تۇرمۇش خاتىرىسى

بۇ رىۋايەت ئەمەس …… بەشىنچى باب

ئېرىتىشنىڭ ئۇ قېتىدا كۆردۈم سېنى،

ھالقاڭنى قىيىق قىلىپ ئۆتكۈز مېنى.

ھالقاڭنى قىيىق قىلىپ ئۆتكۈزمىسەڭ،

بولساڭمۇ پەرى قىزى كۆرمەي سېنى.

                                                                           ــ قازاق خەلق ئۆلەڭلىرىدىن.

مەن تۇتقۇن قىلىنغان بۇ ئۆيدە پاكار بويلۇق بىر گاچا  ئەر ( قازاق ) بار ئىدى. ئۇنىڭ سول كۆزى جىرتاق بولۇپ، سۆرۈن، دورداي كالپۇكلوق سەت چىرايىنى تېخىمۇ خۇنۈكلەشتۈرۈپ تۇراتتى. گاچىنىڭ ئايالى 16 ~ 17 ياشلاردىكى چىرايلىق، ئوماق كېلىنچەك ئىدى. ئۇنىڭ تېگى ئاق، سۈزۈك، خۇددى بۇيان قويغاندەك قىپقىزىل يۈزى تۇنجى كۆرگەندىلا مېنى ھەيران قالدۇرغانىدى. كۆپ ۋە يېڭى قىمىز ئىچكەن ئادەمنىڭلا يۈزى مۇشۇنداق ئاناردەق قىپقىزىل بولاتتى. ئۇنىڭ ئەگىم، قارلىغاچ قانىتىدەك چىرايلىق قېشى، قارىقاتتەك قاپقارا، ئېقى يوغان، سەل دۈگىلەكرەك كۆزلىرى، ئۆزىمۇ تۆشۈكلىرىمۇ كىچىك، قاڭشارلىق بۇرنى ئۇنى پەرىزاتتەك چىرايلىق كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇ مېنى كۆرۈپ يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ قويدى. ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈش، تەڭگە، مۇنچاق ۋە تۈرلۈك ئۈنچە ـ مەرۋايىتلار كەشتىلەنگەن دوپپا كىيىۋالغان، ئىككى پىشىغا ھەر خىل رەڭلىك تۈگمە، تەڭگىلەر تاقالغان قارا پىنجىكى بەكمۇ ياراشقان ئىدى. ئۇنى ئۆيدىكىلەر : “ ئېرىتىش “ دەپ چاقىراتتى.

ئېرتىش داستىخان راسلىدى. ئۇ ئۆينىڭ بىر ياغىچىغا باغلانغان ( بۇ ئۆيلەر تال بىلەن ياسىلىپ، سىرتى لاي بىلەن سۇۋالغانىدى ) سەل كىرلىشىپ قالغان داستىخاننى يېشىپ ئالدىمغا سالدى. داستىخان ئىچىدە توغرالغان نان، بوغۇرساقلار بار ئىدى. ئاندىن ئۇ يەنە بىر خالتىنى يېشىپ، ئىرىمچىك ئالدى، قايماق ۋە سارماي قويدى.

گاچا بىر – ئىككى چىنىلا چاي ئىچىپ بولدى قىلدى، ئۇ ئالقىنىغا بېشىنى قويۇپ، ئەيلەنگەن قوي تېرىسىنىڭ ئۈستىدە سۇنايلىنىپ ياتتى. مەن ۋە ھېلىقى چوڭ ئايال، ئېرتىش ئۈچىمىز بىللە چاي ئىچتۇق. ئېرتىش بىر پۇتى بىلەن يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ساماۋەردىن چاي تەڭشەپ، ماڭا سۇنغاندا، ئۇنىڭ چىرايىدا يېقىملىق بىر تەبەسسۈمنى ھېزىپ قالاتتىم. ياش ۋاقتىمدا مەنمۇ كىلىشكەن يىگىت ئىدىم، چاچ – ساقاللىرىمنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن مەن ئاستا – ئاستا ئەسلىمگە كەلگەنىدىم.

چاي ئىچىلىپ بولدى. ھېلىقى ئايالمۇ، گاچىمۇ سىرتقا چىقىپ كەتتى. بايا بىرى كەلگەندەك قىلغانىدى. ئېرتىش ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق. ئۇ ئاستا ئاۋازدا ئۆز ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى، ماڭا ئېچىندى:

ـ بۇ ئەتراپنىڭ ھەممىسىدە باتۇرنىڭ ئادەملىرى بار، سېنى ئېلىپ كەلگەن ئەھمەد باتۇر بۇ جىندى ( ساراڭ ) نىڭ ئاكىسى. ئۇنىڭ قول ئاستىدا نۇرغۇن ئادىمى بار، ئاشۇ باتۇر مېنى بۇ جىندى ئىنىسىغا چاتقان. ئاپام يالغۇز، ئېرتىش بويىدا قالدى، بارغۇزمايدۇ، ئاپامنى تولا ئويلاپ يىغلايمەن… مەن مەيلى، بىراق سەن قانداق قىلارسەن، ياش ئىكەنسەن، بۇلار سېنى ئۆلتۈرۋېتىدۇ.

ـ مەن مىللى ئارمىيەنىڭ جەڭچىسى، ئۆلۈمدىن قورقمايمەن ئېرتىش، نەچچە ئۆلۈپ تىرىلدىم، مەن قىسمىمنى تاپىمەن، جەڭ قىلىمەن، قۇيرۇچۇقلارنى يوقاتقاندا سەنمۇ ئازاد بولىسەن، ئاپاڭنىڭ قېشىغا بارالايسەن!…

ـ راستمۇ، شۇنداقمۇ بولارمۇ؟

ـ بولىدۇ، بىزنىڭ ئارمىيەمىزگە ھېچقانداق دۆشمەن تەڭ كېلەلمەيدۇ، بىز شۇنداق كۈچلۈك گومىنداڭنى يوقاتتۇق، ئوسماننىڭ تۆت توك – توك قۇيرۇچۇقى نېمە؟ ئىلىدىن بىزنىڭ جەڭگىۋار، چوڭ قوشۇن كېلىۋاتىدۇ. پات يېقىندا ئاپاڭ بىلەن كۆرۈشىسەن. پۈتۈن ئالتاينى ئازاد قىلىمىز.

_ ئوسمان باتۇرنى يېڭەلەمدۇ؟ ئۇنىڭ نەچچە مىڭ ئەسكىرى بار دەيدۇ.

ـ يېڭىدۇ، چوقۇم يېڭىدۇ. قاراپتۇر، مېنى راست سۆزلەپتىكەن دەپ قالىسەن شۇ چاغدا…

ئۇنىڭ غەمكىن چىرايىغا ئۈمىد ۋە خوشاللىق شولىسى قوندى. ئۇ ماڭا قاراپ يېقىملىق كۈلۈمسىرىدى. مېنىڭمۇ قانلىرىم قىزىدى. گاچا كىردى. ئېرتىش ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشىك يېنىدىكى قازان تۈۋىدە ئۆي ياغىچىغا يۆلەپ قويغان بىر يوغان، سېرىق مانتا كاۋىسىنى كۆتۈرۈپ كەلدى ۋە ماڭا:

ـ بۇنى قانداق يەيدۇ، بىلەمسەن ؟ ـ دېدى.

ـ بىلىمەن، مانتا قىلىپ يەيدۇ، پىشۈرۈپ يەيدۇ.

ئېرتىش ھەيران بولغان ھالدا يەنە سورىدى:

ـ مەنتە، ئۇ قانداق نەرسە؟

ـ تاماق، يەيدىغان ئېسىل تاماق. بۇنى ئاقلاپ ئۇششاق توغرايسەن، ئاندىن ئۇششاق توغرالغان گۆش – ماينى ئۇنىڭغا ئىلەشتۈرۈپ، خېمىردىن جىلتا ئېچىپ، ئاشۇ ئالقاندەك جىلتىغا تۈگىسەن. ئاندىن قازان ئۈستىدىكى سۇ ئۈستىگە جىمبىل قويۇپ، مانتىنى جىمبىلغا تىزىسەن. سۇنى قايناتساڭ، مانتا سۇنىڭ ھورىدا پىشىدۇ.

ـ ھوردا پىشىدۇ؟ ھوردىمۇ تاماق پىشامدۇ، بىزنى ئەخمەق كۆرمە!

