تۇرمۇش خاتىرىسى

    

كىيىم – كىچەكلىرىمىزگە بىر نەزەر

ئاپتورى : Qabiljan

ھازىرقى زامان بۇرۇنقى زاماننىڭ دەل تەتۈرىچە ئىش تۇتىدىغان ساراڭ قېتىش كىشىلەر كۆپىيىپ كەتكەن زامان بوپ قاپتۇ.بۇرۇن ئەرلەر يۈز پۇت -قول ،ئۇ- يەر بۇ-يەرلىرىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرسە ئانچە ئەيىپ سانالمايتتى.قىزلا ئاياللار بولسا نامەھرەمنىڭ شەھۋانى نەزىرىدىن قېچىش، ئۆزىنىمۇ باشقىلارنىمۇ گۇناھكار قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن بېشىدىن تارتىپ پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە چىڭ ئورىنىپ يۈرىشەتتى.ھازىرقى زاماندا ئەرلەر يۈزىنى يېپىۋالمىسىمۇ باشقا يەرلىرىنى تولۇق ياپقىدەك كىيىم كېيىپ يۈرىدىغان،ئاياللار بولسا <<ئىددىيەدە ئازاد >> بولۇپلا قالماي بەدىنىنىمۇ ئازاد قىلىۋېتىپ بەدىنىنىڭ بۇرۇن يۆگەلگەن قىسىملىرىنى بىر- بىرلەپ ئېچىپ ئۆز بەدىنىنىڭ گۈزەللىكىنى كۆز كۆز قىلىدىغان، ئەرلەرنىڭ شەھۋانى نەپسىنى قوزغاشقا ئۇرىنىدىغان بولۇپ كەتتى.مەسىلەن :ئەڭ باشتا  ئىشتىنىنى سېلىۋېتىپ كالتە ئىشتان،قەغەزدەك نىپىز پايپاق بىلەنلا يۈرىيدىغان بولۇپ كەتتى.بۇ ئارقىلىق ئەرلەرگە قارىتا پاقالچەك،يوتا كۆرگەزمىسى ئاچتى.كېيىن بۇنىڭغا قىزىقماس بولغانلار كۆپەيگەندە  تار يوپكا كىيىپ كاسسىسىنى مارىتىپ قويۇپ كاسسا كۆرگەزمىسى ئاچىدىغان بولۇپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەزىلىى قىسقا كوپتا كىيىپ كىندىكلىرىنىمۇ ئېچىپ شەھۋانى ئەرلەرنى قانغۇچە تاماششا قىلىۋېلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنداق قىزلارغا 80ياشلاردىن ئاشقان قېرى بوۋايلارمۇ ئىىختىيارسىز قاراپ سالىدىغان بولۇپ كەتتى.بۇ ئىشلار بىلەن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇرۇن بەك قاراپ كېتىدىغانلار ئەمدى ئانچە  پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى..چۈنكى كۆرگەزمە قىلىدىغانلار بەك كۆپىيىپ كېتىپ يوشۇرۇن بەدەنلەر دائىم ئوچۇق تۇرىۋېرىپ ئۆچكىنىڭكىدەك ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتت شۇڭا قىزىقىدىغانلار ئازايدى.كۆرگەزمىچى قىزلار جەلىپكارلىقنى يەنە قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن  قاتتىق ئويلىنىپ ئىزدەندى.ئامېرىكىلىق قىزلارنى دوراپ ئويما ياقىلىق كۆينەك ياكى كوپتىلارنى كىيىپ بىر جۈپ  كۆكسىنىڭ لىپتىك ئارقىلىقبىر بىرىگە يېقىنلاشقان قىسمىنىڭ ئازراق يېرىنى  قەستەن ئوچۇق قويۇپ سۇيۇقراق ئەرلەرنى ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي تۈكۈرىكىنى ئىخىتىيارسىز يۇتۇدىغان  قىلىپ قويغىنىمۇ ھىچقايسىمىزغا سىر ئەمەس بولۇپ قالدى.بۇنداق بولغاندا سېھرى كۈچى ئاشارمىش.
كېيىن بىر قىسىم قىزلار ئىشتان كىيىشكە باشلىۋىدى<< كىشىنى خۇشال قىلغۇدەك ئىش بولدىمۇ دەيمەن>> دەپ ئويلىدۇق.ئەمما بۇ<< ئېچىش ئۈچۈن يېپىش>> ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتۇق. بىر نەرسىنىڭ ئوپ ئۇچۇق تۇرغىنىدىن كۆرە بىر قىسمى ئوچۇق، كۆپ قىسمى يېپىقراق تۇرسا جەلىپكارلىقى   يۇقرى بولىدىغان ئوخشايدۇ.چۈنكى شۇنداق بولغاندا <<ئاز بىر قىسمى شۇنچە جەلىپكار تۇرىدۇ،قالغان قىسمى قانچىلىك ەۈزەلدۇ>> دەپ ئويلاپ قىزىقىدىغانلار كۆپىيىشى تۇرغانلا گەپ.بۇ قىزلار يەكۈنلەپ چىققان ئىشقىۋازلارنى مەپتۇنلۇققا  جەلىپ قىلىش تاكتىكىسى.ئىشتان كىيگەن قىزلىرىمىز ئىنتايىن نىپىز ،ئىنتايىن تار ،بەدىنىنىڭ نازۇك يەرلىرىنى ئوچۇق تۇرغان چېغىدىكىدىن نەچچە ھەسسە جەلىپكار كۆرسۈتىدىغان  مودا ئىشتانلارنى ئىجاد قىلدى.
بۇرۇنلاردا كىشىلەر ئىشتىنى يىرتىلىپ كەتسە خەلقى ئالەمدىن نومۇس قىلىپ  <<يەرگە كىرەي دېسە يەر قاتتىق.ئاسمانغا چىقىپ كېتەي دېسە ئاسمان يىراق>> بولۇپ كېتەتتى.لېكىن ھازىرقى قىزلىرىمىز بولسا  ئىشتىنىنى قەستەن يىرتىۋېتىپ پۇتلىرىنىڭ ئۇيەر بۇ يەرلىرىنى ئېچىپ قويۇپ، پۈتۈن ئوچۇق قويغان ۋاقتىدا جەلىپ قىلالمىغان  پۇتلىرىنى مارىتىىش يولى بىلەن قايتا جەلىپكارلىققا ئىرىشتۈرۈش يولىدا ئىزدىنىۋېتىپتۇ. ھەممىمىزنىڭ ئۆز ئاچا- سىڭىللىرىمىز،ئاياللىرىمىز، قىزلىرىمىز بار.<<قىزلار- ئاياللارنى يامان يولدىن توسۇپ توغرا يولغا باشلاش- ئەرلەرنىڭ  مەڭگۈلۈك بۇرچى>>. شۇڭا ھەر بىرىمىز ئىشنى ئۆز يېقىنلىرىمىزدىن باشلاپ قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىدىغان<< ھىسسىياتلىق ساراڭ>>لىرىمىزنى توسايلى.

مەنبە : مىسرانىم

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1844

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-06-08
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تۇرمۇش رۇجەكلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: