![]() |
ئازاپ – ئوقۇبەتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشىنەمسىز ؟
بۇ دۇنيادا ئازاب – ئوقۇبەتنى ياقتۇرىدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. ئەمما، ھايات ئازاب – ئوقۇبەت بىلەن بەختنىڭ بىر گەۋدىسى بولۇپ، ھەر كىم ئازاب – ئوقۇبەتتىن خالىي بولالمايدۇ. ئازاب – ئوقۇبەت ــ جەبىر – زۇلۇم بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر خىل كۈچتۇر.
ھوزۇر – ھالاۋەت ۋە ئەركىن – ئازادىلىككە قارىغاندا ئوڭۇشسىزلىق ۋە جاپا – مۇشەققىەت كىشىنى تاۋلاپ، شۇ كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارىي قىلدۇرىشىغا تېخىمۇ كۆپ تۈرتكە بولىدۇ. ئازاب – ئوقۇبەت كىشىدە ئىجادچانلىقنى يېتىلدۈرىدۇ، ئازاپ – ئوقۇبەت يەنە كىشىنىڭ ئىجادچانلىقىنى چىنىقتۇرىدۇ، تېخىمۇ موھىمى ئازاب – ئوقۇبەت كىشىنى سەۋىرچان ۋە چىدامچان قىلىدۇ. دېمەك ئازاب – ئوقۇبەت ئىچىدە كىشىنىڭ ئىرادىسى تاۋلىنىدۇ.
بىئولۇگلارنىڭ بايقىشىچە، پەرۋانە قورچاق ھالىتىدىن لىچىنكا ھالىتىگە ئايلانغاندا، ئۇنىڭ قانىتى قورۇلۇپ قالغان ھالەتتە بولۇپ ناھايتى ئاجىز بولىدىكەن. ئۇ غوزەكنى يېرىپ چىققاندا، چوقۇم بىر مەزگىل ئازابلىق تىركىشىشنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەككەن، شۇنداق قىلغاندىلا تىنىدىكى سۇيۇقلۇق قانىتىغا ئىقىپ بىرىپ، قانىتىغا كۈچ تولۇپ، ئۇنى ئاسماندا پەرۋاز قىلدۇرالايدىكەن.
بىر كۈنى بىر بالا بىر دەرەخنىڭ ئۈستىدە بىر غوزەكنىڭ مىدىرلاپ، ئۇنىڭدىن بىر پەرۋانىنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بالا ئەجەپلىنىپ قىزىقسىنغان ھالدا پەرۋانىنىڭ قورچاقتىن لىچىنكىغا ئايلىنىش جەريانىنى كۆزەتمەكچى بوپتۇ.
ئەمما ۋاقىت ئۆتۈۋىرىپتۇ، پەرۋانە غوزەك ئىچىدە جان – جەھلى بىلەن تىركىشىپتۇ – يۇ، غوزەكنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلالماپتۇ، بالىغا پەرۋانە غوزەكنى يېرىپ چىقالمايدىغاندەكلا تۇيۇلۇپتۇ. بالا تاقەتسىزلىنىپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، .ۇ بىر كىچىك پىچاق بىلەن غوزەكتىن بىر كىچىك تۆشۈك ئىچىپ پەرۋانىنىڭ غوزەكتىن چىقىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىپتۇ. دەرۋەقە، بىر ئازدىن كېيىن پەرۋانە غوزەكتىن ئوڭايلا ئۆمىلەپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تېنى سېمىز، قاناتلىرى بەكلا قورۇلۇپ قالغان بولۇپ، ناھايتى جانسىز كۆرۈنەتتى.
بالا پەرۋانىنىڭ ئۇچقىنىنى كۆرمەكچى بولىدۇ، ئەمما پەرۋانە ئۇچۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، يىقىلىپ – قوپۇپ مېڭىپ، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆلۈپ قاپتۇ.
خۇددى ئازاب – ئوقۇبەتنى بىشىدىن ئۆتكۈزمىگەن پەرۋانىنىڭ تېنى ئاجىز بولۇپ قالغىنىغا ئوخشاش، ھاياتتا ئازاب – ئوقۇبەتنى بىشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئادەمنىڭ زەربىگە بەرداشلىق بېرىش كۈچى ناھايتى ئاجىز بولىدۇ. ئازاب – ئوقۇبەت بولغانلىقتىن مۇۋاپىققىيەت كىشىنى شۇنچە جەلب قىلىدۇ، بەختسىزلىك بولغانلىقتىن بەخت كىشىنى تولىمۇ شادلاندۇرىدۇ، ئاچلىق بولغاچقىلا، توقلۇقنىڭ قەدرى شۇنچە ئۆتۈلىدۇ. دېمەك، ئازاب – ئوقۇبەت مەۋجۇت بولغاچقىلا، ھاياتى كۈچىمىزنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىرادىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىيەلەيمىز.
ئازاب – ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگىنىڭىزدە زارلىنىپ مەيۇسلىنىشنىڭ ئورنىغا، باتۇرلۇق بىلەن ئۇنى يىڭىشقا يۈزلىنىڭ، ئازاب – ئوقۇبەتتىن ھالقىپ ئۆتكىنىڭىزدە ئېرىشكەن خوشاللىقىڭىزنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان بولىسىز …
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1589