![]() |
ئېرىشكەننى قەدىرلەڭ…
دۇنيادا ياخشىراق تۇرمۇشقا ئىرىشىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلارغا نىسبەتەن ئىيتقاندا، ئېرىشىش، مەھرۇم بولۇش توغرىسىدىكى ئۇقۇملار ئانچە يات بولمىسا كىرەك. ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇن سىناققا دۇچ كىلىدۇ. بەزىدە ئادەمگە ئامەت كۈلۈپ باقسا، بەزىدە پىشكەللىك يىپىشىدۇ. ھاياتلىقتا ئىنساننىڭ ئىرىشكىنىدىن يوقاتقىنى كۆپرەك بولىدۇ، بۇ بىر ھەقىقەت. ئەمما، كىشىلەر ئارىسىدا بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. بەزىلەر بۇنىڭ بىر خىل قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پىشكەللىك ، مەھرۇم قىلىشلارغا ئارتۇقچە قايغۇرۇپ كەتمەي، يوقاتقانلىرىغا تەن بىرىپ ھاياتلىقنى داۋام ئىتىدۇ، يەنە بەزىلەر ئېرىشكەنلىرى ئۈچۈن زىيادە خۇش بولۇپ، يوقاتقانلىرى ئۈچۈن ئىزتىراپ چېكىپ، ئۆزىگە قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھاياتلىقتا يوقاتقانلىرىغا قايغۇرغاندىن كۆرە، قولىدا بارىنى قەدىرلەش ھەممىدىن موھىم.
بىر داڭلىق كارخانىچى بىر كۈنى دادىسى بىلەن ئالى دەرىجىلىك ئاشپۇزۇلدا تاماق يېگەچ بىر ئىسكىرىپكىچىنىڭ ئۇلارغا چىلىپ بەرگەن موزىكىسىدىن ھوزۇرلىنىپتۇ. بۇ كارخانىچى يىقىملىق ئىسكىرىپكا موزىكىسىنى ئاڭلىغاچ ئۆزىنىڭمۇ ئىلگىرى ئىسكىرىپكا چىلىشنى ئۈگەنگەنلىكىنى يادىغا ئىلىپ، دادىسىغا : ئەگەر مەن شۇ چاغدا ئىسكىرىپكا چىلىشنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنگەن بولسام، بەلكىم مۇشۇ جايدا ئىسكىرىپكا چالغان بولاتتىم، دەپتۇ. دادىسى ئوغلىغا : ئەگەر ئەينى چاغدا شۇنداق قىلغان بولساڭ، ھازىر بۇ جايدا ئولتۇرۇپ تاماق يىگەچ، بۇ موزىكىدىن ھوزۇر ئالمىغان بولاتتىڭ، دەپتۇ.
كىشلىك تۇرمۇشتا، بىر دائىم دىگۈدەك قولدىن كىتىپ قالغان ئاشۇ پۇرسەتلەر ئۈچۈن ئاھ ئۇرىمىز-يۇ، ھاياتتىىن ئىرىشكەنلىرىمىزگە ئانچە ئىرەن قىلمايمىز. بىلسەك، تېنىمىزنىڭ ساقلىقى، بەختلىك ئائىلىمىز، تۇرمۇش كەچۈرەلىگۈدەك ئىمتىيازىمىزنىڭ بارلىقى بىر ئۈچۈن ناھايتى قىممەتلىك، گەپ بۇنى قەدىرلەشنى بىلىشتە.
يىقىندا توردا ئىككىلا قولى يوق بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ كىشى باشقىلارغا تايانماي، نورمال كىشىلەر قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدىكەن. چۈنكى، ئۇ ئىككى قولى بولمىسىمۇ ئىككى پۇتىغا تايىنىپ، خىزمەت، تۇرمۇش، ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىكەن. كىشلىك تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. تىخى ئەتىگەندىلا يۈز كۆرۈشۈپ، ھالام – سەھەت قىلىشقان، بىر – بىرىگە ئامان – ئىسەنلىك تىلەشكەن كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى بىزدىن چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، بىر كىچىدىلا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىدۇ. مۇشۇنداق چاغلاردا سىز قانداق تۇيغۇغا كىلىسىز ؟ مىنىڭچە، نۇرغۇن كىشى ھاياتنى قولدىن كەتكەن پۇرسەت، يوقاتقان نەرسە، ئۆتۈپ كەتكەن كۆڭۈلسىز ئىش ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى ھاياتنىڭ سىزگە ئاتا قىلغانلىرىنى قەدىرلەش بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىدۇ.
قىسقىغىنا ھايات يولىمىزدا قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولايلى، قانچىلىك مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشەيلى، ئالدى بىلەن ئۆتۈۋاتقان ھەر بىر كۈنىمىزنى قەدىرلەپ، ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشىمىز، قىيىنچىلىق، مەغلوبىيەت ئالدىدا باش ئەگمەسلىكىمىز لازىم. شۇنى تىخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىمىز كىرەككى، شۇ قىسقا ھاياتىمىزدا تىرىشىپ – تىرمىشىپ، ئالغا ئىنتىلىپ ھالال ياشىشىمىز، ئىلكىمىزدىكى ھەر بىر نەرسىنى قەدىرلەشنى ئۈگۈنىۋىلىشىمىز لازىم. شۇندىلا بۇ ھايات تولىمۇ گۈزەل، تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ. تۇرمۇش سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇ : ئىرىشكەنلىرىڭىزنى قەدىرلەشنى، يوقاتقانلىرىڭىز ئۈچۈن قايغۇرماسلىقنى ئىسىڭىزدە ھەر ۋاقىت چىڭ ساقلاڭ. قايغۇ ئاجىزلارنىڭ كۆز يىشىدۇر. ھاياتلىق سەپىرى گويا بىر ئەينەك، سىز ھەر كۈنى ئۇنىڭغا كۈلۈپ قاراڭ.
تۇرمۇش بىلوگى يازمىلىرىنى كۈچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=664