![]() |
پۇل ئۆتنە بېرەلەيدىغان دوستىڭىزدىن قانچىسى بار ؟
كىشلىك تۇرمۇشتا، ئادەمنىڭ دوستى بولمىسا بولمايدۇ، دوستسىز تۇرمۇش مەنىسىزدەك بىلىنىدۇ. شۇڭا كونىلار “ بىر دوستۇڭ كۆپەيسە، بىر يولۇڭ كۆپىيىدۇ “ دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزنى قالدۇرغان. ئەمما دوست كۆپەيسە، تەبئىي ھالدا ئۇنىڭ تۈرىمۇ كۆپىيىدۇ، بەزىلىرى سىز بىلەن سىرداش دوستلاردىن بولۇپ، سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمدەمدە بولىدۇ، يەنە بەزىلىرى يولۇچىغا ئوخشاش، پەقەت نەچچە قىتىملا ئالاقە قىلىدۇ، بەزىلىرى داستىخان ئۈستىدىكى دوست، بەزىلىرى ئۆزئارا پايدىلىنىدىغان دوست بولۇپ، پايدىلىنىش قىممىتى تۈگىگەن ھامان دوستلۇقمۇ ئۆزلىكىدىن ئاخىرلىشىدۇ. ھاياتلىق مۇساپىڭىزدە، بىر قىسىم دوستلىرىڭىز سىزگە داۋاملىق ھەمراھ بولىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش، چۈنكى شۇنداق بولغاندا كۈنلىرىڭىز مەنىلىك ئۆتۈپ، تىخىمۇ ياخشى ياشىشىڭىز مومكىن. ئەمما دوستلۇقنى زورمۇ زور قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، دوستنى كەلسە – كەلمەس تۇتىۋەرسە تىخىمۇ بولمايدۇ.
بەزىلەر دوستلار ئارا پۇلنىڭ گىپىنى قىلىشىشقا بولمايدۇ، بولمىسا ھىسىياتقا تەسىر يېتىدۇ دېيىشىدۇ، بۇ گەپقۇ ناھايتى توغرا، ئەمما بەزىدە پۇلنىڭ گىپىنى قىلىشمايمىز دېگىلى بولمايدۇ.
“ پۇل ئۆتنە بېرەلەيدىغان دوستىڭىزدىن قانچىسى بار ؟ “ دېگەن سوئالغا ئىشەنچلىك ھالدا جاۋاپ بىرەلەيدىغانلار ئانچە كۆپ چىقماسلىقى مومكىن. چۈنكى دوستلار ئارا پۇل ئۆتنە ئېلىش ئۇنداق ئاددى ئىش ئەمەس. مەن ئادەتتە بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئويلانمايتىم، ئەمما يېقىندا ئۆي سېتىۋىلىشقا پۇل كەملەپ قالغانلىقتىن دوستلىرىمدىن ئۆتنە ئالماقچى بولۇپ، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ قالدىم. نەتىجىدە، ئۇياق – بۇياققا قاتىراپ، بىر پۇڭمۇ ئۆتنە ئالالمىدىم. كۆڭلۈم تولىمۇ پاراكەندە بولدى، چۈنكى 40 مىڭ يۈەننى تېخىچە غەملىيەلمەي، بېشىمغا غەم چۈشكەنىدى. ئامالسىز يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا ئىغىز ئاچتىم، ھەر بىر تۇغقىنىمدىن نەچچە مىڭ يۈەندىن ئۆتنە ئىلىپ، ئاخىر بۇ 40 مىڭ يۈەننى غەملىدىم، بۇ پۇلنى غەملەپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ چارچاپ ھالىمدىن كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ئەسلىدە دوستلىرىمدىن شۇنچە ئۈمىد كۈنكەنىدىم، ئەمما ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتمىدى، بۇنداق بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.
بەلكىم دوستلىرىممۇ ئەيىبلىك ئەمەستۇ، ئەمما، نېمىشقا دوستلىرىمدىن پۇل ئۆتنە ئالالمايمەن ؟ نېمىشقا بېشىمغا ئېغىر كۈن كەلگەندە دوستلىرىم ئەسقاتماي، تۇغقانلىرىم ئەسقاتىدۇ ؟ شۇنىڭدىن كېيىن “ دوست “ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر بولدۇم.
دوستلىرىمنى پۇل ئۆتنە بەرمىدى دەپ ئاغرىنمايمەن، چۈنكى بۇ يىللاردا ھەممە ئائىلىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق “ دەردى “ بار، بەلكىم دوستلىرىمنىڭ راستىنلا ماڭا ئۆتنە بەرگۈدەك پۇلى يوقتۇ، ياكى ئۇلارمۇ پۇلغا ئىھتىياجلىقتۇ، ياكى پۇل بولسىمۇ، ئۆتنە بەرگۈسى كەلمىگەندۇ، ئىشقىلىپ ئۇلار ماڭا قەرىزدار ئەمەس، بېرىش – بەرمەسلىكمۇ ئۆزىنىڭ ئىشى.
شۇنداق قىلىپ، كىشلىك تۇرمۇشتىكى بىر قىسىم دوستلىرىمدىن ئاستا – ئاستا يېراقلاشتىم. چۈنكى مىنىڭ نەزىرىمدە، دوست دېگەن چوقۇم جىنىنى ئاياشمايدىغانلاردىن، ئوتقىمۇ، سۇغىمۇ بىللە كىرىدىغانلاردىن بولالمىغان تەغدىردىمۇ، دوستى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا كۆكرەك كېرىپ چىقالايدىغانلاردىن، ھېچبولمىسا بۇغداي نىنى بولمىسىمۇ، بۇغداي سۆزى بولىدىغانلاردىن بولۇشى كېرەك ئىدى. “ پۇل ئۆتنە بېرەلەيدىغان دوستىڭىزدىن قانچىسى بار ؟ “ مېنىڭچە، بىكار قالغان ۋاقتىڭىزدا، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ باقسىڭىز، بەلكىم ئويلىمىغان بايقاشلارغا ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مومكىن.
بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1182
ئەجەپ بۇغداي ناندەكلا تېتىپ كەتتى ماۋۇ يازمىڭىز ، مېنىڭ نۆۋەتتىكى ھېس – تۇيغۇمغا دەللا كەلگەچكىمۇ ئەيتاۋۇر …
ئادەملەردىن رەنجىمە كۆڭلۈم ، ئادەملەرنىڭ ھەر خىلى باردۇر … دەپ ئاخىرقى ھېسابتا كىشىدىن ( دوستتىن تېخىمۇ شۇنداق ) رەنجىمەي ، ھەر ئىشتا ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باققۇلۇق …