تۇرمۇش خاتىرىسى

تۇرمۇشىمىزدىكى ئەدەپ-پەرھىزلەردىن ئۈزۈندىلىك بايان

ھەر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدا ئىجتىمائىي ئەخلاق سۈپىتىدە ئىزچىل تەرغىپ قىلىنىپ كېلىۋاتقان ئەدەپ- قائىدىلىرى، شۇنداقلا يامان ئېلىنىدىغان قىلمىش-ئادەتلىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىپادىسىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئەدەپ- ئەخلاققا يات بولغان بولمىغۇر قىلمىش- ئادەتلەر«يامان بولىدۇ» دېگەن ئەقىدە بويىچە تەقىپلىنىپ، يامان ئېلىنىدىغان بىر تۈركۈم پەرھىز-چەكلىمىلەر بارلىققا كەلگەن. تۇرمۇشىمىزدا يامان ئېلىنىپ كېلىنىۋاتقان پەرھىز- چەكلىمىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەنئەنىۋى مىللىي ئەخلاق مىزانىمىز ئاساسىدا، بىر قىسمى ئىسلامىيەت ئەخلاق مىزانى ئاساسىدا تەقىپلەنگەن بولسىمۇ، ئۇ قەدىمكى مىللىي ئەنئەنىمىز بىلەن مۇجەسسەملىشىپ مىللىي ئەخلاق مىزانىمىزنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. تۆۋەندە تۇرمۇشىمىزدىكى بىر قىسىم ئەدەپ-پەرھىزلەرنى تونۇشتۇرىمىز.
1) سالاملىشىش ۋە چوڭلارنى ھۆرمەتلەشكە ئائىت ئەدەپ-پەرھىزلەر
(1) ياشانغانلارنى، چوڭلارنى، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى، شۇنداقلا تەڭتۈش، تونۇش- بىلىشلەرنى كۆرگەندە ئوڭ قولىنى كۆكرىكىگە قويۇپ«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!»دەپ سالام قىلىش لازىم، سالام بەرمەسلىك «ئەدەبسىزلىك»، «ھاكاۋۇرلۇق» دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(2) ئەرلەر توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىمگە بارغاندا، قوش قوللاپ كۆرۈشۈش لازىم، بر قول بىلەن كۆرۈشۈش ئەدەبسىزلىك، تەكەببۇرلۇق سانىلىدۇ.
(3) ئىشىك ئالدى ياكى يېقىن ئارلىقتا تونۇش- بىلىشلەر ئۇچرىشىپ قالغاندا، سالاملاشقاندىن كېيىن، «ئۆيگە باشلاي»، «خىزمەتلىرىدە بولاي» دېيىش لازىم، بولمىسا «قىزغانچۇق»، «ئادەمگەرچىلىكى يوق» دەپ ئەيىپلىنىدۇ.
(4) مېھمان ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆيگە «ئەسسالام» دەپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، «ئاللاھۇئەكبەر» دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ياكى يېرىم تۇرۇپ ئاندىن ئولتۇرۇشى لازىم. بۇ بېرىش- كېلىشتە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسلىق ئەدەپ-قائىدەدۇر. بولمىسا «قائىدىسىز»، «ھاكاۋۇر» دەپ ئەيىبلىنىدۇ.
(5) كىچىكلەر چوڭلارنى «بوۋا، موما، دادا، ئانا(ئاپا)،تاغا، ھامما، ئاكا، ئاچا» دەپ ئاتىشى لازىم، بىۋاستە ئىسمىنى چاقىرىش«ئەدەبسىزلىك»، «تەربىيە كۆرمىگەنلىك» دەپ قارىلىدۇ. چوڭلار كىچىكلەرنى «بالام، ئوغلۇم، قىزىم» دەپ ئاتىشى لازىم، بولمىسا«ئالجىغان»، «قېرىغىنىنى تۇيمىغان» دەپ ئەيىپلىنىدۇ.
(6) سىرداش دوست- ئاغىنىلەردىن باشقىلار ئادەتتە بىر- بىرىنى «سىز»، «سىلى»… دەپ ئاتىشى لازىم، «سەن» دېيىلسە «كۆزگە ئىلمىغانلىق»، «پەس كۆرگەنلىك» دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(7) كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان، سەپەردىن كەلگەن ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- ئاغىنىلەر كۆرۈشكەندە چوڭلار ۋە تەڭتۇشلەر قۇچاقلىشىپ مەڭزىنى- مەڭزىگە يېقىپ كۆرىشىدۇ، كىچىكلەرنى بولسا بېشىنى باغرىغا بېسىپ پىشانىسگە سۆيىدۇ. ئاياللار-چوڭلار ۋە تەڭتۇشلەر مۇرىلىرىنى تۇتۇشۇپ بىر- بىرى بىلەن يۈزىنى- يۈزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ، بولمىسا «كۆيۈمسىز»، «مېھرى يوق»، «باغرى قاتتىق»، «كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن» دەپ ئەيىپلىنىدۇ.
(8) ياشانغانلارنىڭ، چوڭلارنىڭ، ئاتا- ئانىنىڭ، قېيىنئاتا-قېيىنئانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ. ناۋادا ئىلاجىسىز ئۆتۈشكە توغارا كەلسە «ئالدىڭىزدىن ئۆتۈپ قويدۇم» دەپ ئەپۇ سورىلىدۇ. ئاياللار ئەرلەر تۇرغان يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە، ئەرلەرنىڭ كەينىدىن ياكى ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈشى لازىم.
(9) توپلىشىپ بىر ئۆيگە كىرگەندە ياكى يول يۈرگەندە، چوڭلارغا يول بېرىلىدۇ، چوڭلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىش ياكى ئۆيگە چوڭلارنىڭ ئالدىدا كىرىۋېلىش چوڭلارغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ.
(10) چوڭلارنىڭ، ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىش ۋە باشقا كەيپىي ئىشلارنى قىلىش ئۇلارغا قاتتىق ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ.
2) يېمەك- ئىچمەك ۋە تازىلىققا ئائىت پەرھىزلەر
(1) ئۇيغۇرلاردا ئۆرە تۇرۇپ ياكى مېڭىپ يۈرۈپ تاماق يېيىش يامان ئېلىنىدۇ.
(2) غېزا-تاماقنى تولۇق ھەم پاكىز يېيىش، بۇزۇپ- چېچىپ ئىسراپ قىلماسلىق لازىم، بولمىسا«ئادەمنىڭ رىسقى قالىدۇ»، «ئادەمنىڭ رىسقى كالتە بولىدۇ» دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(3) ئۇيغۇرلار چوشقا، ئېشەك-قېچىر، ئىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنى «ھارام» دەپ گۆشىنى يېمەيدۇ، قوي-كالىلارنىڭمۇ رەسمىي بوغۇزلانغانلىرىنى يەيدۇ، قېنىنى ئىچمەيدۇ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننىمۇ يېمەيدۇ.
(4) تاماقتىن بۇرۇن، چوڭ- كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش لازىم، بولمىسا «تەبىئىتى يوق»،«مەينەت»دەپ ئەيىپلىنىدۇ.
(5) يۈز- كۆزنى سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ يۇيۇش لازىم، بولمىسا «يۇندىدا يۈز يۇغانغا باراۋەر» دەپ قارىلىدۇ.
(6) قول يۇغاندا، بولۇپمۇ ساھىپخان مېھماننىڭ قولىغا سۇ ئالغاندا، قولنى سىلكىمەي لۆڭگە ياكى قولياغلىققا ئېرتىش لازىم، قولنى سۈرۈتمەي سىلكىش ئەيىپ ئىشلار بولۇپ سانىلىدۇ.
(7) ئىشىك ئالدىغا كىر سۈيى، يۇندا تۆكمەسلىك لازىم، ئەكسىچە بولسا «ئادەمنى مەينەت باسىدۇ»، «ئادەمنى سوغۇق تەلەت قىلىدۇ» دەپ قارىلىدۇ.
(8) ئوچاق بېشى، قۇدۇق بېشىغا كىر ۋە قول چايقايدىغان داس قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇشقا، قۇدۇق ۋە سۇ ئىدىشىغا چېلەك، ساپلىق- نوگديدىن باشقا نەرسىلەرنى سېلىشقا بولمايدۇ.
(9) قۇدۇق، ئېرىق-ئۆستەڭ بويىغا ھاجەتخانا، قوتان سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
(10) ئىشىك ئالدى، ھويلا- ئارام، ئۆيگە ياكى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلسا (كىچىك بالا، ئاغرىقلار بۇنىڭ سىرتىدا) «تەبىئەتسىزلىك»، «ھاياسىزلىق» دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(11) ئۆيدە ئەخلەت قوندۇرماسلىق لازىم، ئەخلەت قونۇپ قالسا «بەركەت قاچىدۇ» دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(12) چاچ-ساقال، بۇرۇت، تىرناقنى ۋە ئەۋرەت مويى، قولتۇق مويىنى زىيادە ئۆستۈرىۋېتىش «يامان بولىدۇ» دەپ قارىلىدۇ.
(13) چوڭلار ۋە بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل- قىزلار چۈشىدە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ھۇزۇرلانغان بولسا غۇسلى قىلىش كېرەك، غۇسلى قىلمىسا «يامان بولىدۇ»، «ئادەمنى پالاكەت باسىدۇ» دەپ قارىلىدۇ.
3) مېھماندارچىلىق ۋە داستىخان ئۈستىدىكى ئەدەپ-پەرھىزلەر
(1) ئۆيگە مېھمان كىرىپ كەلسە ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ مېھمانغا ئۆز ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ۋە ئورۇن بوشىتىپ تۆرگە باشلاش لازىم، بولمىسا ئەدەبسىزلىك، ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ.
(2) ئۆيگە كەلگەن مېھماننى كۈتىۋېلىش ۋە ئۇزۇتۇپ قويۇشتا ئىشىك ئالدى ياكى دەرۋازا سىرتىدا كۈتىۋېلىنىدۇ، ئۇزۇتۇپ قويىلىدۇ، ئىشىكتىن چىقماي مېھمان كۈتىۋېلىش- ئۇزۇتۇپ قويۇش مېھمانغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ.
(3) مېھماندارچىلىقتا ئېيتقان يەردىن قالماسلىق، ئېيتمىغان يەرگە بارماسلىق لازىم. ئېيتقان يەرگە بارماسلىق قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، ئېيتمىغان يەرگە بېرىش قېلىنلىق ۋە تەمەخورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ. «ئېيتقان يەردىن قالما، ئېيتمىغان يەرگە بارما» دېگەن ماقال شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن.
(4) مېھماندارچىلىقتا بالا ئەگەشتۈرۈپ بېرىش يامان ئېلىنىدۇ، چۈنكى بالىلارنىڭ غوۋغا، جوداسىدا مېھماندارچىلىقمۇ كۆڭۈللۈك بولمايدۇ. بالا ئاپارغۇچىمۇ ئارامخۇدا، بەھۇزۇر ئولتۇرالمايدۇ. «تويغا باساڭ تويۇپ بار، بەش بالاڭنى قويۇپ بار.» دېگەن ماقال شۇنداق ئادەتكە قارىتا مەيدانغا كەلگەن.
(5) چوڭلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغاندا، تاماققا چوڭلاردىن بۇرۇن قول ئۇزۇتۇش ئەدەبسىزلىك بولىدۇ. مېھمانغا چاي-تاماق قويۇلۇپ ساھىپخان «قېنى ئالىلى، باقىلى» دەپ تەكلىپ قىلمىغۇچە ئالدىراپ چاي- تاماققا قول ئۇزۇتۇش «ئەدەبسىزلىك»، «قائىدە بىلمىگەنلىك» بولىدۇ.
(6) مېھمان پۇتىنى ئارۋاڭ- سارۋاڭ سۇنۇپ ئولتۇرماسلىقى، بولۇپمۇ داستىخانغا قارىتىپ پۇتۇنى سۇنۇپ ئولتۇرماسلىقى لازىم، ئەكسىچە بولسا ساھىپخانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ. چوڭلار ئالدىدا پۇتىنى سۇنۇپ ياكى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشمۇ «ئەدەبسىزلىك»، «ھۆرمەتسىزلىك» ھېسابلىنىدۇ.
(7) ياشانغان ئادەملەر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغاندا، يالاڭباشتاق ئولتۇرۇش، شۇنداقلا نەزىر-چىراق، ئۆلۈم-يېتىم مەرىكىلىرىگە يالاڭباشتاق بېرىش باشقىلار تەگەيدىغان ئىشلار بولۇپ، بۇنى جامائەت بىردەك ئەيىبلەيدۇ.
(8) مېھماندارچىلىق سورۇنىدا چوڭلارغا ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرۇش ئەيىپ ئىشلار بولۇپ سانىلىدۇ. نائىلاج ئارقىنى قىلىپ ئولتۇرغاندا، «ئارقام بولۇپ قالدى» دەپ ئەپۇ سورىلىدۇ.
(9) مېھمان ساھىپخاننىڭ ئۆيىدىكى نەرسە- كېرەكلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىقى، ئاختۇرماسلىقى، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە مېڭىپ يۈرمەسلىكى، بولۇپمۇ قىز- ئاياللار يېنىغا، قازان بېشىغا بېرىۋالماسلىقى لازىم، بولمىسا «بەتقىلىق» دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(10) مېھمانلار پاراڭلاشقاندا ئىشىك مارىماسلىق، چوڭلار گەپ قىلغاندا لوقما سېلىپ ئېغىز غېرىچلىماسلىق لازىم. گەپدانلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ كەيپىنى بۇزۇش «يامان قىلىق»، «ئاقساقاللىق»، «ئاتىكارچىلىق» ھېسابلىنىدۇ.
(11) مېھماندارچىلىق سورۇنىدا غەيۋەت- شىكايەت قىلىش يامان ئېلىنىدۇ، چۈنكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئاداۋەتلەر ئاشۇنداق غەيۋەت- شىكايەتتىن كېلىپ چىقىدۇ.
(12) تاماق سۇنۇلغاندا يېمەكلىك ياكى قاچىنى تاللاپ ئېلىش، ئۆز ئالدىدىكىنى قويۇپ باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى لوقمىغا قول ئۇزۇتۇش «ئاچكۆزلۈك» بولۇپ، ئەيىپلىك ئىشلار ھېسابلىنىدۇ.
(13) ئادەتتە مېھمان ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىقى،قاچىدا تاماق يۇقۇندىلىرىنى قالدۇرماسلىقى، تاماق ئاغزىغا تېتىمىغان تەقدىردىمۇ «ۋاي مەززىلىك بوپتۇ، ئوخشاپتۇ» دەپ مەمنۇنيەتلىك بىلدۈرۈش لازىم، بولمىسا كىشى ياراتمىغانلىق، تاماقنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ.
(14) داستىخان ئۈستىدە بۇرۇن تارتىش، مىشقىرىش، تۈكۈرۈش، يۆتۈلۈش، چۈشكۈرۈش، بۇرۇن، قۇلاق،چىش كولاش، كېكىرىش، ئەسنەپ كېرىلىش، تىرناق ئېلىش… تەبىئەتسىزلىك، باشقىلار ئەيىپلەيدىغان ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. چۈشكۈرۈش، يۆتىلىشكە توغرا كەلگەندە قولنىڭ ئارقىسى بىلەن ئېغىز بۇرۇننى توسىۋېلىش، چىش كولىغاندا ئېغىزنى ئالقان بىلەن توسىۋېلىش ئەدەبنىڭ بەلگىسىدۇر.
(15) مېھماندارچىلىق سورۇنىدا تاماققا ئىشتىھاسى بولمىسا باشقىلار غىزالىنىۋاتقاندا ئۆزرىسىنى ئېيىتىپ، باشقىلارنى غىزالىنىشقا دەۋەت قىلىش لازىم. تاماقتىن قول تارتىش ياكى ئالدىراپ قول سۈرتۈش داستىخان ئەدەبلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىق بولىدۇ.
(16) مېھمان داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن «ئاللاھۇئەكبەر»دەپ دۇئا قىلىپ، «رەھمەت» دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ياكى يېرىم تۇرۇپ ساھىپخانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش لازىم. داستىخان يىغىلماستىن (دۇئا قىلىنماي تۇرۇپ)ياكى باشقىلار تامىقىنى يەپ بولمىغاندا داستىخاندىن ئالدىراپ تۇرۇپ كېتىش ئەدەبسىزلىك بولىدۇ.
(17) مېھماندارچىلىقتا تالاغا چىقىش ياكى بالدۇر قايتىش زۆرۈريىتى بولغاندا يېنىدىكىلەرگە ئۆزرە ئېيتىپ، ئولتۇرغانلارنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئاۋايلاپ مېڭىش لازىم. داستىخاننى دەسسەپ ياكى ئاتلاپ ئۆتۈشكە، مېھمانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ، ئۇنداق قىلىش ساھىپخان ۋە مېھمانلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ.
4) ئەقىدە-ئېتىقادقا ۋە شەيئى- ھادىسلەرگە ئائىت پەرھىزلەر
(1) ئۇيغۇرلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئوڭ ۋە سولغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. بۇ ئەجدادلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان«ئوڭ، چەپ قارىشى»نىڭ ئىپادىسى. سالام بەرگەندە ئوڭ قولنى كۆكرەك ئۈستىگە قويۇپ سالام بېرىش، مېھمانغا چاي، تاماق قويۇش، سوۋغات تەقدىم قىلىش ياكى بىر نەرسە بېرىشتە ئوڭ قول بىلەن بېرىلىشى شەرت. سول قول بىلەن بېرىلسە مېھماننى كۆزگە ئىلمىغانلىق، ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. ئۆيگە كىرىش-چىقىشتا ئالدى بىلەن ئوڭ پۇتنى كۆتۈرۈپ بوسۇغىدىن ئاتلايمىز، ئات- ئۇلاققا مىنگەندە ئالدى بىلەن ئوڭ پۇتنى ئاتىلدۇرۇپ ئاندىن مىنىمىز، كىيىم كىيگەندىمۇ ئالدى بىلەن ئوڭ تەرەپتىن كىيىمىز. بىرەر كىشىنىڭ ئىشتا پەملىكلىكى، مىجەز- خۇلقىنىڭ يېقىملىقلىقى… «ئوڭلۇق» دېگەن ئىبارە بىلەن تەرىپلىنىدۇ.
(2) پۇتنى قىبلىگە سۇنۇپ يېتىش «يامان بولىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيگە، بولۇپمۇ قىبلە تامغا ئادەم سۈرىتى ئېسىشقا بولمايدۇ.
(3) ناماز ئوقۇۋاتقاندا سەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ. ناماز ئوقۇغاندا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىش، ئەزان توۋلىغاندا پاراڭ سېلىش «يامان بولىدۇ» دەپ قارىلىدۇ.
(4) ئىسلام دىنىدىن غەيرىي دىندىكىلەرنىڭ مەسچىتكە، زاراتلىققا كىرىشى يامان ئېلىنىدۇ.
(5) كۈن، ئايغا قاراپ چوڭ- كىچىك تەرەت قىلىش،سۇغا تەرەت قىلىش، ئاسمانغا، تۇزغا، ئوتقا تۈكۈرۈش،ئەتىگەندە يۈز يۇماي تۇرۇپ كۈنگە قاراش يامان ئېلىنىدۇ. «ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسەڭ يۈزۈڭگە چۈشەر» دېگەن ماقال شۇ ئادەتتىن كېلىپ چىققان.
(6) ئەتىگەندە يىغلاش ۋە قايغۇ-قورقۇنچ ئۇقۇمىدىكى سۆزلەرنى قىلىش يامان ئېلىنىدۇ، چۈنكى ئەتتىگەندە يىغلاش، ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىش «پېشكەللىك ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ قارىلىدۇ.
(7) ئەتىگەندە ۋە ياتاردا چۈش ئۆرۈشكە بولمايدۇ، بۇنداق چاغدا ئۆرۈلگەن چۈش «ئوڭغا تارتمايدۇ» دەپ قارىلىدۇ.
(8) سەيشەنبە، جۈمە كۈنى بولۇپمۇ چۈشتىن بۇرۇن سەپەرگە چىقىشقا بولمايدۇ، چۈنكى كۈنلەر ئىچىدە سەيشەنبە قۇتسىز كۈن، شۇ كۈنى «توڭگۇزمۇ مويىنى تاشلىمايدۇ»؛ جۈمە كۈنى روھناتلارنىڭ سېغنىشلىق كۈنى، جۈمە كۈنى ئەجدادلار روھىغا دۇئا- تەگبىر قىلماي، توپا(تۇپراق) بېشىنى يوقلىماي بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ ھەقتە بابارەھىم مەشرەپمۇ بىر شېئىردا بىر ھەپتىنىڭ ھەربىر كۈنىگە باھا بېرىپ، پەقەت سەيشەنبىنى «نەس كۈن» دەپ ئاتىغان. شۇڭا بۇ ئىككى كۈندە سەپەرگە چىقىش «يامان بولىدۇ»، «پېشكەللىككە ئۇچرايدۇ» دەپ قارىلىدۇ.
(9) ئۆيدىن خوشلىشىپ چىققاندىن كېيىن ئارقىسىغا يانماسلىق لازىم، ئارقىسىغا يانسا «سەپەر ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ» دەپ قارىلىدۇ.
(10) مەيلى ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- ئاغىنە بولسۇن تالادىن كىرگەندە، بولۇپمۇ سەپەر ئۈستىدىن كەلگەندە شۇ ئۆيدىكى كىچىك بالىنى ئالدىراپ قولغا ئالماسلىقى لازىم، بولمىسا «يول ئىسسىقى ئۆتۈپ ئۆچۈنۈپ قالىدۇ» دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(11) ئاياللار ئارغامچا ۋە كىر سۈيىدىن ئاتلىماسلىق لازىم. «ئارغامچىنى ئاتلىسا، ھەمراھى ئاسان چۈشمەيدىشغان»، «كىر سۈيىنى ئاتلىسا، تۇغۇتتا ھال(ئال) باسىدىغان بولۇپ قالىدۇ» دەپ قارىلىدۇ.
(12) يېڭى تۇغۇتلۇق ئۆيگە يات كىشى كىرىشكە بولمايدۇ، شۇڭا ئىشىك بېشىغا قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇلىدۇ. ئادەتتە تۇغۇت يوقلاپ كېلىدىغانلارمۇ ئون ئىككى ئىدىرىدىن كېيىن يوقلايدۇ.
(13) زىرائەت ۋە يۇمران ئوت- چۆپلەرنى دەسسەش ياكى يۇلۇش، بولۇپمۇ ئۈستىگە سىيىش يامان ئېلىنىدۇ، شۇنداق ئىشنى سادىر قىلغۇچى «يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ» دەپ قارىلىدۇ.
(14) چارۋا- مالنى، بولۇپمۇ قوينى ئۇرۇش- تېپىش يامان ئېلىنىدۇ، چۈنكى «قوي ئامەت- بەختنىڭ سىمۋولى» دەپ قارىلىدۇ. «ئەتىگەندە قوي ئۇچرىسا ئامەت كېلىدۇ» دېيىش ئاشۇ ئەقىدە ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن.
(15) نان پارچىلىرى ۋە تۇزنى دەسەشكە، نان سالغان ساندۇق ۋە تۇز خالتىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش نان- تۇزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق، دەپ يامان ئېلىنىدۇ، چۈنكى نان-تۇزنى ئەجدادلار جاندەك ئۇلۇغلاپ كەلگەن. ئادەتتە شۆھرەت، ھارام دۇنيا، ھۇزۇر- مەئىشەت قوغلىشىپ ۋەتەنگە، خەلققە، دوست- يارەنلىرىگە خائىنلىق قىلغانلار «تۇزكور» دەپ قارغىلىدۇ.
(16) يۈگۈرۈپ، ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ ئالاقزادىلىكتە ئۆيگە كىرمەسلىك لازىم، چۈنكى ئۆي ئىگىسى «بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال تۇغۇلغاندىمۇ» دەپ غەم- غۇسسىگە قالىدۇ.
(17) مېھمان ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا ۋە باققان مال-جاندارنى «ئەجەپمۇ چىرايلىق ئەت ئاپتۇ»، «ھەجەپ چىرايلىق سەمرىپتۇ»… دەپ تىكىلىپ قاراپ ماختىماسلىقى كېرەك، ماختىسا «كۆز تېگىدۇ» دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(18) بىرى بىرنەرسە يەۋاتقاندا ئۇنىڭغا قاراپ مەسلەنمەسلىك لازىم، مەسلىنىپ قارىسا «ئىچى كىرىپ قالىدۇ» دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(19) كىشى ئوتتۇرىسىدا گەپ توشۇش تولىمۇ يامان ئېلىنىدۇ، گەپ توشۇغۇچى «سۇخەنمچى»، «تەخسىچى»… دەپ ئەيىپلىنىدۇ.
(20) كىشىگە قول شىلتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىش يامان ئېلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلىش كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، پەس كۆرگەنلىك بولىدۇ.
(21) كىشىنى تىللاش، بولۇپمۇ بىراۋنىڭ ئايالى ياكى ئايال تۇغاقانلىرىنى ئاتاپ تىللاش بەك ئېغىر ئېلىنىدۇ.
(22) ئوينىشىپ بولسىمۇ كىشىگە تىغ تەڭلەشكە بولمايدۇ، چۈنكى «تىغ شەرتلىك، يامان بولىدۇ» دەپ قارىلىدۇ.
(23) كەيىپخورلۇق، قىمارۋازلىق، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرايدۇ. زىنا قىلىش، كىشىگە قارا ساناش، كىشى ھەققىنى يېيىش قاتارلىق ئىشلارغا پۈتۈن جەمئىيەت لەنەت- نەپرەت ياغدۇرىدۇ.

تەييارلىغۇچى: ئىلھام مۇھەممەد

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3384

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-03-14
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: