![]() |
ئىسراپچىلىقلىرىمىزغا ئېچىنىمەن
مەخمۇتجان يانتاق
ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى تويۇنىشىمىز بىزنى بۇزۇۋاتامدۇ قانداق، كىشىلەر روھىدىكى بۇ ناچار ئادەت ۋە مەنىۋى چىركىنلىكلەر ئاۋۇغىلى تۇردى. بۇنى يىمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزدىكى ئىسراپچىلىقلاردىنمۇ كۆرۈۋىلىش مۇمكىن.
ئاچارچىلىق دەۋرىدە كىشىلەرنى تارتقان جەبىر – جاپالىرى ھەققىدە بۇۋامنىڭ ئىيتقانلىرى ھىلىمۇ ئىسىمدە. بۇۋام باشقىلارنىڭ ناننى تاشلىغانلىقىنى، نەۋرىلىرىنىڭ تاماق تاللايدىغانلىقىنى كۆرسە ئاچارچىلىق بولغان يىللارنى ئەسلەپ ھەممىمىزگە تەربىيە بىرەتتى. شۇڭا، ھازىر ناننى خارلايدىغان، تاماق تاللايدىغان، ئىسراپ قىلىدىغانلارنى كۆرسەم بۇۋامنىڭ سۆزلىرى ئىسىمگە كېلىدۇ.
يىقىندا بىر خىزمەتدىشىمىزنىڭ ئۇتۇقىنى قۇتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن رېستۇرانغا جەم بولدۇق. مەن كەچلىك تاماقنى شۇ يەردە يەرمەن دېگەن ئۈمىدتە ئاچ قورساقلا سورۇنغا باردىم. بىر – بىرىمىزنى ساقلاش بىلەن خىلىغىچە تاماق تارتىلمىدى. بىر چاغدا تاماق تارتىلۋىدى قورسىقىم ئىچىپ كەتكەچكە تۈزۈت قىلمايلا چوكىنى ئىلىپ تاماققا تۇتۇش قىلدىم. ئەمما، ئەتراپىمدىكىلەر تائاملارغا قول ئۇزاتمىغاچقا مەنمۇ ئىختىيارسىز چوكامنىڭ ھەركىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدۇم. سورۇنغا كەلگەنلەرنىڭ تولىسى ئىشتىن چۈشۈپلا كەلگەنلەر بولسىمۇ، ساختا تەۋەززۇ يۈزىسىدىن قۇرۇق كىكىرىپ ئولتۇرۇپ، تائام – قۇرۇمىلار شۇ پىتى مۇزلاپ، قېتىپ تۇرىۋەردى. سورۇندىن قايىتقاندا سىرتتا تاماق يەپ ئۆيگە قايىتتىم.
ھازىر جەمئىيىتىمىزدە ئىسراپچىلىق بەك ئېغىر. بىر قىسىملارنىڭ غىزالىنىش ئادىتى كىشىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ. غىزالىنىشتىكى زىغىرلاپ ئىلغاشلار، ئۆزىگە تۇشلۇق بۇيرۇتماي، ئېشىپ قالغانلىرىنى شۇ پىتى تاشلاپ قويۇشلار، ئائىلىدىكى تاماقتىن زىرىكىپ سىرتنىڭكىنى ئەزىزلەش، ئېسىل تائاملارنىڭ ئەخلەتكە تۆكۈلۈشلىرى توقچىلىقتىن كېلىپ چىققان يامان سۈپەتلىك “ ئۆسمە “ گە ئايلاندى. بۇ ئۆسمە خىلى كۆپ كىشىلەرنىڭ روھى ۋە ۋۇجۇدىنى چىرماپ، ئۇلارنى ئەجدادلىرى باشتىن كەچۈرگەن ئاچارچىلىق دەۋرىنىڭ ئىچىنىشلىق تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ، ئۆزى ۋە تارىخ ھەققىدە ئويلىنىش قۇدىرىتىدىن مەھرۇم قىلماقتا.
ئەلۋەتتە، كىشىلەرنىڭ روھىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان يېمەك – ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنىڭ چىركىن ئىدىيەسىنىڭ باش كۆتۈرۈش سەۋەبلىرىنى ھەر تارەپتىن ئىزدەشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ موھىم بىر، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىڭىدا باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلەش روھى سۇسلاپ كەتتى. بۇنداق سۇسلۇق ئاقىۋەتتە شۇ كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا يامان تەسىر پەيدا قىلىپ، ئاقىۋەتتە ئۇلارنى قورسىقى تويسىلا باشقا ئىشلارنى ئانچە نەزەرگە ئالمايدىغانلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. نەتىجىدە بۇنداق كىشىلەردە ئىسراپچىلىق ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلىنىپ، ئۆزى يەۋاتقان ئاش – تاماقنى پەقەت ئۆزىگىلا مۇناسىپ دەپ قارايدىغان بىر تەرەپلىمە قاراش شەكىللىنىپ قالدى. يەنە بىرى، بىر قىسىملىرىمىز ئۆزى ئىسراپ قىلىۋاتقان ئاش – تاماقلارنىڭ قىممىتىنى يانچۇقىدىكى پۇل بىلەن ئۆلچەپ، پۇل بولسىلا ھەر قانداق چاغدا غىزا تەييار دەپ قارايدۇ. ماھىيەتتە ئۇلار يانچۇقىدىكى تومپىيىپ تۇرغان ئاشۇ پۇللارنىڭ ئاچارچىلىق دەۋرى بولۇپ قالسا قىلچە كۈچى قالمايدىغانلىقىنى، بىر بۇردا زاغرىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ كېرەكسىز قەغەزگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىمايدۇ.
دەرۋەقە، ھازىرقى توقچىلىق ۋە راھەت – پاراغەت ئىلىپ كەلگەن ھوزۇر – ھالاۋەتلىك تۇرمۇش نۇرغۇن كىشىنى مەڭدىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىسىنى يوقىتىپ قويدى. ئۇلار بۇنداق توقچىلىق ۋە ھۇزۇر – ھالاۋەتتىن مەغرۇرلىنىدىغان كىبىرانە تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئىسراپخۇرلۇققا بېرىلمەكتە. دېمىسىمۇ ھازىر بازارلاردا توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسە تىپىلىدۇ، ياسىداق ئاشخانىلار، تورتخانىلار، چايخانىلار ئۆزگىچە مۇھىت، يېڭىچە تەم بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇرۇپ، كۆڭلىمىز نېمىنى تارتسا شۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىدىغان بولدۇق. بۇنىڭ بىلەن بىزمۇ قەيەردە نېمە يېڭى، نېمە مودا بولسا شۇنىڭغا يۈگۈرىدۇق. قورساققا خەجلىگەنگە نېمە بوپتۇ دەپ، ئەرزان – قىممىتى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمىدۇق. ئائىلە مىھماندارچىلىقلىرىمىزمۇ شۇ جايلاردا يىغىشتۇرۇلىدىغان بولدى.
ئىللەتنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى بىر مىللەت ئۈچۈن زور پاجىئەدۇر. ھەر قانداق جەمئىيەتتە ئىللەت ئىجتىمائىيلاشسا ئۇنىڭ تەسىرى بەزىبىر ئادەت – يۇسۇنلارنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىجتىمائىيلاشقان ۋە ئادەتكە ئايلانغان ئىشنى يىغىشتۇرماق مۈشكۈل. ئۇ بىزدىن نۇرغۇن بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ھەممەيلەن بۇنداق ناچار ئادەتلەرنىڭ قۇلى ۋە پەرۋىشكارىغا ئايلىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم. يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى “ بىزدىكى ئىسراپچىلىق “ ناملىق ماقالىسىدە “ سىرتلاردا يېمەك – ئىچمەكنى سېسىق كېكىرىپ كەتكۈدەك ئەمەس، يەپ بولالىغۇدەك بۇيرۇتساق؛ كۆزىمىز بىلەن قارنىمىزنىڭ تويۇش دەرىجىسىنى مۆلچەرلەپ بولالمىساق، ئېشىپ قالغانلىرىنى چوقۇم ئۆيىمىزگە ئېلىپ كتىپ يېسەك؛ ئائىلىلەردىمۇ ئائىلە ئەزالىرىغا مۇۋاپىق غىزا – تاماق ئەتسەك، ئاشۇرۇپ قويمىساق ياكى ئاشقان يېمەك – ئىچمەكنى تاشلىۋەتمىسەك بولىدىغۇ ! سەمىمىزدە بولۇشى كېرەككى، قولىمىزدىكى پۇل، قاچىمىزدىكى تاماق بىزنىڭ ھالال نېمىتىمىز. ئۇ قان تەرىمىز بەدىلىگە كەلگەن. ھېچكىمنىڭ ئۇنى بۇزۇپ – چىچىش، خارلاش ھوقۇقى يوق“. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، بۇ جاھاندا نازۇ – نېممەت ۋە يېمەك – ئىچمەكلەر ئىنسانلارنىڭ بۇزۇپ – چىچىپ، ئىسراپ قىلىشى ئۈچۈن يارالغان ئەمەس. ئۇلار بىزنىڭ بۇجاھاندىكى ئىنسانلىق پەزىلىتىمىز ۋە ئىنسانلىق قىممىتىمىزنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى ئۈچۈن يارالغان. بۇلارنى قەدىرلىمىسەك، ئۇنىڭ خورلىقىنى تارتماسلىققا ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەيدۇ. شۇڭا، بىلەيلىكى، يېيىش – ئىچىش ئالىي ھوقۇقىمىز، بىراق، بۇزۇپ – چىچىش ۋە ئىسراپ قىلىش بىزنىڭ ئەڭ چوڭ جىنايىتىمىزدۇر.
بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1227
بەزى ئشلاغا نىمە دىگۇلۇك .بەزى بايلار با ،پۇلىنى قوينىغا بىسىپ ياتىدىغان .ئەجىبا ئۇلار ئۆلسە پۇلنى گۆرىگە تىزامدىكىن تاڭ ………