ـ راست، ئەخمەق كۆرگىنىم يوق، يالغان ئېيتمىدىم، مانتا ھوردا پىشىدۇ. ئىشەنمىسەڭ ھەر قانداق ئۇيغۇردىن سوراپ باق.

ـ ئەمسە بىزگە مەنتە پىشۈرۈپ بەر، مەن گۆش توغراپ بىرەي.

ـ بىراق، سىلەردە جىمبىل يوقتە.

ـ نېمە ئۇ جىمبىل دېگەن؟

ـ مانتا پىشۈرۈدىغان نەرسە.

ـ ئۇ قەيەردە بار؟

ـ شەھەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە بار. ئەڭ ياخشىسى جىمبىل بولمىغاندىن كېيىن مەن كاۋىنى قازاندا پىشۈرۈپ بېرەي.

كاۋا پىشقانداق ئۇلار كاۋىنى يەپ “ تاتلىق ئىكەن “ دېيىشىپ خوشال بولۇپ كېتىشتى. مەن تەرەتكە چىقماقچى بولۇپ، ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم. گاچا بىر نېمىلەرنى شەرەتلەپ، يولۇمنى توسۇۋالدى. مەن ئۇنىڭغا تەرەتكە چىقىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇردۇم، ئەمما ئۇ غەرەز ئۇقمايدىغان، جاھىل گاچا ئىكەن. مېنى قېچىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك ئارىغا كىرگەن ئېرتىشنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغىمۇ پىسەنت قىلماي ئىشىكنى مەھكەم توراپلا تۇردى. ئاچچىقىم كەلدى. ئېرتىش يەنىلا يالۋۇرۇپ ئۇنىڭغا شەرەتلەۋاتاتتى. غەزەپتە بىر تەپكەنىدىم، ئۇ گاچا ئوڭدىسىغا چۈشۈپ، ئىشىكتە ئۇزۇنىسىغا يېتىپ قالدى. ئۇنىڭ يېرىم گەۋدىسى تالادا، بىلىنىڭ تۆۋىنى ئۆيدە بولۇپ قالدى.

ئەتراپنى چارلاپ يۈرگەن قۇيرۇچۇقلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قالدى، ئۇلار مېنى سۆرەپ ئاپىرىپ يۇلغۇنغا باغلاپ قويدى.

كەچ كىردى. بۇ تۈزلەڭ ۋادا قاراڭغۇلۇق قوينىغا ئاستا – ئاستا كىرىپ كەتتى. كەچنىڭ سوغۇقى تېنىمنى مۇزلىتىشقا باشلىدى. شۇ چاغ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن بىرسىنىڭ شىپىلدىغان بوش ئاياغ تىۋىشى كەلدى، ئاندىن ئۇ ئىتتىك يېنىمغا كېلىپ، باغلاقنى يېشىشكە باشلىدى:

ـ ئېرتىش!…

ـ ئۈندىمە! ـ دېدى ئۇ، ـ مەن ئۇلارغا: “ بۇ ئولجىنى ئەھمەد باتۇر بىزگە بەرگەن، بۇ يەردە ئۆلۈپ قالسا سىلەر جاۋاب بېرىسىلەر، مەن ئەھمەد باتۇرغا ئېيتىمەن دەپ سېنى ئاران سورىۋالدىم. تېز بول!…

يەنە ئىسسىق ئۆي، يەنە داستىخان ۋە گۈزەل ئېرتىش! تۈن نەگە كەتتى، بىلمىدىم، ئۇخلىيالمىدىم. بېشىمغا كېلىۋاتقان، كىشىلەرگە دېسە ئىشەنمەيدىغان بۇ قىسمەتلىرىمنى ئويلاپ ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ تولغىناتتىم. ئېھتىمال، تاڭ ئېتىشقىمۇ ئاز قالغاندۇ، كېچە غايەت تىنچ بولۇپ كەتكەنىدى، پەقەت بۇ تۈزلەڭ ۋادىنىڭ  ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتكەن بۇرۇلتوقاي دەرياسىنىڭ ئەنسىز شارقىراشلىرى كېچە تىنىقىنى بۇزۇپ تۇراتتى. شۇ چاغدا، تۇيۇقسىز يوتقىنىم ئىچىدە يۇمشاق ۋە ئىسسىق بىر تەن تېنىمگە چاپلاشتى: ئېرتىش!…

ئېرتىش مېنى سۆيەتتى ۋە يىغلايتتى. قۇيرۇچۇقلار مېنى ئۆلتۈرۈۋىتىشنى ئاياللارغا ئېيتقان بولسا كېرەك. ئەتىسى نۇرغۇن قازاق ئاياللار ماڭا قۇرۇت، نان، تېرىق ئېلىپ كېلىشتى ۋە “ ياش بالا ئىكەن، ھارام ئۆلىدىغان بولدى!…“ دېيىشىپ، يىغا – زار قىلىشىپ ئاللا – توۋا سېلىشتى. مەخسۇم دېگەن بىر ئادەم ئون نەچچە تۇخۇم بىلەن توغاچ ئەۋەتىپتۇ. ئاياللار، ئۇششاق بالىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى. ئەتراپىمدىكى ئاياللارنىڭ يىغا – زارىسى، ئاللا توۋىسى، ئۆلەڭ ھازىسى ئۈزۈلمىدى. ئۇلار تولىمۇ مېھرىبان ئىدى، بەزىلىرى باش – كۆزۈمنى سىلىشاتتى، ئۆلەڭگە قوشۇپ يىغلىشاتتى. ئۇلارنىڭ مېھرىبانلىقىدىن تەسىرلىنىپ مەنمۇ ئۆپكىدەپ يىغلاپ كەتتىم… ئېھ- ئانا، ئانا، گەرچە مەن ئانامنى كۆرمىگەن بولساممۇ، مانا مۇشۇلار ھەممىسى مېنىڭ ئانام، مېنىڭ مېھرىبانىم، غەمگۈزارىم، ئۇلار مېنىڭ كۆز ياشلىرىمنى كۆرۈپ تېخىمۇ قاتتىق يىغلىشىپ كەتتى، ئۇلار مېنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىمگە چىدالمايۋاتاتتى…

قوياش تاغقا باش قويدى. ئاياللارنىڭ دوئاسى ۋە قان يىشى بىلەن مەن تـېخىچىلا ھايات ئىدىم. ئاسمان ۋە قۇڭۇر بۇلۇتلار كۆكسىدە سارغۇچ شەپەق نۇرلىرى ئوينايتتى. بۇ يامغۇردىن بىشارەت ئىدى.

قۇيرۇچۇقلار ئاياللارنىڭ ئاللا توۋىسىنى كۆرۈپ، مېنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىشالماي ئۆكۈزدەك يوغان بىر پالۋاننى ئاۋۇلغا باشلاپ كېلىشتى. ئۇ ئەھمەد باتۇردىنمۇ كاتتا، ئوسماننىڭ يېقىنلىرىدىن بىرى ـ مۇھەممەد باتۇر دېگەن باشلىق ئىكەن. ئۇ ئاياللارنى تارقىتىۋېتىپ، ئۆيگە كىرىپ گۆش سالغۇزدى ۋە مېنى سوراق قىلدى:

ـ سەن كىم، ئاتا – ئاناڭ، ئاۋۇلىڭچۇ؟

ـ مەن دۆربىلجىنلىك خۇدابەردىنىڭ بالىسى، ئوقۇغۇچىمەن، بۇ يەرگە قوي ھەيدەپ كېلىپ قالدىم، ـ دېدىم مەن ئۇنىڭ دۈگىلەك، قىزىرىپ تۇرغان يۈزىگە قاراپ.

ـ سېنىڭدە باشلىق كىيىم بارغۇ، ـ دېدى ئۇ قاپىقىنى تۈرۈپ.

ـ نۇسۇپقان پولكوۋنىك ئاكامنىڭ ئاغىنىسى، بۇ كىيىمنى ئۇ ئاكامغا بەرگەنىكەن، مەن كىيىۋالدىم.

مۇھەممەد باتۇر بۆرە تېرىسىگە يانپاشلىدى:

ـ يۇلتۇزۇڭ نېمە؟ ـ دېدى ئۇ چىقىر كۆزىنى ئوقتەك مۈرۈمگە تىكىپ.

ـ ھەربىي بەلگە.

ـ ناھايتى ياخشى، ـ دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ، ـ سەن جەڭ كۆرگەن بالا ئىكەنسەن. مەن سېنى باتۇرنىڭ قىشىغا باشلاپ بارىمەن. بەش يۈز ئەسكەرگە باشلىق قىلىپ سوقۇشقا سالىمەن.

ـ مەن سوقۇش قىلىشنى بىلمەيمەن. بەش يۈز ئەسكەرنىمۇ باشقۇرالمايمەن.

ـ بۇ بۇيرۇق! ـ دېدى ئۇ ئاچچىقلىنىپ، ـ سوقۇشقا بارىسەن!…

ـ ياق، مەن ئوقۇغۇچى، سوقۇشقا بارمايمەن! ـ دېدىم مەنمۇ جاھىللىق بىلەن.

مۇھەممەد باتۇر جەينەكلەپ تۇردى، ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلگەنىدى. دۈگىلەك، چىرايلىق قىزىل يۈزى تاتاردى. گۆشلۈك بۇرنىنىڭ يوغان تۆشۈكلىرى تېخىمۇ كېڭىيىپ، ئۈستىدە ئۇششاق تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى. بادام قاپاقلىرى ساڭگىلىدى، چېقىر كۆزلىرىدە غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى:

ـ مەن كىم بىلەمسەن؟ ھېچكىم مېنىڭ بۇيرۇقىمدىن باش تارتالمايدۇ. سەن جىندى ( ساراڭ ) بوپسەن. سوقۇشقا بارمىساڭ مۇشۇ يەردە چىرىپ قال، باغلاڭلار بۇنى!…

مۇھەممەد باتۇرنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغان قۇيرۇچۇقلار ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ، مېنى چەمبەرچاس باغلىۋېتىشتى. مۇھەممەد باتۇر ئۇلارغا بۇيرۇق قىلدى:

ـ جىلغىغا تاشلىۋېتىڭلار، قاشقىرلارغا يەم بولسۇن!…

ئۇلار مېنى ئۇرۇپ – دۇمبالاپ، ئۆيدىن ئانچە يىراق بولمىغان جىلغىغا تاشلىۋېتىشتى. مەن بىر نەچچە دومىلاپ، يوغان بىر تاش يېنىدا قاپسىلىپ تۇرۇپ قالدىم. تاغىقىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. بايا بىرى قاتتىق تېپىۋەتكەنىدى. شۇنىڭغا ئاغرىدىمۇ، يا تاشقا تەگدىمۇ، بىلمىدىم. ئۇستىخانلىرىممۇ ئاغرىپ كەتتى…

مەن قاتتىقراق ھەرىكەتلىنىشكە ئېھتىيات قىلاتتىم. چۈنكى سەللا قاتتىق ھەرىكەت قىلسام جىلغا ئاستىغا دومىلاپ چۈشۈپ كېتەتتىم.

يامغۇر سىمىلداشقا باشلىدى. ئېڭەك يۈزلىرىم نەم تاش – شېغىلغا پېتىپ كەتتى. پۇت – قوللىرىم كۈيۈشۈپ قالدى، شۇ ھالەتتە قانچىلىك ياتتىم، بىلمەيمەن. ئەگەر بۇ قاراڭغۇ، نەم جىلغىدا تاڭ ئاتقۇچە ياتسام، ئەتىسى مۇزدەك قېتىپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى. تاغدا كېچىسى قاتتىق سوغۇق بولاتتى. يېقىنلا يەردىن قازاق ئىتلىرىنىڭ ئۈزۈك – ئۈزۈك ھاۋشىشلىرى، يىراقتىن، قەيەرلەردۇر بىر يەرلەردىن بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىشىۋاتقان ۋەھىمىلىك  ئاۋازى كېلەتتى. ئۇ بۆرىلەر بەلكىم يېقىنلا يەردىدۇر، ماڭا شۇنداق ئاڭلىنىۋاتىدۇ، ئېھتىمال، جىلغىنىڭ بېشىدا بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار مېنىڭ ئىسىمنى ئېلىپلا قالسا ئوقتەك ئۇچۇپ كېلىشەتتى.

مەن يېرىم ھوشسىز ھالدا مەيدەمنى نەم چۆپكە تىرەپ دۈم ياتتىم، مەيدەم ئىششىپ كەتتى. سەزگۈلىرىم پالەچلىنىپ قالغاندەك ئىدى. يامغۇر تېخىمۇ ئىتتىكلەۋاتاتتى. بوينۇمدىن كىرگەن سوغۇق يامغۇر تامچىلىرى مەيدەمگە چۈشۈپ ئىچىمنى تىتىرىتىۋاتاتتى…

ئاۋۇل تىمتاسلىققا چۆمدى. ئىتلارنىڭ ئاۋازىمۇ توختاپ قالدى. جىلغا ئىچى تېخىمۇ قاراڭغۇلىشىپ كەتكەندەك سېزىلدى. بۇرنۇمغا يامغۇر ئارلاش نەمخۇش توپىنىڭ، چىرىگەن ئوت – چۆپلەرنىڭ، يەنە قانداقتۇر غەيرى پۇراقلار ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. يامغۇردا دۈمبەم مۇزلاپ كېتىۋاتاتتى، ئېڭىكىمنى ئۇششاق تاشقا تىرەپ، قاتتىق كۈچىنىپ يانچە بولۇۋالدىم ۋە تۈگۈلۈپ ياتتىم. تىتىرەشكە باشلىدىم. كېيىن نېمە بولدى، بىلمىدىم. بىرى مۈرەمنى يېنىك تارتقاندەك قىلدى. ئاندىن كۈچەپ ئولتۇرغۇزدى ۋە باش – كۆزۈمنى سىلاپ كەتتى. ئۇنىڭ بىشىدىن تۆكۈلىۋاتقان يامغۇر تامچىسى بىلەن يېقىملىق بىر ھىد بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى:

ـ جانىم يىگىتىم، كۆزۈڭنى ئاچ!…

كۆزۈمنى تەستە ئاچتىم ۋە پىچىرلىدىم:

ـ ئېرتىش!…

ئۇ باش – كۆزۈمنى سىيلاپ، مېنى قۇچاقلاپ سۆيدى – دە، ئاندىن جىددىي ھالدا مۇنداق دېدى:

ـ يىگىتىم، مەن ھازىر جېنىمنى تىكىپ بۇ يەرگە چىقتىم. مەن چىدالمىدىم. مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. سەن ئۆلسەڭ مەنمۇ ئۆلىمەن. سەن ئاق كۆڭۈل يىگىت ئىكەنسەن. سېنى قۇتقۇزىمەن، لېكىن سەن ماڭا سۆز بەر، ئانت ( قەسەم ) بەر، سەن ئالتاينى ئازاد قىلغاندا مەن بۇ جىندى ( ساراڭ ) دىن ئايرىلىمەن، سەن مېنى شۇ چاغدا ئالالامسەن؟!…

ئۇ يەنە مېنى قۇچاقلاپ سۆيدى. مۇنداق جان ھەلقۇمىغا كەلگەندە مەن نېمە دېيەلەيتتىم!… ئەگەر ئۇ قۇتقۇزۋالمىسا مەن بەرىبىر بۇ قاراڭغۇ جىلغىدا ئۆلۈپ كېتىمەن. ئۆيلەنمەيلا كېتىمەن… ئېرتىش، ئۇ جېنىدىن كېچىپ مېنى قۇتقۇزىمەن دەۋاتسا، بىر گۈزەل قىز ئۆزىنى ئاتاۋاتسا… ئاشۇ كېچىدىن باشلاپ ئۇ قەلبىمنى ئىگىلىۋالغانىدى، ئېرتىش ـ مېنىڭ “ قىز جىبەك ” ىم!…

ئۇنىڭ ئادالەتپەرۋەرلىكى، پىداكارلىقى، چىن مۇھەببىتى ماڭا “ قىز جىبەك “ نى ئەسلىتەتتى. ئۇ يىگىتى تۆلەگەننى قاراقچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاجايىپ جانپىدالىق كۆرسەتكەنىدى. مەن قازاقلارنىڭ بۇ خەلق داستانىنى ئات بىقىپ يۈرگەن ئاشۇ يىللاردا ئاق ئۆيلەردە، توي – تۆكۈنلەردە كۆپ ئاڭلىغانىدىم. مەن ئېرتىشنى كۆڭلۈمدە ئاشۇ “ قىز جىبەك “ بىلدىم – دە، ئۇنىڭغا سۆز بەردىم. ئانت ( قەسەم ) ئىچتىم!…

ئۇ مېنى يېشىۋەتتى، تۇردۇم، سەنتۈرۈلۈپ، مۈدۈرۈپ، ئاستا – ئاستا ئەسلىمگە كەلدىم. بىز يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي قۇچاقلىشىپ، ئۇزۇنغىچە باغرىمىزنى يېقىپ، بىر – بىرىمىزنى قويۇۋەتمىدۇق…

ئەتىسى خامان سورىدىم، ئېرتىش ھەربىي كىيىملىرىمنى سالدۇرۋىتىپ، بىر ئەسكى جۇۋىنى كىيدۈرۈپ قويدى. داكومىنتلىرىمنى ئۇنىڭغا ساقلاشقا بەردىم. بىر نەچچە كۈن خامان سورىدىم. بىر كۈنى بىزنىڭ قىسىمدىن ئەسىرگە چۈشكەن ئون توققۇز نەپەر جەڭچىنى قۇيرۇچۇقلار خامانغا ھەيدەپ كەلدى. ئۇلار مېنى كۆردى ۋە تونۇدى. بەزىلىرىنىڭ ماڭا قاراپ ئېتىلغۇسى بار ئىدى، مەن بەلگە بېرىپ، ئارقامنى قىلىۋالدىم. بۇ يەردە كۆرۈشۈش خەتەرلىك ئىدى.

خاماننىڭ ئىشىمۇ ئاياغلاشتى، بىزنى باشقا جايغا يۆتكەيدىغان بولدى. ھاۋا ئوچۇق بىر كۈنى بىزنى يالاپ ئېلىپ ماڭدى. نەگە، نېمە قىلغىلى، ئۆلتۈرگىلىمۇ، ئىشلەتكىلىمۇ؟… بىلمەيتتۇق. ئۇلار بىزنى قارا ئېرتىش بويىغا ئېلىپ كەلدى. ئېرتىش ـ ئامرىقىم مېنى ئۇزىتىپ قارا ئېرتىشقىچە بىللە كەلدى. ئۇ بىر خالتىدا قۇرۇت، يەنە بىر خالتىدا سۆك، تېرىق نان ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ، كېچىچە يىغلاپ چىققىنى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ خالتىلارنى ماڭا بېرىۋېتىپ:

ـ سۆزۈڭنى ئۇنتۇپ قالما! مەن سېنى چوقۇم تاپىمەن، سېنى كۈتىمەن! ـ دېدى – دە، كۆزىگە لىققىدە ياش ئالدى ۋە كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىككى قولى بىلەن كۆزلىرىنى ئۇۋلىۋەتتى. كۆڭلۈم داۋالغۇپ كەتتى.

ـ ئۇنتۇمايمەن ئېرتىش جانىم، مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى قەسىمىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ! ـ دېدىم ئۇنى خاتىرجەم قىلىپ.

ئۇ خاتىرجەم بولغاندەك يېقىملىق كۈلۈمسىرىدى، ئەمما چىرايلىق كۆزلىرىدە يەنىلا ياش لىغىرلاپ تۇراتتى. بىز بىر – بىرىمىزگە تىكىلىپ، قانماي خوشلاشتۇق:

ـ خەير ئېرتىـش، مېنىڭ “ قىز جىبەك “ ىم، ۋاپادارىم!…

بۇ رىۋايەت ئەمەس …… بىرىنچى باب

بۇ رىۋايەت ئەمەس …… ئىككىنچى باب

بۇ رىۋايەت ئەمەس …… ئۈچىنچى باب

بۇ رىۋايەت ئەمەس …… تۆتىنچى باب

 بۇ رىۋايەت ئەمەس …… ئالتىنچى باب

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1728

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-05-25
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تارىختىن سۆز
ئىنكاس: 4دانە
  1. ئاخىرىنى قاچان يوللايسىز؟…………………….. تىزرەك يوللاڭ… :gl:

    • بولىدۇ، ساقلىتىپ قويغىنىمىز ئۈچۈن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمىز. تور خاتىرىمىزنى پات – پات زىيارەت قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

  2. راست، دېمىسىمۇ بەشىنچى باب بىلەن ئالتىنچى بابنىڭ ئارلىقى بەك ئۇزراپ كەتتى. تېزراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن…

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: