چۇۋۇلغان مانتا
( شەھلا )
قارا قىشنىڭ قار ياققان بىر كۈنى،كىچىدىن ياققان قار پۈتكۈل دۇنيانى چۈمكىۋالغاندەك كۆرىنەتتى.سەھەرنىڭ ئاچچىق سوغىقىدا بۇرنۇمنىڭ ئۇچىنىڭ مۇزلىغانلىقىنى،پۇتلىرىمنىڭ توڭلاۋاتقانلىقىنى سەزدىم.
ئاپپاق قار چۈشكەن تەڭرىتاغ تىزمىلىرى سۈر رەڭلىك ئاسمانغا سىڭىشىپ كەتكەندەك بىلىنسىمۇ يەنىلا قارىغانسىرى بىر كىملەرنىڭ ھازىسىغا قارلىق باغلىغان ھازىدارلاردەك كۆرۈنۈپ كەيپىمنى ئۇچۇراتتى.
بۇ كۈن 2010-يىلىنىڭ زىمىستان قىشلىرى ئىدى…
بارلىقىمنى ئۇنتۇپ تىنماي ئىشلەيتتىم،چاچلىرىم چۈۋۈلۈپ ،يۈز تېرىلىرىم يېرىلغان ئىدى،ماڭا قارىغان ئادەم مىنىڭ ئەمدىلا 30 نىڭ قارىسىنى ئالغان چوكان ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمەيتتى.
ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەس بولۇپ قالغان ئوخشايمەن،ئاكامنىڭ بالدۇر كىتىشى ،ئاپامغا ھېساپسىز ئېغىر كەلدى،بىر ياتقان بىلەن قوپالماي كۈزگىچە بەرداشلىق بىرەلمىدى. بىردىنلا بۇ دۇنيادا تىككەندەك يالغۇزلا قالدىم.
كىملەرگىدۇ يىغلاپ بەرگۇم ،كىملەرنىدۇ چاقىرىۋالغۇم،يەنە كىملەر بىلەن مۇڭداشقۇم كىلەتتى،ئىگىز-ئىگىز بىنالاردىن كۆزۈمنى يۇمۇپلا سەكرىۋالغۇم كىلەتتى،مەن راستىنلا بۇ ئەلەمنى سىڭدۈرەلمەيۋاتاتتىم.
بەزىدە ئىككى بالامغا قاراپ بىردەملىككە كۆڭلۈم كۆتۈرۈلگەندەك بولسا،بالىلارنىڭ دادىسىنىڭ كۆڭۈل ئىزدەشلىرىدىن كۆكرىكىمگە قاپلىشىۋالغان بۇ ئازاپ سەل بوشىغاندەك بولاتتى،لىكىن شۇنداقتىمۇ كىچىك چاغلىرىمدىكى ئەسلىمىلەردىن قۇتۇلالماي ئاھ ئۇرۇپلا يۈرەتتىم.
ئائىلەم مىنىڭ كاساپىتىمدىن بۇرۇنقى خۇشاللىقلىرىدىن مەھرۇم ئىدى،مەن ئۇلارنىڭمۇ مەن بىلەن بىللە ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم دەيتتىم،تېلۋىزورنى ئۇنلۇك ئاۋازدا قويىۋىلىشى ،رەڭلىكىراق كىيىنىپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشلىرىمۇ مىنىڭ ھېسياتىمنى كۆزگە ئىلمىغانلىقتەك بىلىنەتتى.
ئاپپاق قارغا قاراپ پىغانىم ئۆرلىدى،قار ياققاندىن كىيىنكى كۈن بەك سوغاق بولۇپ كىتىدۇ،شۇنچە قىلىن كىيىنىۋالساممۇ ،ئىچ-ئىچىمدىن تىترەك ئولۇشۇپ ئۆيگە ئاران كىرىۋالدىم،بايىلا سېتىۋالغان يېسۋىلەكنىڭ تاشقى بىر قەۋەت قۇلىقى شىندەك قىتىپ كىتىپتۇ،ئەتىگەن ئىسسىق يوتقاندىن سۇغۇرلۇپ چىقىپلا ھەممىنى تاشلاپ ناشتىلىق قىلىپلا ھەممىمىز ھەر تەرەپكە چىقىپ كەتكەن،ئايال خۇجايىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن يەنىلا مەن ھەممىدىن بالدۇر كەپتىمەن.ئۆيلەرنى رەتلىۋىتىپ تاماققا تۇتۇش قىلماقچى بولدۇم،بالىلارنىڭ ياتاق ئۆيىدە رەسىملىك كىتاپ ھەم ھەر خىل ئۇيۇنچۇقلار چېچىلىپ ياتاتتى،ئۇلار يەنىلا گۈدەك ئىدى،چوڭلاردا بولىدىغان قايغۇ ئازاپ مۇرەككەپ ھېسياتلارنى بەك تولۇق چۈشۈنۈپ كىتەلمىسىمۇ،بىراق يەنىلا بۇ خىل ئەھۋالدا،قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى بىلىشەتتى،بۇ جەھەتتە ھازىرقى بالىلار بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكىدىن كۆپ ئەقىللىق.
ئاچچىقى يامان ئايالنىڭ تۇتقان خېمىرى تىز ئۆرلەيدۇ دەپ قويىدۇ چوڭلار،مىنىڭ ئاچچىقىم بەك يامان ئوخشايدۇ،ئىشىكتىن كىرىپلا تېرموستىكى ئىسسىق سۇدا سۈنئىي پاگى سىلىپ بولاق مانتىغا خېمىر يۇغۇرىۋەتكەن ئىدىم،ئۆيلەرنى تازلاپ ،يېسۋىلەكنى قىيمىداپ بولغىچە خېمىرمۇ تەييار بولدى،ئۆي مىزلىك قىيما پۇرىقىغا لىق تولۇپ ئىككى قاسقانلىق كورىدا مانتاپىشقىلى تۇرغاندا مەكتەپتىن يانغان ئىككى بالىنى ئېلىپ دادىسىمۇ قايتىپ كەلدى.ئۇلارنىڭ سوغاقتا قىزارغان مەڭزى،ئاغزى بۇرنىدىن پۇشقۇرتۇپ تاراۋاتقان ھورىدىن ئۆي ئىچىگە سوغاق ئەمما بەكمۇ يىقىملىق كەيپىيات يامرىدى.
چۈشتىن قايرىلىپ قالغىنىغا قارىماي، ھاۋا ئېچىلىپ، قوياش يۇغۇناپ، قىپقىزىل شەپەق نۇرى ئىچىلغان ئىشكتىن ئۆيۈمگە بىللە كىرىپ كەلگەندەك بىر خىل ھېسىياتتا ھاياجانلاندىم.
ئۇلار كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، قوللىرىنى يۇيۇشۇپ تەق بولۇشۇپ تاماقنى كۈتۈشكەندە مەن تازا ئوخشىغان ئىككى تاۋاق مانتىنى ئۈستەلگە چىقاردىم.
مانتىنىڭ خېمىرى ئاپپاق ھەم يۇمشاق،چىمدىلىپ تۈككەن ئىزلىرىم قىرلىق ھەم سۈزۈك ئىدى،قىيمىسىمۇ قارامتۇل مايلىق پاقىراپ ئىشتىھانى قوزغايتتى،كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەنلىرىنى تاللاپ بالىلارنىڭ ياغمۇچ –سىركە تەڭشەلگەن قاچىسىغا سېلىپ بەردىم،ئۆزەم نىمىشقىدۇ ئاڭسىزلارچە سەتىراق چىققانلىرىنى تاللىۋالدىم،گەرچە ھەممىسىنىڭ تەمى ئوخشاش بولسىمۇ، نەزىرىمدىكى سەتلىرىنى باشقىلارغا بېرىشكە بولمايتتى،مانتىلارنىڭ ئارىسىدىن سەتلىرىنى تاللاۋىتىپ،قاچاندۇ بىر چاغلاردا يەنە بىر قولنىڭ مانا مۇشۇنداق ئالدىمدىكى لىگەندىن ئەنە ئاشۇنداق تاللىغانلىغى ئىسىمگە كەچتى.
ئۇ قول چىرايلىقلىرىنى ئاكام ئىككىمىزنىڭ چىنىسىگە سالاتتى،ئەڭ ئاخىرىدا چۈۋۈلۈپ كەتكەنلىرىنى ئالدىغا ئالاتتى، خەنزۇچە قوش خوشاللىق خېتى بىلەن قىزىل مۇدەن گۈلىنىڭ سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن تۆمۈر لىگەننىڭ ئاستى ناھايىتى تىزلا كۆرۈنۈپ قالاتتى،ئۇ قول ئاپامنىڭ ئىدى،مەن مانتىنىڭ قىيمىسىنى ئاپام ئەتكەن بىلەن ئوخشاش تەڭشىيەلەيتتىم…
ئۈرۈمچىدە ھەر يىلى ئوخشاشلا قار ياغىدۇ،ئوخشاشلا سوغاق بولىدۇ،پېتىۋاتقان قوياشنىڭ ئەتە سەھەر يەنىلا بۇرۇنقى ئورنىدا پارلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،پەسىللەر ئالمىشىپ ھايات داۋام قىلىۋاتىدۇ.
ئۇ بىر ناخشىغا ،تىنماي ئېقىپ تۇردىغان ئىقىن سۇغا ئوخشايدۇ.
بالىلارنىڭ مەن تاللاپ بەرگەن مانتىلارنى ئىشتىھا بىلەن مەززە قىلىپ ياۋاتقانلىغىغا قاراپ ،ئۇلارغا ئۇۋال قىلىپ قويغاندىمەنمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم،بەلكىم شۇ يىللىرىدا ئاپامنىڭمۇ دىلى سۇنۇق ئىدى ،چوڭ بولغانسىرى نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشىنىۋاتىمەن.
بىر ئايالنىڭ ھاياتى،كۆز چاناقلاردا لىغىلداپ تۇرغان سۆيۈملۈك كۆز ياش،ئۇ ئۆز مەيلىچە شەبنەم قەترىلىرىدەك تاراملاپ تۆكۈلەلمەيدۇ.شېرىن ئەسەبىي باغلىنىش ئىچىدە ئۆزەمنىڭ ئۆزەمگە تەۋە بولالمايدىغانلىقىمنى بىلىۋالدىم،شۇ چاغلاردا ئاپاممۇ مۇشۇنداق ئويلىغان بولغۇيمىتى!؟…
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2506