![]() |
ئاۋازغا مۇشتەرى بولغان بۇۋاي
بۇلتۇر قىشتا ئىش ئورنۇمدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن، ئۇزاق ئۆتمەي مەلۇم گىزىت – ژورنال تارقىتىش شىركىتىدىن بىر كىشلىك خىزمەت تىپىپ ئىشقا چۈشۈپ كەتتىم. قىلىدىغان ئىشىم ئۆيمۇ – ئۆي قاتىراپ گېزىت يەتكۈزۈش ئىدى. ئەڭ باشتا جەنۇبىي ئولتۇراق رايۇنىدىكى بىر بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى بىرەيلەنگە گېزىت يەتكۈزۈپ بەرگىلى باردىم، خەت – چەك ساندۇقىغا گىزىتنى سىلىشقا تەمشىلىۋىتىپ، ساندوق ئىغىزىنىڭ توسولۇپ قالغانلىقىنى كۆردۈم، ئامالسىز گېزىت ئىگىسىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم. بىر ئازدىن كىيىن، ئۆيدىن بىر بوۋاي چىقىپ تۆمۈر ئىشىكنى ئاچتى، مەن ئۇنىڭدىن :
ــ بوۋا، خەت – چەك ساندۇقىڭىز توسولۇپ قاپتىغۇ ؟ ــ دەپ سورىدىم.
ــ قەستەن شۇنداق قىلىپ قويغاندىم، ــ دېدى بوۋاي ئوڭايسىزلانغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ، ــ سىز بىلەن بىر ئىشنى مەسلىھەتلىشىۋالاي، بۇنىڭدىن كىيىن ماڭا گېزىت ئەكىلىپ بەرگەندە، ئىشىكنى چىكىپ گېزىتنى ئۆز قولىڭىز بىلەن بەرگەن بولسىڭىز.
ــ بولىدۇ، بىراق بۇنداق قىلىش ھەر ئىككىمىز ئۈچۈن ئاۋارىچىلىق ۋە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولمامدۇ ؟ ــ دېدىم مەن ئۇنىڭ مەقسىدىنى چۈشىنەلمەي.
ــ ئۇغۇ شۇنداق، سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، مەن ھەر كۈنى تالا – تۈزگە چىقماي ئۆيدە ئولتۇرىمەن. مۇنداق قىلايلى، ھەر ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنى، مەن سىزگە ئىشىك چىكىش ھەققى ئۈچۈن 100 يۈەن بېرەي. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىشىكىمنى چېكىپ، مەندىن سادا كەلمەي قالسا ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قويارسىز، ــ بۇۋاينىڭ تەلەپپۇزىدىن ئامالسىز ماڭا يېلىنىۋاتقانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.
ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن تىخىمۇ ھەيران قالدىم:
ــ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىمىز ؟
ــ ھەمراھىم مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى، ئوغلۇم چەت ئەلگە چىقىپ كەتتى، ئۆزۈم تىكەندەك يالغۇز قالدىم، مېنىڭ قاچان كۆز يۇمىدىغانلىقىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.
بۇۋاينىڭ خىرەلەشكەن كۆزىگە قارىغىنىمچە تېخىمۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە سورىدىم:
ــ بۇ گېپىڭىزچە، گېزىتكە مۇشتەرى بولۇشىڭىز گېزىت كۆرۈش ئۈچۈن ئەمەسكەندە ؟
__ شۇنداق، مەن ئەزەلدىن گېزىت كۆرمەيمەن، ئەمەلىيەتتە مەن ئىشىكنىڭ چېكىلىش ئاۋازىغا مۇشتەرى بولغان. يىگىت، ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز، مانا بۇ ئوغلۇمنىڭ چەت ئەلدىكى تېلېفۇن نومۇرى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىشىكىمنى چەككىنىڭىزدە، ئىشىك ئىچىلماي قالسا، خاپا بولماي ئوغلۇمغا تېلېفۇن بىرىپ قويغان بولسىڭىز.
بۇۋايغا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ يىنىپ چىقتىم، قولۇمدىكى گېزىتلەرنى يەنە باشقا خەت – چەك ساندۇقلىرىغا سىلىش ئۈچۈن كىتىۋاتىمەن، خىيالىمدا يوقلاپ بارمىغىلى خىلى ئۇزۇن بولغان، خىلىدىن بىرى تەنھا ياشاپ كىلىۋاتقان ياشىنىپ قالغان ئانام…تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۈزۈمدىن ئىشىنالماي ئۆتۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە بىچارە ئانامنىڭمۇ ئاۋازغا مۇشتەرى بولغاندەك مۇكچەيگەن ھالەتتىكى ئىلتىجالىق سىماسى كۈز ئالدىمغا كەلگەندەك بولدى…
تۇرمۇش بىلوگى يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=640