![]() |
مۇۋەپپەقىيەت چىدام – غەيرەتتىن كىلىدۇ
نىمە ئۈچۈن دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار ئاز، ئەكسىچە مەغلۇپ بولغۇچىلار كۆپ ؟
مۇۋەپپەقىيەت چىدام – غەيرەتتىن كىلىدۇ. جاھاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ كۆپ، مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ ساماندەك تولا بولىشىدىكى سەۋەپمۇ دەل شۇ چىدامچانلىقتا.
تۆۋەندە سوقراتنىڭ چىدامچانلىق ھەققىدىكى مۇنۇ ھېكايىسىنى كۆرۈپ باقايلى:
قەدىمكى يۇناندىكى داڭلىق پەيلاسۇپ سوقرات بىر كۈنى شاگىرتلىرىغا مۇنداق دەپتۇ: “ بۈگۈن بىز ئەڭ ئاددى، ئەڭ ئوڭاي بىر ئىشنى ئۈگۈنىمىز. ھەممىڭلار ئىككى قولۇڭلارنى بىر ئالدىغا، بىر كەينىگە ئايلاندۇرىسىلەر. سىلەر بۈگۈندىن باشلاپ بۇ ھەرىكەتنى كۈنىگە 300 نۆۋەت قىلىسىلەر، قانداق ؟ قىلالامسىلەر ؟“
شاگىرتلىرى بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈشۈپتۇ ھەم “ بۇنداق ئاسان ئىشنى نېمىشقا قىلالمىغۇدەكمىز “ دەپ ئويلاپتۇ. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە سوقرات شاگىرتلىرىدىن : “ قولۇڭلارنى كۈنىگە 300 نۆۋەت ئايلاندۇرۇشنى قانچىڭلار داۋاملاشتۇرالىدىڭلار ؟“ دەپ سورىغاندا، كۆپىنچە شاگىرتلىرى قولىنى كۆتۈرۈپتۇ. سوقرات ئۈندىمەپتۇ.
ئارىدىن يەنە بىر ئاي ئۆتكەندە، سوقرات بۇ ئىشنى يەنە سۈرۈشتۈرگەندە شاگىرتلىرىنىڭ يېرىمى قول كۆتۈرۈپتۇ. سوقرات يەنىلا ئارتۇق گەپ – سۆز قىلماپتۇ.
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە، سوقرات بۇ ئىشنى يەنە سۈرۈشتۈرۈپتۇ. بۇ ۋاقىتتا پەقەت بىرلا شاگىرتى قولىنى كۆتۈرۈپتۇ. ئۇ دەل كېيىن يۇناندىكى داڭلىق پەيلاسۇپلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئەپلاتون ئىدى.
جاھاندا قىلىش ئەڭ ئاسان ئىش – داۋاملاشتۇرۇش، ئەڭ تەس ئىشمۇ يەنىلا داۋاملاشتۇرۇش. ئۇنى ئاسان دېيىشىمىزدە، قىلاي دېسە، ئۇنى ھەر كىم قىلالايدۇ؛ تەس دېيىشىمىزدە، ئۇنى ئىزچىل قىلىش ئۇنداق ئوڭايغا چۈشمەيدۇ. جاھاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ كۆپ، مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ ساماندەك تولا بولىشىدىكى سەۋەپمۇ دەل مۇشۇنىڭدا.
مۇۋەپپەقىيەت چىدام – غەيرەتتىن كىلىدۇ. بىلمىگەننى سوراپ بىلىۋالغىلى، ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ. ئىقتىدار – قابىليەتنىمۇ تىرىشسا يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئەمما، چىدامچانلىق بولمىسا، ھەر قانچە تالانت ئىگىسى بولغان تەقدىردىمۇ مۇۋەپپەقىيەت ۋە نەتىجىلەرگە نائىل بولالمايدۇ.
بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1109
1207 – [ 20 ]
مەسرۇق رەھىمەھۇاللھ مۇنداق دەيدۇ؛ مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، ئەمەلنىڭ قايسىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سۇيۇملۇكرەك ئىدى؟دەپ سورىسام، (گەرچە ئاز بولسىمۇ)دائىم داۋاملاشقىنى دىدى. مەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىچىدىن قايسى ۋاقىتتا قىيامدا تۇراتتى ؟ دىسەم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خورازنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىلا، ئورنىدىن تۇراتتى، دىدى. ئەھمەد، بەيھەقى،بۇخارى،مۇسلىم، تىرمىزى، نەسەئى، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ
راست ئىيتىسىز، شۇڭىمۇ ئەجداتلىرىمىز :
جاپانى كىم تولا تارتسا،
گۆھەرنى شۇ ئالار تاشتىن.
گۆھەرنى ئالغۇچە تاشتىن،
نى سەۋدا ئۆتەر باشتىن ……… دەپتىكەن ئەمەسمۇ ؟!