ئىرىڭىزنى چۈشىنىڭ، ئەپچىللىك بىلەن …
ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشتە ئەرلەر ئاياللار بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ . ئەمما ھەرقانداق ئەردە ‹‹ مەن ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرۈكى››دەيدىغان قانائەت تۇيغۇسى بولىدۇ . شۇڭا ، ئەقىللىق ئاياللار ئېرىنىڭ بۇنداق پىسخىكىسىنى تولۇق چۈشىنىشى كېرەك .
مەسىلەن ، ئۆيگە بىرەر يېڭى ئۆي سايمىنى سېتىۋالماقچى بولغاندا ، ئېرىڭىز بىلەن ئەستايىدىل مەسلىھەتلىشىپ ، تەڭ قارار چىقىرىڭ . يەنە مەسىلەن ، ئەگەر ئېرىڭىز تاماقنى ئۆزى ئەتمەكچى بولسا ، يەكشەنبە كۈنىدە ئاشخانىنى بىكارلاپ بېرىڭ . گەرچە ئېرىڭىز قاچا-قۇچىلارنى يۇيماي ، سىزگە تاشلاپ بەرگەن تەقدىردىمۇ ، شۇنداق قىلىڭ .
ئەگەر ئېرىڭىز يۇقىرقىدەك قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمىسە ، ئائىلە تۇرمۇشىڭلارنىڭ ئىناق بولۇشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ . بۇنداق ئەھۋالنى تۆۋەندىكى مىسالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
بىر ئايال ئاز چىقىم بىلەن ئۆي بىزەشكە ناھايىتى ئۇستا ئىكەن . ئۇ راھەت بېزەكلەر ، نەپىس ، نازۇك قاچا – قۇچىلار بىلەن ئۆينى ناھايىتى ياخشى ياساپ چىقىپتۇ . لېكىن ئېرى ئۇششاق ئىشلار بىلەن كارى يوق مەنمەنچى ئەر ئىكەن . ئەر بۇنداق ئۆي بېزەشكە زادىلا كۆنەلمەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن سىرتتا يۈرۈيدىغان بولۇپ قاپتۇ . ئەر – خوتۇن مۇناسىۋىتى بىلىپ –بىلمەي ياتلىشىشقا باشلاپتۇ . لېكىن بۇ ئايال سەۋەبنى ئۆزىدىن ئىزدىمەي ، ئېرىنى ئەيىپلەپ يۈرۈپتۇ . ئاقىۋەتتە ئىككەيلەن ئامالسىز ئايرىلىپ كېتىپتۇ .
ئائىلە ئىككەيلەن ئورتاق دەم ئالىدىغان جاي . ئەقىللىق ئايال ئېرىنى ئۆز ئۆيىدە پادىشاھتەك ‹‹ ھېس قىلدۇرۇپ ›› ، ئائىلىسى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلالايدۇ .
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=514