![]() |
توي قىلىش ئالدىدىكى يىگىتلەرگە
بىر دادا تويى بولۇش ئالدىدىكى ئوغلىغا مۇنداق دېگەن:
تويدىن بۇرۇن ئايالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ياشاپ كەلگەن، ئۆيىمىزنىڭ تۇزىنى يېمىگەن ھەتتا بىر تېمىم سۈيىنىمۇ ئىچىپ باقمىغان، پەقەت مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى تۇغۇپ قاتارغا قوشقان، يېمەي يىگۈزۈپ، كىيمەي كىيگۈزۈپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسىدىن، ئۆزى چوڭ بولغان ئائىلىدىن ئايرىلىپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى، كېيىنكى ئۆمرىنى ساڭا بىزگە تاپشۇرۇپ، ساڭا ئايال، بىزگە كېلىن بولدى، بىزنى ئاتا-ئانا قاتارىدا كۆردى، سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭنى قېرىنداش قىلدى، دەپ باقە ئوغلۇم، بىز ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلماي، كىمگە ياخشى مۇئامىلە قىلىمىز، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىساق ۋىجدانىمىزغا يۈز كېلەلەيمىزمۇ؟ ئادەم ۋىجدانىدىن ئايرىلسا ئۇنى ئادەم دېگىلى بولامدۇ؟
ئەرلەر ياخشى كۆرىدىغان، مىزىلىك يېمەكلىكلەرنى كۆرسە ھېچنىمىنى ئويلىماي تويغىنىنى بىلمەي يەپ كېتىدۇ. يەپ بولغاندىن كېيىن قورسىقى بەك تويۇپ كېتىپ بىئارام بولسا سىرتلارنى ئايلىنىپ تامىقىنى سىڭدۈرۈپ كىرسىلا كۇپايە. ئويلاپ باقە، ئايالىڭ 10 ئاي قورساق كۆتۈرۈپ بالا تۇغمىقى قانچىلىك جاپاكەن. ئەگەر ئانا بولۇشتىن ئىبارەت بۇ خوشاللىق ئۇنىڭغا روھىي جەھەتتىن مەدەت بولمىسا، كىممۇ شۇنچە يوغان قورساقنى كۆتۈرۈپ، بارلىق جاپانى يېڭىپ كېتەلەيدۇ. ئاران دېگەندە 10 ئاينى توشقۇزغاندىن كېيىن، كۆز يورۇش ئالدىدا مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلىپ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان بالا يەنە بىزنىڭ فامىلىمىزنى قوللىنىدۇ. دەپ باقە، بىز ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىساق، ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىغا يۈز كېلەلەيمىزمۇ؟ ئادەمنىڭ يۈرىكى گۆش جۇمۇ؟
ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ سەزگۈر، ئەمما ئەرلەر ئىشلارغا نىسبەتەن سەزگۈر، بىرەر ئىش سەل بىنورمال بىلىنسە، شۇ ئىشتىن كېيىن ئويلىغانچە ئۇ ئىش بارغانچە مۇرەككەپلىشىپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ ۋە خاپا بولىدۇ؛ ئاياللار سۆزگە سەزگۈز، بىرەر گەپ سەل بىنورمالدەك تۇيۇلۇپ، ئۇ سۆز ھەققىدە تولا ئويلىنىپ خاپا بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا ئەركىشى بولغاندىن كېيىن، ئايالىڭ ياخشى كۆرىدىغان سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىپ ئۇنى خوش قىلىپ قوي، ئۇ خوشال يۈرسە ھەممىمىز خوش بولىمىز.
دۇنيادا چىرايلىق قىزلار نۇرغۇن، توي قىلغاندىن كېيىن ۋاپادار بولىشىڭ كېرەك، شۇنداقلا ھەرگىز ئايالىڭنى باشقا ئاياللارغا سېلىشتۇرما. ئۇنداق دېسەم ھېچنىمىنى سېلىشتۇرماسلىق كېرەك ئوخشايدۇ دەپ قالما، ئەگەر سەن ئايالىڭ بىلەن بازارغا چىققاندا يېشى، بەدەن قۇرۇلمىسى ئايالىڭنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئايال ناھايىتى چىرايلىق بىر قۇر كىيىم كىيىۋالغان بولسا ئامال قىلىپ ئايالىڭغىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كىيىم ئېلىپ بەر، ئايالىڭ چوقۇم ساڭا رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ.
ئادەملەر ئوخشاش بىر دۇنيادا ياشىغان بىلەن، ياشىغان مۇھىتى ۋە قوبۇل قىلغان ئائىلە تەربىيىسى، تەقدىر-قىسمىتى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇ ھەم ئادەملەر ئارىسىدىكى خاراكتېر ۋە ئادەت جەھەتتىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. توي قىلىش يېشىغا يەتكەن ياشلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ۋە تۇرمۇش ئادىتى يېتىلىپ بولغان بولىدۇ. كونىلار «قان بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقىدۇ» دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقانىكەن. ئەرلەر توي قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە، ئايالىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىماسلىق كېرەك، ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل، ئىشنى ئۆزىدىن باشلاش، ئايالىنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئۆزىنى ئۆزگەرتىش، مۇشۇنداق ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندا، ۋاقىت ئۇزارغانچە ئايالىڭ سەن بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى، سېنى تاللىغانلىقىنىڭ ناھايىتى توغرىلىقىنى ھېس قىلىپ، سېنى ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادىمى دەپ قارايدىغان بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلە بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟
ھازىر ئاياللارنىڭ كۆپى خىزمەت قىلىدۇ، سىرتتا بىر كۈن ئىشلەش داۋامىدا ئۇلار ئەرلەردىنمۇ بەكرەك ھېرىپ چارچايدۇ، شۇڭا ئائىلە ئىشلىرىنى چوقۇم بىرلىكتە قىلىشڭلار كېرەك. ئائىلە ئىشلىرى كۆپ ئەمما ئېغىر ئەمەس، كۈندە تەكرارلىنىدىغان ئىشلار، ۋاقىت ئۇزارغانچە بۇنداق ئىشلار ئادەم بىزار قىلىپ قويىدىغان بولۇپ، ئادەمنى روھىي جەھەتتىن ھارغۇزۇپ قويىدۇ. ئادەتتە بىز ئەر-ئاياللار بىرلىشىپ ئىشلىسە، ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ دەپ قارايمىز، بۇنى ئائىلىلەرگىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تاماق يېيىش بىلەن ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش ئوخشاش قائىدە: تالىشىپ يېگەندە يەتمەي قالىدۇ، بىر-بىرىگە قىسىنغاندا ئېشىپ قالىدۇ.
ئايالىڭغا ئۆزۈڭ كۆيىنىشىڭ كېرەك، ئەگەر بۇ دۇنيادا ئايالىڭغا سەندىن باشقا بىرسى بەكرەك كۆيۈنسە، بۇ ئاۋارىچىلىقنىڭ ساڭا يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ سېنى «يولدۇشۇم» دەپ چاقىرغانىكەن، سەن ئەرلىك مەجبۇرىيىڭنى ئادا قىلىشىڭ كېرەك.
ئۇ سېنى «يولدۇشۇم» دەپ چاقىرغانىكەن، ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ، ئۇنىڭغا يول قويىشىڭ كېرەك، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ سەن ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كەچكەن.
ئۇ سېنى «يولدۇشۇم» دەپ چاقىرغانىكەن، سەن كەمتەر ۋە خۇشپېئىل بولۇشنى بىلىشىڭ كېرەك. ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى بىر ئىشلارنى كۆپ ئويلاپ كېتىدۇ ۋە ناھايىتى سەزگۈز كېلىدۇ، شۇڭا دائىم ئورۇنسىز غەۋغا چىقىرىدۇ، بۇ پەقەت سېنىڭ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى بىلىش ئۈچۈن. بۇنداق ۋاقىتتا سەن چوقۇم ئۇنىڭغا يول قويۇپ، كەڭ قورساق بولىشىڭ كېرەك، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشما، بولمىسا ئۇ بەكلا ئازابلىنىپ كېتىدۇ.
ئۇ سېنى «يولدۇشۇم» دەپ چاقىرغانىكەن، ئۇ سېنىڭ كىر كىيىملىرىنىڭنى يۇيۇپ بولغاندا «خوتۇن جاپا چەكتىڭلار، كېلىپ بىردەم ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋىلىڭلار» دېيىشنى ئۇنتىماسلىقىڭ كېرەك.
ئۇ سېنى «يولدۇشۇم» دەپ چاقىرغانىكەن، ئۇ سېنى بارلىقىم دەپ قارىغان بولىدۇ، بۇ دۇنيادا ئۇنىڭ سەندىن باشقا ئىشىنىدىغان ئادىمى ۋە يۆلەنچىكى يوق.
ئۇ سېنى «يولدۇشۇم» دەپ چاقىرغانىكەن، ئۇ ياش تۆككەن ۋاقىتلاردا مەيلى قانداقلا سەۋەب بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ بېشىنى مۆرەڭگە قويۇپ قانغىچە يىغلىۋىلىشىغا يول قوي، ئاندىن ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈتۈۋىتىپ «بولدى يىغلىماڭلار خوتۇن، يىغلىساڭلار بەك سەت بولۇپ كېتىدىكەنسىلەر، بولدى قىلىڭلار» دېيىشنى ئۇنتىما.
قىسقىسى، «يولدۇشۇم» دېگەن بۇ سۆزگە نۇرغۇن-نۇرغۇن مەنىلەر سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ، ھەرقانداق سۆز بۇ سۆزنىڭ ئورنىنى ئېلىپ بولالمايدۇ. ئېغىزدىن چىققان ئاددىيغىنە بۇ سۆز ئەمەلىيەتتە مۇھەببەتلىك چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان بولىدۇ، شۇڭا ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئەرلىك مەسئۇلىيەت ۋە ئەرلىك مەجبۇرىيىتىڭنى ئۇنتىما، ئوغلۇم!
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2640