تۇرمۇش خاتىرىسى

ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى نېمىدە ؟

گۈزەللىك تىلغا ئېلىنسا، تەبىئەت گۈزەللىكى بىلەن خانىم- قىزلار گۈزەللىكى زەنجىرسىمان ھالدا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن خانىم- قىزلار گۈزەللىكىنىڭ قەلبىمىزدە، كىشىلىك ھاياتتا تۇتقان ئورنىنىڭ نەقەدەر يۇقىرىلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئىنسانلارنىڭ تۇغما خۇسۇسىيىتى. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇلار تارىختىن بېرى گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى، دەپ قارىلىپ كەلدى. يېقىنقى يېرىم ئەسىر مابەينىدە ئاياللارنىڭ ئورنىدا كۆرىنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئاياللارمۇ ئەركىن ھالدا كەسىپ تاللاپ ئەرلەر بىلەن تەڭ مېھنەت قىلدى. ئاياللارنىڭ كەسىپ تاللاپ مېھنەت قىلىشى ئۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇستەقىل قىلدى. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇستەقىللىق ئۇلارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورۇن ۋە ئىقتىساد جەھەتتە باراۋەرلىككە ئىگە بولۇشى نورمال بىر جەمئىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئاياللارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساغلام تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرمىدى. مۇستەقىللىق بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەت شەكىللەنمىدى. ئاياللار بۇ خىل ئەۋزەللىككە ھە دەپ ئىنتىلىپ ۋە رام بولۇپ، ئاياللىقنىڭ مەناسى بولغان ئاياللىق گۈزەللىكىگە سەل قارىدى. نەتىجىدە ئاياللارنىڭ گۈزەللىككە بولغان تەقەززالىقنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە تۈرلۈك ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرى يامغۇردىن كېيىنكى مايسىلاردەك ئاۋۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار گۈزەللىكتىن يىراقلاشتى. چىن گۈزەللىكتىن بارلىققا كېلىدىغان مۇھەببەت زىلزىلىلىرى قايتا پەيدا بولمىدى. ئۇلار ئاياللىق گۈزەللىكىنى پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى دەپ قارىماستىن، بەلكى ئەرلەر دۇنياسىنى بويسۇندۇرۇشنىڭ قورالى، دەپ قارىدى. شۇ سەۋەپلىك قىز- ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئانىلىق خىزمىتىنى ياقتۇرمايدىغان، ئائىلە ئىشلىرىنى ئاياللارنى تۈگەشتۈرىدىغان بىر خىل ئاۋارىچىلىك، دەپ قارايدىغان بولدى. مەخسۇس ئاياللىق قارشى ئېلىشقا ئېرىشەلمىدى. پەرزەنت تەربىيىلەشتىكى زور بىر قىسىم مەسئۇلىيەتنى مەكتەپلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا توغرا كەلدى. بىلىم بىلەن ئەقىلنى ئېچىشقا سەل قارىدى. ئاز- تولا بىلىم ئىگىلىگەن ئاياللار ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق، ئۆرپ- ئادەت ۋە تەربىيە ئۇسۇللىرىمىزنى‹‹ئەركىنلىكنى بوغقانلىق›› دەپ قاراپ، ئۇلارغا ئۆكتەملىك بىلەن قارشى چىقتى.
ئەپسۇسكى، ئېسىل زىبۇ- زىننەت ۋە ئۈستىباش، غەربچە ئەخلاق قارىشى ئۇلارنى گۈزەللىككە ئىگە قىلالمايدۇ. ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ چىن ئاياللىقىدا. چىن ئاياللىقنىڭ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ ھاياسى ۋە نومۇسىدا جۇلالىنىپ چاقناپ تۇرىدۇ. ھايا بىلەن نومۇس ئاياللارنىڭ ئەڭ قەدىرلىك ۋە ئەڭ گۈزەل بېزىكى. بۇنداق پەزىلەتكە ئىگە بولغان ئاياللار دائىم ئەدەپ ۋە تەرتىپنى ئۆزىگە يار قىلىدۇ.  ۋاپا ۋە  ساداقەت بىلەن ئائىلىنى روناق تاپقۇزۇشنى، ئائىلىدىكى گۈللىنىشنىڭ سەۋەپچىسى بولۇشنى ئىزدەيدۇ. تۇرمۇشنى قانائەت ۋە غەيرەت بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۆز كەمتەرلىكى بىلەن قەدىر- قىممەتكە ئېرىشىدۇ. پەزىلىتى بىلەن ئەۋلادلارنى تەربىيلەيدۇ. كىشىلەرگە ئىلھام بېرىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ئىقتىسادىي كۈچىگە تەمەننا قويۇپ، ئاياللىق بۇرچىدىن باش تارتمايدۇ. ئاياللىقنى بىر بۈيۈك سەنئەت، دەپ قارايدۇ. ئاياللىقنى بىر كۈلپەت، دەپ قارىماي چىن دىلىدىن سۆيىدۇ. ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ. روھتىكى بۇنداق نەپىسلىك تەندە ئىپادىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە تەننىڭ نەپىسلىكىمۇ زور بايلىق. ئەگەر تەن نەپىسلىكى روھ نەپىسلىكىدىن ئايرىلسا، خۇددى پۇراقسىز گۈلدەك سېھرى كۈچىنى يوقىتىدۇ. بۇنداق گۈزەللىكنىڭ ئۆمرى ھامان قىسقا بولىدۇ.
بىر ئايالدا تەن نەپىسلىكى بىلەن روھ نەپىسلىكى بىرلەشسە، ئۇنىڭ كۈچ قۇدرىتى تەڭداشسىز بولىدۇ.
ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ بالاغىتى – ئانىلىقتۇر. ئانىلىق مۇقامىغا يېتىش ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىدۇ. ئانىلىق ئۇلۇغ ۋە مۈشكۈل خىزمەت بولۇپ، ئۇ پەرزەنتكە ۋە جەمئىيەتكە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئانىلىقنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭغا پەرزەنتكە بولغان چەكسىز مېھىر – مۇھەببىتى ۋە تەربىيىسىدە كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بىر ئايالنى تۇغما ئانىلىق مەجبۇرىيىتى بىلەنلا چەكلەندى، دەپ قارىغاندىمۇ بۇ مەجبۇرىيىتى بىلەن ئىنسانىيەتكە ئاز- تولا تۆھپە قوشقان بولۇپ، ئىنسانلار ئىش تەقسىماتىدا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ناۋادا ئۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ھاياتىغا ھەقىقىي قىزىقسا، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلسە، ئانىلىق سۈپىتى بىلەن ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنىڭ قىممىتى مۆلچەرلىگۈسىزدۇر. ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانى ئۇلۇغ بىر كەشپىياتنى تاماملاش جەريانىدۇر. بالىلارنى ئېسىل يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، ئۇلارنى چىرايلىق پاكىزە كىيىندۈرۈش، قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قورقماي، داڭدار مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرگۈزۈشلا ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ. ئەلۋەتتە بالىلارنى كىچىكىدىن مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ساغلام تەنگە ئىگە قىلىش، تازىلىقنى سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش، ئۇلارغا بىلىم ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشمۇ ئاتا- ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنىڭ  بىر قىسمى. ئەمما ئانىلار شۇنى ئۇنتۇماسلىكى كېرەككى، ساغلام تەندە ساغلام روھنى يېتىلدۈرۈش، ئۇلارنى پاكلىققا ئىنتىلدۈرۈشمۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز. بارچە ئۈمىدنى مەكتەپكە باغلاپ، تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى مەكتەپكىلا يۈكلەپ قويۇش مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلىق. ئەقەللىي ئانىلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئۇنتۇپ، بەزمە ئويناپ يۈرگەنلىك- ئانىلىق سالاھىيىتىنى يوقاتقانلىق. ئۇنداق ئاياللاردا گۈزەللىك نېمە قىلسۇن؟
ئەمەلىيەتتە ئاياللىق – بىر گۈزەل سەنئەت. ئانىلىق – بىر بۈيۈك ئىجادىيەت.
ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى يەككە -يېگانە ھالدا رول ئوينىمايدۇ. ئۇنىڭ رولى ئەرلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش قورالى، ياكى مەلۇم مۇددىئانى ئىشقا ئاشۇرۇش قورالىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى، ئەر- ئاياللارنىڭ ھەقىقىي ھەمكارلىقى چىن مۇھەببەت ئاساسىدا بولۇشى لازىم. ئەر- ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتى.
ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىق ۋە ئانىلىق گۈزەللىكىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئەقلىي تەرەققىياتقا ئېرىشىشكە سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئۇلار بىلىم ئىگىلەش ئارقىلىق، ئۆز گۈزەللىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بىلىم گۈزەللىكنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ. بىر ئايالنىڭ بىلىم ئىگىلەپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ياكى كەسپكە بېرىلىشى ئۇنىڭ ئاياللىق ۋە ئانىلىق مەجبۇرىيىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ياكى ئۇنىڭدىن خالاس بولغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىلىم ئىگىلەش بىلەن ئاياللىقنىڭ سىغىشمايدىغان يېرى يوق. شۇڭا ئاياللار بىلىم ئىگىلەش ۋە كەسپى تۈپەيلى ئاياللىق ۋە ئانىلىق مەجبۇرىيەتكە سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئەگەر نوقۇل ھالدا ئاياللىق ۋە ئانىلىق مەجبۇرىيەتنىلا تەكىتلەپ، بىلىم ئىگىلەشكە سەل قارالسا، روھنى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگىلى بولمايدۇ ۋە تۇغما ئانىلىق مەجبۇرىيەت دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالىمىز.
ئەلۋەتتە، ئاز- تولا بىلىم ئىگىلەپلا ئەجداتلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك قارىشىغا قارشى چىقىش، ئۇنى ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان كىشەن دەپ قاراش، ھاياسىزلىقتۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ مەنىسى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇ زامان، ماكان، كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى ئوخشىمىغان مەنالارغا ئىگە بولمايدۇ.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2740

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-10-21
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئانىلار سەمىگە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: