تۇرمۇش خاتىرىسى

ئۆزىگە پۇختا بولغاننىڭ پايدىسى كۆپ

نېلۇپەر قاسىم، ئايشەمگۈل ئەخەت

_ ئۇكام، ھېسابات قىلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن ؟

_ ھەدە، مانا ھېسابات قەغىزى.

_ 12 يۈەن ئارتۇق ھېسابلىنىپ قاپتىمۇ قانداق ؟

_ ياقەي، 12 تال بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچىنىڭ پۇلى ئەمەسمۇ ؟

_ ھازىر بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچىلاردىن ھەق ئىلىنمايدىغان تۇرسا، بۇنىڭدىن خەۋىرىڭلار يوقمۇ ؟

_ كەچۈرۈڭ، ھەدە ! راستىنلا خەۋىرىمىز يوقكەن. پۇلىڭىزنى قايتۇرايلى !

مانا بۇ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم رېستۇراندا خېرىدار بىلەن مۇلازىم ئوتتۇرىسىدا بولۇنۇۋاتقان تالاش – تارتىش ئىدى.

خېرىدار ئۈرۈمچى شەھرىدە بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچا – قۇچىلاردىن ھەق ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۆزىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغدىيالىغان. ئەمما بىلمەيدىغانلار قانچىلىك ؟
بۇ ئەھۋالنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە رېستۇران، مۇسۇلمانچە تېز تاماقخانىنىڭ مۇلازىمەتكە مەسئول خادىملىرى، ئالىم، پاتىگۈل قاتارلىق شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن پاراڭلاشتۇق. ئۇلارنىڭ گىپىدىن بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچا – قۇچىلاردىن ھەق ئېلىش مەئەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى كۆپ قىسىم ئىستىمالچىنىڭ بىلمەيدىغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇنىڭدىن بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇق.

ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت يېقىنىدا ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، خېرىدارلارنىڭ ئاشخانا، رېستۇرانلارغا مېۋە – چېۋە، ئىچىملىك ئەكىرىشكە يول قويۇلدىغانلىقى، بىر قېتىم ئىشلىتىلدىغان دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچا – قۇچىلاردىن ھەق ئېلىشقا، ئايرىمخانىلارغا ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال چىكى بىكىتىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقى، خېرىدار تاماق بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئومۇمى چىقىمنى خېرىدارغا ئۇقتۇرۇش لازىملىقى قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىمۇ 3 – ئاينىڭ 29 – كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر قېتىم ئىسلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچا – قۇچىلاردىن ھەق ئالغان، ئىچىملىكلەرنى ئىستىمالچىلارغا مەجبۇرىي تاڭغان، ئايرىمخانىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال چىكىنى ئىستىمالچىلارغا ئىنىق ئۇقتۇرمىغانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. بۇ ئۇقتۇرۇشتا يەنە قانۇنسىر قىلمىشلار بايقالسا، “ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى“ ۋە “ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ( جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى ) نى يولغا قويۇش چارىسى “ دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى، ئىستىمالچىلار تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى، تاۋارنىڭ يۈرى ۋە مۇلازىمەت شەكلىنى تاللاش، سىلىشتۇرۇپ كۆرۈش، ئىنچىكە پەرىقلەندۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، تىجارەتچى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىستىمالچىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزسە، بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەيلى يۇلتۇزلۇق مىھمانسارايلار بولسۇن ياكى ئادەتتىكى ئاشخانىلار بولسۇن، چوقۇم ئىستىمالچىلارنىڭ بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفىكسىيەلەنگەن قاچا – قۇچا ياكى ئادەتتىكى قاچا – قۇچىنى  ئىشلىتىشنى تاللاش ھوقۇقىغا، ئىچىملىكلەرنى سىرتتىن ئەكىرىش ياكى شۇ ئورۇندىن سىتىۋىلىنى تاللاش ھوقۇقىغا، ئايرىمخانىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىستىمال چىكىنى ئېنىق بىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئىستىمالچىلار “ 12315  “ قوماندانلىق مەركىزىگە ياكى تەۋەلىكىدىكى س س م ب تارماقلىرىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ. يېقىندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككى ئاشخانىنىڭ بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيەلەنگەن قاچا – قۇچىلاردىن تاپقان پايدىسى مۇسادىرە قىلىندى، بۇ ئىشتا ئىستىمالچى ئۆزىنىڭ ئىشىغا پۇختا بولۇشى، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئۈگۈنۈۋىلىشى، ئاشخانا خوجايىنلىرىمۇ مۇناسىۋەتلىك قائىدە – نىزاملارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، ئەڭ موھىمى ئىنسانپەرۋەرلىكنى، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى ئۈگۈنىۋىلىشى زۆرۈر، ئىستىمالچىلارمۇ ئۆزىگە پۇختا بولغىنى تۈزۈك.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2259

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-08-10
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تۇرمۇش رۇجەكلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: