تۇرمۇش خاتىرىسى

    

قوشنامنىڭ قوش كۆرۈنەر

بىر توپ مايمۇنلار بولۇپ مايماۇن شاھىنىڭ باشچىلىقدا پاناھلىنىدىغان جاي ئىزدەپتۇ.نەچچە كۈن ئىزدىگەندىن كېيىن بىر كىچىك مايمۇن دەپتۇ:<<مۇشۇيەردە تۇرايلى مېنىڭ يىراققا بارغۇم يوق>>. يەنە بىرقېرى مايمۇن دەپتۇ:<< بۇ يەردە قانداق تۇرغىلى بولىدۇ؟مىۋىلەر بەكلا ئازكەن. ئالدىمىزدە تېخىمۇ ئىگىز تاغ باركەن، ئۇ يەرگە بېرىپ كۆرۈپ باقايلى.>> مايمۇن شاھى قېرى مايمۇننىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپتۇ-دە مايمۇنلارنى باشلاپ مېڭىپتۇ.ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن قارىسا باشتا كۆرگەن جايدىن ئانچە پەرقى يوق بولۇپ، دەرەخ ۋە مىۋىلەر ئۇنچىلىك كۆپ ئەمەسكەن. كىچىك مايمۇن دەپتۇ:<< مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قالايلىچۇ!>>. قېرى مايمۇن يەنە قارشى تۇرۇپتۇ: <<بولمايدۇ،ئالدىمىزدا يەنە بىر تېخىمۇ ئىگىز تاغ باركەن، چوقۇم بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىمىز كېرەك>>. مايمۇنلار شاھى مايمۇنلارنى باشلاپ ئالدىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇلار ئۇ تاققا بارغاندا قارىسا ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش ئىكەن.قېرى مايمۇن دەپتۇ:<< شاھىم، چوقۇم تېخىمۇ ئىگىز تاغقا ئۇچرايمىز، سىناپ باقايلى>> شۇنداق قىلىپ مايمۇنلار توپى بىر تاغدىن يەنە بىرتاغقا، بىرجايدىن يەنە بىر جايغا بېرىپ ،شۇنچىلىك ئىزدىسىمۇ رازى بولغىدەك جاينى تاپالماپتۇ.قېرى مايمۇن ئاخىرى يەنە گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ، كىچىك مايمۇنلار ھېرىپ يول ماڭغۇدەك مادارى قالماپتۇ. مايمۇنلار شاھى دەپتۇ:<< ھىچكىم ئاتىكاچىلىق قىلمىسۇن، بىز ئەمدى ھىچنەگە بارماي مۇشۇ يەردە ماكان قۇرايلى.>> مايمۇنلار خوشاللىقىدىن قىقاس چۇقان قىلىشىپ كېتىپتۇ.
ئىلگىرى بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسىنى تازا چۈشۈنۈپ يېتەلمىگەن ئىدىم، كېيىن چوڭلارنىڭ  قوشنامنىڭ قوش كۆرۈنۈپتۇ دىگەن گەپلىرنى كۆپ ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاندىن بۇنىڭ تېگىگە يەتتىم.  <<ئادەم دىگەن ئىگىزگە قاراپ مېڭىشى كېرەك>>، <<تاغلارنىڭ ئچىدە تاغ، باغلارنىڭ ئچىىدە باغ بار>> دىگەنلارمۇ توغرا ئېيتقان.ئادەمدە نىشان غايە بولغىنى ئەلبەتتە ناھايىتى ياخشى ئىش. لېكىن ئاچقۇچلۇق مەسىلە شۇكى ئۆزىمىز بۇ تاغدا تۇرۇپ يەنە بىر تاققا تەلپۈنسەك بىز تەلپۈنگەن تاغ ئۆزىمىز تۇرغان تاغدىنمۇ ياخشى بولىشى ناتايىن. بەزىدە كۆڭلىمىزنى توختىتىپ ئۆزىمزگە تەۋە بولغان جايدا ئۈن تۈنسىز ئەجىر سىڭدۈرسەكمۇ يەنىلا مۇل ھوسۇلغا ئېرىشەلىشىمىز مۈمكىن.بەلكىم قارىغۇچلارچە يول ئىزدەپ، گادايلىقىمىز بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىمىز دىسەك نەتىجە يارىتالماسلىقىمىز مۈمكىن.ئەكسىچە ئۆزىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ساھەدە زېرىكمەي، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كۈرەش قىلساق ئۇنىڭدىن ئاسانلا ھوسۇلغا ئېرىشەلەيمىز.

 

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2843

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-11-11
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: