپ ئېلىشتۇرۇۋېتىدۇ.
سىرتقى دۇنيادىكى پايدىلىق ئۇچۇر، ئىلىملەرگە سەگەك بولۇش، غەيۋەت – شىكايەت، پىتنە – پاسات ئالدىدا گاس – گاچا بولۇۋېلىش سىز ئۈچۈن بەكمۇ ئاقىل تاللاشتۇر.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3398

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-03-16
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 2دانە
  1. كوللىكتىپ ئىچىدە ياشىغاندىكىن ئۇنداق سۆز -چۆچەكلەرگە ئىرەن قىلمايمەن دىگىلى بولمايدىكەن ، ئۇنداقلار بىر-ئىككى بولسىغۇ بىر گەپ ، ئەمما ھازىر كۆپۈنچە كىشلەر شۇنداق بوپ كەتتى ، پەرۋا قىلمايلى دېسەكمۇ ئادەمگە بىسىم بولدىكە

    • سىز ئىرەن قىلغانسىرى، ئۇلارنىڭ سۆز – چۆچەكلىرى تېخىمۇ ئاۋۇپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى مەقسىتىگە يەتكۈزمەسلىكنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى پەرۋا قىلماسلىق…

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: