![]() |
« ئاتا »لىقتا ئالەمچە ھېكمەت
ئادەم ئاتا ئاتىلىقنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن باشلانغان ئاتىلارغا يۈكلەنگەن مەسئولىيەت يىلسېرى كۈچىيىپ، كۆپىيىپ بارسا باردىكى، ھەرگىزمۇ سۇسلىشىپ قالمىدى. شۇڭا « ئاتا »لىقنىڭ مەنە، ھېكمەت دەرىجىسىمۇ ئىزچىل كېڭىيىپ، چوڭقۇرلىشىپ، بارا – بارا نوقۇل ھالدا ئائىلىسىنىڭ ئىھتىياجىنىلا قامدىغان، ئەمما ئەل – يۇرتقا ئاتىلىق قىلالمىغانلار « ئاتا »لىقنى ھەقىقىي ئادا قىلالمىغان بولىدۇ. چۈنكى، « ئەقىل – پاراسەتلىك ئاتا ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئائىلىۋى ھاياتقىلا بېغىشلىمايدۇ. بەلكى ئومومنىڭ مەنپەئەتلىرى يولىدا كىتىۋېتىپ، ئائىلىۋى ھاياتتىنمۇ ۋاز كەچمەيدۇ » (ئا. ئى. گېرىتسېن) دەپ قارىلىدىغان بولدى. دېمىسىمۇ، « پەقەت ئايالى ۋە بالىلىرىنىلا سۆيۈشنى بىلىدىغان، قالغان ھېچ نەرسە ھەققىدە چۈشەنچىسى يوق ۋە باشقا بىر ئىشقا ئىنتىلمەيدىغان ئەر كۈلكىلىك، بىچارە ۋە ئايال زاتىنىڭ مۇھەببىتىگە نامۇناسىپ ئادەمدۇر » (بېلنىسكىي). دېمەك، ئاتا نوقۇل ھالدا بىر ئائىلىنى ئائىلە قىلىپ تۇرۇش بىلەنلا ئۆز زىممىسىدىكى مەسئولىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىققان ھېسابلانمايدۇ. ئۇ ئاتا بولغانىكەن، ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىگە، ئۇنىڭدىن ئېشىنىپ ئەل – يۇرتقىمۇ ئاتىلىق قىلالىشى كېرەك. مۇشۇ نوقتىدىن ئالغاندا، ئاتىلارنىڭ يۈكى ھەقىقەتەن ئېغىردۇر، ئۇلارغا يۈكلەنگەن مەسئولىيەت ھەقىقەتەن كۆپتۇر.
بىزنىڭ ئۇزاق زامانلار جەريانىدا يېتىلگەن، مۇكەممەللەشكەن ئاجايىپ ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ بىر مەھەللە، بىر يۇرتتىكى چوڭلارنىڭ شۇ مەھەللە، شۇ يۇرتلارغا ئاتىدارچىلىق قىلىشىدۇر. ئەلۋەتتە، چوڭ جەھەتتىن، ئېنىقى قانۇن – تۈزۈم جەھەتتىن مەلۇم ئەمەلدارلار ئاتىدارچىلىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاتىدارچىلىق قىلىشى بىلەن بىزنىڭ قەدىمدىن باشلاپ داۋام قىلىپ كەلگەن يۇرت چوڭلىرىنىڭ ئاتىدارچىلىق قىلىشى ئوتتۇرىسىدا ناھايتى چوڭ پەرق مەۋجۇت. چۈنكى، ئەمەلدار ھوقۇقى مەجبۇرىيىتى سەۋەبلىك ئاتىدارچىلىق قىلسا، يۇرت چوڭلىرى ھەقىقىي ئاتىلىق سالاھىيىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ئاتىدارچىلىق قىلىدۇ. بۇنداق ئاتىلار ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىلارنىلا ئەمەس، مەھەللىدىكى ئۆزىنىڭ بالىسىدەك بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز پەرزەنتى قاتارىدا كۆرىدۇ، ئۇلارغا ھەرىكىتى بىلەن ئۈلگە بولىدۇ، ھاياتىدا توپىلىغان تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى سۆزلەپ، تەربىيە بېرىدۇ، ئۇلارغا نېمىنىڭ خاتا. نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇرت – مەھەللىدىكى ھەر قانداق بالا مەيلى تونۇسۇن ياكى تونۇمىسۇن، چوڭلارنى كۆرگەندە ئۆز ئاتىسىدىن ھېيىققاندەك ھېيىقىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خۇنۈك ھەرىكەت، يارىماس قىلىقلارنى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بىزدىكى مۇستەھكەم قوشنىدارچىلىق ئەنئەنىسىمۇ ئۆزئارا ئاتىدارچىلىق قىلىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ.
دېمەك، بىر مەھەللىدە كىم چوڭ بولسا، ئۆزىدىن كىچىكلەرگە، ئەل – يۇرتقا ئاتا ھېسابلىنىدۇ. قايسى ئۆيدە چوڭراق بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە، ئۆي ئىگىسى بىلەن تەڭ باش قاتتۇرىدۇ، تەڭ قايغۇرىدۇ. شۇڭا، خەلقىمىز « ئاتا بىلەن ئەل ئاۋات »، « ئاتا بەختنىڭ باغۋىنى »، « ئاتىلار سۆزى – ئالماس »… دەپ قارايدۇ. ئاتىلىرىمىزمۇ « ئاتىسى ئۆلگەننىڭ بېشىنى سىيلا »، « ئاتا تىككەن دەرەخ نەسلىگە سايە بېرەر » دېگەن ئەقىدە بىلەن ياشايدۇ. شۇڭا، بىزدە ئاتىلارلا ئۇلۇغ سانالماستىن، « ئاتاڭ كۆرگەننى ئەزىز بىل » دەپ قارىلىدۇ.
دېمەك، سىز نوقۇل ھالدا ئائىلىڭىزگىلا ئاتىلىق قىلىش بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ شەرەپلىك نامىنى مەنىسىگە تويۇندۇرالمايسىز. چۈنكى، « ئاتا » دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەقىقەتەن چەكسىزدۇر. سىز مەيلى چوڭ بولۇڭ، مەيلى كىچىك بولۇڭ، ئۆزىڭىزنى ئاتا بولدۇم، دەپ ھېسابلايدىكەنسىز، چوقۇم ئاتىلىقىڭىزنى ئائىلىڭىزدىن ھالقىتالىشىڭىز كېرەك، ئاتىلىقىڭىزنىڭ مەنە دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيىتەلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى، بىز يوقىرىدا « ئاتا » بولۇشنىڭ پەقەت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېيىش – ئىچىش ئېھتىياجىنى قامداش، پەرزەنت تەربىيلەش بىلەنلا مەنىسىگە تويۇنمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. ھەقىقەتەنمۇ « پەقەت ئائىلە غېمىنى يەپ ياشاش ھايۋانىي ئاچ كۆزلۈكتۇر »(ئوستروۋسكى)
روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2730