تۇرمۇش خاتىرىسى

ھىندىستانغا بېرىپ كەلدۇق

شىرئەلى ئەلتىكىن

ھۇمايۇن مەقبەرىسى ئالدىدا

ھىندىستان دەرۋازىسى ئالدىدا

      ھىندىستان دىسىلا مۇشۇ ئاددىي مىڭەمگە بىر مۇنچە قالايمىقان ئۇقۇم، ئۇچۇرلار كىلىۋالىدۇ. قايسىنى بۇرۇن ، قايسىنى كىيىن ئىيتىپ چىقىرۋىتىشنىمۇ تازا بىلىپ كەتمەيمەن. ھىچ بىر نىمە بىلمەيلا سەنئەت كەسىپى بىلەن يەنە كىلىپ مۇقام ئېيتىش(ھاپىزلىق)تەك تەۋەرۈك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلۋاتقانلىقىنمنى ۋە ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتىنى  بولسمۇ ئىلغا قىلغۇدەك ھالغا يەتكەندە ئۆمەكتىن ھىندىستانغا    باردىغانلىقىمىزنى خەۋەرلەندۈردى. كۆڭلۈمگە خۇشلۇق يەتتى. باشقا دۆلەتلەرگە  بىرىپ، كۆرۇپ تۇرغانغا يەتمەيتى.  بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز جاھان كۆرۈشنى تەلەپ قىلاتتى. ئەنئەنمىزدە ئوغۇل بالىغا نىسبەتەن شەھەر كۆرگەنگە يەتمەيتتى. سەپەردە بىر ھىكمەت بولاتتى.  ئەمما، ھىندسىتان قوشنا، قوشنىسىنى كۆرمىسە، كۆرۈپ تۇرمىسا بىر قىسما بولۇپ قالىدىغان ئىش ئىكەن. ئىچىمىزدە 50-60 يىل مابەينىدە  تەزكىرە، چۆچەك-قىسسەلەردىن، كىنولاردىن، ناخشىلاردىن ھىندىستاننى كۆرگەن، ئاڭلىغان، بىلگەندەك قىلغانلار نۇرغۇن ئىدى. بۇ ئاددىي خاتىرە ئارقىلىق ئەمىر تۆمۈر-چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىنىڭ  ھىندىستان سەلتەنىتى ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارىلىقنى ئەسلىتىش بەك كۈچ تەلەپ قىلاتتى. بىزنىڭ  مەدەنيەتلىك    تارىخىمىز ھىندىستان بىلەن قۇيۇق ئالاقىدە بولغان ئىكەن. تارىختىكى  بۇددا دىنى مەدەنىيىتى ئچىلمىغان رۇھى دۇنيارىمىزنىڭ   مەلۇم قىسمىنى تەتقىق قىلسا، ئىتبارغا ئالسا ئىچىۋىتىشى، تولۇقلىشى مۇمكىن .  بىزگە قانداقلا بولمىسۇن تونۇشلۇق بولغان 20-ئەسىردىكى ئىپتىخارلىنىپ تىلغا ئالىدىغان ئىسلاھاتچى ئالىملاردىن ئابدۇقاىر دامۇللام، تەجەللى ، ئابلىز مەخسۇم، قاسىم قارى ھاجىم، زەينۇل ئابىدىن مەخدۇم… قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن. ئۇلار ۋەتىنىمىزگە مەرىپەت تارقىتىش، ياخشى كۈنلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھىندىستاندا ئوقۇپ زىيادە  ئىلىمگە ئىرىشىپتىكەن. مۇشۇ نوقتىدىن بولسىمۇ ھىندستان  كۈزۈمگە ئىسىق كۆرۈنىدۇ، قۇلقىمغا يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ. ئاشۇ پايدىلىق ئىلىم ساھىپلىرىنىڭ  غورۇرى قەدىرلەشكە، ئەسلەشكە تامامەن ئەرزىيتى. جاھالەت ۋە قارا نىيەت كۈچەيگەن يىللاردا غورۇر ۋە ئىلىم  سەۋەبلىك ئۆلۈمگە، تەھدىتكە دۇچار بولاپتىكەن. ئۇلاردىن كىيىن چېگرالار ئىتىلىپ ھىندىستانغا چىقىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈزۈلۈپتۇ.  مەدەنيەت ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىشچى ئانام قىيىن، مۇدھىش، جاپالىق كۈنلەردە ناخشا ئېيتىشىمغا يەنە كىلىپ مۇقامچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ قىلشىمغا ئاساس سېلىپ قويغاچقا، شۇ مۇقامنىڭ شاراپىتى بىلەن ئابا-بوۋىلىلىرمىز تارىختا ماكان تۇتقان، خانلىق-پادىشاھلىق قىلغان مۇبارەك زىمىنغا مۇشۇ تىنچىلىق، گۈللىنىش قاتتىق تەكىتلىنىپ كىتىۋاتقان جىددى ۋاقىتلاردا ھىندىستانغا سەپەر قىلىش ماڭىمۇ كىلىپ  قاپتۇ… ئۇلۇغ گەپنىڭ قىسقىسى، دىپىلوماتيە ئېھتىياجى  سەۋەبلىك مۇقامىمىزنى  ئېلىپ ھىندىستانغا چىقتۇق. ئېلىپ چىقتۇق دىسەك، ئالدىراپ مىللەت سۆيەرلىك قىلىشىپ مۇقام   ئىلىپ چىقىدىغان  بىرەر زاۋۇت مەھسۇلاتى ئەمەس دىيىشىپ غەيۋەت قىلمساڭلارمۇ بولىدۇ، مۇقام ئىچىمىزدە بار، ئۆگەنگەننى ئورتاق ياكى بەلگىلەنگەن بۇيىچىلا ئوقۇيمىز. بىزنىڭ  ئۆزىمىزنى، بىزگە ئادەتتىكىدەك بىلىندىغان چالغۇ-سازلىرىمىزنى ئېلىپ سەپەرگە چىقىپ، ۋەزىپىمىز غەلبىلىك ئورۇنلاشتىن باشقا ئىشمىز يوق…
باشتىنراق دىسەم،  مەن ھىندىستاننى تەڭتۇشلىرىمگە ئوخشاش (سەرگەردان) دىكى ئوغرى، يانچۇقچى راج، ئاپتۇۋۇز، دسىكو چولپىنى، رىتا، ۋاپادار ئات قاتارلىق   كىنو-ئارتىسلار ھەم  جىدەل-ماجراغا ۋە  دىلو يۈز بىرۋاتقان ئورۇنغا دائىم كېچىكىپ كىلدىغان ساقچىلاردىن، دۇمباقلىردىن، ئىگىز، ئۇز ئۇسۇلچى قىزلاردىن، يىقىملىق، مۇڭلۇق ئاڭلىندىغان ئايال كىشى ئوقۇيدىغان ناخشىلاردىن، ھەممىدىن بەكرەك (جىمى)دىن  مۇشۇ ھىندىستاننى چالا-پۇلا تونۇغاندەك قىلغان. قەشقەردە ماي كۇلۇب بار ئىدى. بەزىدە ھىندىستان كىنولىرىنى  قوياتتىكەن . ھازىر تۈركيە كىنولىرى مودا بولغان بولسا 80-يىللاردا ئىنسان ئەقلى، تەبئىتى كۆتۈرەلمەيدىغان   مەدەنيەت ئىنقىلابىدىن ئامان-ئىسەن ئۆتكەن قەشقەر كىشىلىرى ئارسىدا ھىندسىتان كىنولىرى، مۇزىكا، ناخشىلىرى مودا بولغان، يەنى كۆڭلىنى خۇش قىلدىغان نەرسىنىڭ تېپىلغىندىن دۈم چۈشۈپتىكەنتۇق. باللىقىمدا، ئۆسمۈرلىكىمدە  ياشاۋاتقىنىمدا ياشلارغا، چوڭلارغا جىمى (ھىندىستان كىنو ئارتىسى) دېگەن ئوبراز قاتتىق تەسىر كۆرسۈتۈپتىكەن، گىتار ئۆگۈنۈش دولقۇنىمۇ كۆتۈرۈلۈپتىكەن. ھېلقىدەك پۇچقىقى كەڭ ئىشتاننى كىيىشنىمۇ ھىندىستان كىنولىرىدىن ئۆگۈنۈپتىكەن.
ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇپ يۈرگەندە تەڭتۇش ئاغىينىلىرىم ئارسىدىكى  خەرىتىگە مەپتۇن بولغانلىرى خەرىتىدىن ئۇ يەر- بۇ يەرنى تېىپشىپ ئوينايتتى. دىيارىمىزغا قوشنا دۆلەت، رايۇنلاردىن  پاكىستان، كەشمىر، بومباي، ئىسمى تەستىرەك تەلەپپۇز قىلىندىغان يېڭى دېھلى ئەڭ بۇرۇن كۆزىمىزگە سىڭىپ قاپتىكەن. ئۇستا بولۇپ كەتكەندە ئافرىقا ۋە چەت جەنۇبي ئامېرىكىلارنى تېپىشىپ، شەرتلىشىپ، تىكىشىپ تېز توشۇپ كىتىدىغان ئون مىنۇتلۇق دەم ئېلىشنى ئاخرلاشتۇراتتۇق. قەشقەردە ناخشا ئوقۇپ يۇرگەنلىرىمدە مۇنداق بىر ناخشىمۇ بار ئىدى:

ئاھ جان  قاشىڭ قاراسى،

ھىندىستاننىڭ سىياسى.

يۇرىكىمنى    كۆيدۇرگەن،

قەشقەرنىڭ قىز باللىسى.

بەزىدە قەشقەر كوچلىرىدا ھىندىستان ئۆڭىدىكى كىشلەرنىمۇ ئۇچرۇتۇپ قىلىش يېڭلىق ئەمەس ئىدى. ياشقا چوڭ كىشلەر 50-يىللارغىچە قەشقەردە ھىندىستانلىق سودىگەرلەر بار ئىدى دىيشىەتتى.. كەپسىز ساۋاقداشلار قارۋايراق بالىلارنىمۇ ھىندى دەپ چىشىغا تىگشەتتى.

سەنئەت مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن بابۇر، ئەكبەر، ئەمىر تۆمۈرنىڭ، تاج مەھەلىنىڭ نامنى ئاڭلاپلا قالماي ((بابۇرنامە))نىمۇ ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ كەتكەنتىم. ھاياتىمدا مۇشۇ كەمگىچە ئوقۇغان كىتابلار ئارسىدا ((بابۇرنامە)) دەك ئىسىل كىتاب ئوقۇمۇدۇم دىيەلەيمەن.ئەلۋەتتە (قۇتادغۇبىلىگ) مۇ بار، بىراق، بابۇرنامە ماڭا يېقىندەك تۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭدا تىرىك ئادەم، ۋەقەلەر مېنى جەلىپ قىلىدۇ. ھەر ئوقۇسام بابۇرنامە ماڭا يېڭى تۇيۇلىدۇ. ئاشۇ  تاجاۋۇزچى، ھەربىي ئالىمغا، قىيىنچىلىقتىن ۋايسىمايدىغان تەۋەككۈلچىغا ھەۋىسىم كىلەتتى. ئۇنىڭ ئەگرە قەلئەسىدە ھەر كۈنى بىر موزاينى ئازادە، يەڭگىل، قىينالمايلا كۆتۈرۈشلىرى ،شاراب- بەزمە قىلىشلىرى، يالغۇز، ھە -ھۇ دەيدىغانلارنىڭ قالمىغاندىكى ئىزتىراب-ئازابلىرى، كىمدۇ بىرسىنىىڭ ئىڭكىگە بىرنى قۇيۇپ قولىنى سۇندۇرۋىلىشلىرى كىتابنى ئوقۇغان جىق ئادەمنىڭ ئىسىدە بولسا كىرەك. بابۇر كاللامغا بەك تەسىر قىلغان شەخس بولغاچقا، بەزى بۇرادەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئوغۇل تۇغسا بابۇر ئسىمنى تەۋسىيە قىلاتتىم. تارىخىمىزنىڭ قاراڭغۇ ھەم سەلتەنەتلىك  قىسمىغا قارتا بىلىملىك زاتلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئىشتىياقىم بار ئىدى.  نىمە ئۈچۈنكى، ھىندىستاننى پەتھە قىلغان ئاتا-بوۋلىرىمىزنىڭ بۇرۇنقى زىمىنلىرىغا قەدەم تەشرىپ قىلىش ئىستىكى دائىم قوزغۇلۇپ تۇرىدۇ. 1857-يىلغىچە بابۇر ئەۋلاتلىرى پادشاھلىق قىلغان ئاتا-مىراس زىمىنلارنى كىمنىڭ كۆرگۈسى كەلمەيدۇ. كىمنىڭ ئاشۇ بىتەكرار پادىشاھ، مەلىكە-خانىش، خانزادىلەرگە بىر مەزگىل بولغان ماكان بولغان ئەگرە قەلئەسىنى تاۋاب ئەيلىگۈسى كەلمەيدۇ. ھىندىستان ھەقىقەتەن قەدىمى، مەدەنىيەتلىك ئىدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق تاشىقى ئىشلار ئىشخانسى بىلەن مەدەنيەت نازارىتى ھەم  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن بۇ قېتىمقى  ئويۇن قۇيۇش، زىيارەت  ئۆمىكىمىزنىڭ  يىتەكچىسى تاشقى ئىشلار ئىشخانسىدىن ئەلىكام بىلەن مۇقام ئانسامبىلى رەھبىرى ئەخمەت ئىمىن ئىدى، قالغانلار ئاساسەن مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئارتىسلىرى ئىدۇق. ئايرۇپىلان ئالدىمىزغا يەنى ھىندىستان بار تەرەپكە ئۇچماي ئارقىمىزغا، بېيجىڭغا ئۇچتۇق، ھىندىستان ئارقىمىزدا قالغان ئىدى. ئۈرۈمچىدىن ھىندىستانغا بىۋاستە ھاۋا يولى تىخىچە ئىچىلمىغان ئىدى.  بېىيجىڭدىن  ئۇچۇپ 2012-يىلى4-ئاينىڭ 1-كۈنى كېچىسى يېىڭى دىھلى ئايرۇپورتىغا چۈشتۇق. ناشتىدىن كىيىن ئوسمانكام بىلەن بىنادىن پەسكە چۈشۈپ، ئاخشامنىڭياقى  دەسسەۋاتقان زىمىن خۇددى  ھىندىستان زىمىنى ئەمەستەك، ھىندىستانغا كەلگىنىمگە ئىشەنمىگەندەك ھەيران قالدىم . قارسام  كۆز ئالدىمدا نەق 80 -يىلارنىڭ ئاخرىدىكى، 90-يىلىنىڭ بىشىدىكى قەشقەر   يېڭى بازار تۇراتتى. غالتەك، ئەخلەت-چاۋار، ئورۇندۇق، خالتا-خالتا زىرائەت، دورا- دەرمەك، مېۋە -چىۋە…يا ئاللا، بىزنى خاتا ئەكلىپ قويمىغاندۇ دىيشىپ ئادەملەرگە قاراپ ھىندىستان مۇشۇمىدۇ؟ دەپ ئۆزۈمگە سۇئال قويدۇم.

 

ھىندىستان پايتەختى دېھلى كوچىلىرىدا كىتىۋېتىپ تارتىۋالغان رەسىمىم

 

    بېرىپ گەپ قىلاي دىسەم يا ئېنگىلىزچە يا ھىندىچە بىلمىگەندىكىن ھاڭۋېقىپ ھەم قىزىقىپ ،ماشىنا، دەرەخلەرگە  قاراپ  ئىچىمنى كۈزەتتىم. بىز چۈشكەن بىناغا چەتئەللىكلەرمۇ چۈشۈدىغان ئوخشايدۇ، كىرىپ-چىقىپ يۈرىشەتتى. ھىندىستان كىنولىرىدا، سۈرەتلىك ناخشىلاردا شۇنچە گۈزەل، جەلىپ قىلارلىق ئىدى. پايتەختنىڭ مەن تۇرغان ھازىرقى مۇشۇ كوچىسى مۇشۇنچىلىك بولسا باشقا كوچلىرى، ئارقا كوچىلىرى قانداقتۇ؟ ئەلۋەتتە بۇمۇ ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ھەم مائارىپ، ئۇل-ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمەسلىكىدىن  بولسا كىرەك دەپ ئويلۇدۇم، بىزنى زىيارەتكە ئىلىپ چىقىدىغان بولغاچ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يىغىلىپ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ قۇتۇپ مىنار(مۇنار) غا ماڭدۇق. يولدا ماشىنىدا كىتۋاتقاچ يولنىڭ ئىككى يېنىغا جىددى قاراپ مېڭىۋاتقىنىمدا كۆرگىنىم، يولنىڭ بىر قېتىدا ھىندى ئىبادەتخانسى، يەنە بىر يېقىدا چىرايلىق، ھەيۋەتلىك مەسچىتلەر بولدى. ھىندىستاننىڭ ئەمەلى ئەھۋالى، مەدەنيىتى ،دېمۇكىراتىيەسى ھەر قايسى دىنلارغا، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورتاق مەۋجۇتلىقىغا ھۆرمەت قىلغان ئىدى.   قۇتۇپ مىنار يېڭى دېھلىدىن  15 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، 1193-يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىپ 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرسىدا تاماملانغان ئىكەن. مۇنارنىڭ ماتىرىيالى  قىزىل قۇم –شىغىل بولۇپ ئىگىزلىكى  72.5 مىتېر كىلدىكەن. ھىندىستانغا كەلگەن ساياھەتچى، جاھان كەزدىلەر چوقۇم قۇتۇپ مىنارغا بارماي قويمايدىغاندەك قىلاتتى. چۈنكى قۇتۇپ مىنار ھىندىستاننىڭ ئىسلام بىناكارلىق  قۇرۇلۇشنىڭ  تاج مەھەلدىن كىيىنكى يەنە بىر نامايەندىسى ئىكەن.

 

ھىندىستاننىڭ ئىسلام بىناركارلىق  قۇرۇلۇشىنىڭ  تاج مەھەلدىن كىيىنكى يەنە بىر نامايەندىسى قۇتۇپ مىنار

قۇتۇپ مىناردىن ھىندىستان ھۆكۈمۈتىنىڭ  ھەر قايسى مەدەنيەت يادىكارلىقلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى كورۋالغىلى بولاتتى. پاكىز، كىچىكىنە زەھمە يىتىپ قالمىسۇن دەپ قاتتىق قوغدايدىغانلىقىنى ساقچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن كۆرۋالغىلى بولاتتى. قۇتۇپ مىناردا بولسۇن ياكى ئۇ يەردىن چىقىپ  كوچلاردا كىتېۋىتىپ ياكى يادىكارلىق ئورۇنلىرىدا ئۇچراتقان ھىندستانلىقلارنى كۆرۈپ، ھىندىستاندا نەگىلا قارىسام مۇسۇلمانلارنى كۆرىمەنغۇ دەيدىغان ئويۇمنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ يەتتىم. بابۇرلارنىڭ سەلتەنەتلىك ئەۋلاتلىرى شەرقى ھىندىستان شىركىتى ھىندىستاننى ئىگىلىگۈچە 300يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، مەنچە ھەممە ھىندىستانلىق مۇسۇلمان بولۇپ كىتىشى كېرەكتەك بىلىنىپتىكەنتۇق. ھىندى دىندىكى ئايال، بالىلار پىشانىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا قىزىل رەڭدە چىكىتتەك بەلگە سېلىۋېلىشىدىكەن ،ھىندى بىلەن مۇسۇلماننى تىزلا پەرقلەندۈرگىلى بولدىكەن.

ھىندىستان كوچىلىرىدىكى ھىندى مۇخلىسلىرى

ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار

ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ چىرايى بىر خىل نۇرلۇق، ئۆزىمۇ روھلۇق كۆرۈندى. بەزى ئۆزۈم ھىندىستانلىق دەپ ئويلىغان ئادەملەرنىڭ ئالدىغا بىرىپ پاراڭلاشقۇم كەلدى. قارسام ئىشىك  يېنىدا50   ياشلاردىكى  ساقاللىق بىر ئادەمگە ھىندۇ مۇ مۇسۇلمانمۇ دىسەم ھىندۇ، ھىندۇ دىدى. ئۇ مەندىن قايتۇرۇپ :كىم دىدى، ئۇيغۇر دىدىم، بىلمىگەندەك بشىنى چايقىدى، مۇسلىم تۈركىش دېسەم چىرايىدا خۇشاللىق ئىپادىلىنىپ  بىردىلا جانلىنىپ يېس، يىس دەپ كەتتى. ئارقىدىن بابۇر، شاھ جاھان ئەكبەر، ھومايۇن دىسەم بىر خىل  بايامقىدىنمۇ بەكرەك خۇش بولۇپ كەتتى. ئەلۋەتتە، ئۆز دۆلىتىنىڭ پەخرىلىرىنى باشقا بىر كىشى تىلغا ئالسا كىم خۇش بولمايدۇ. ئۇ ھىندى خۇش بولدىيۇ، مەندىن بىر مۇنچە سۇئال سوراپ كەتتى. ئۇ مەندىن  سەن قانداق بىلسەن دىگەندەك چىرايىمغا تەپسىلى قارىغاندەك قىلدى. مەن شۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى دىمەكچىتىميۇ تىل بىلمەيتىم. ئۇنىڭغا ئىنىق چۈشەنچە بىرەلمىسەممۇ چاينىس مۇسلىم دىسەم مىنى جۇڭگۇدىن كەلگەن مۇسۇلمان ئىكەنغۇ دىسمۇ تازا ئىشەنچ قىلالمىغاندەك تەئەججۈپقىنا قاراپ قالدى. ئىچىمدە بىر  ھەسرەت ھەم ئاچچىق سۇغۇرلۇپ چىققاندەك بولۇۋاتاتتى . قوشنا تۇرۇپ بىر بىرسىمىزنى بىلمىسەك قانداق بولغىنى؟  تارىخ ، قېرىنداشلىق، قوشنىدارچىلىق ئۇنتۇلدۇرۇلغان، ئۇنتۇپ كىتىشكەن ئىدۇق. ئۇ ھىندۇ نىملەرنى ئويلاپ كەتكەندۇ مەن بىلەن خۇشلاشقاندىن كىيىن. ئىشنىمەنكى، ئۇنىڭمۇ كاللىسىدا بىر نەچچە سۇئال پەيدا بولماي قالمىدى. ئەتراپىمدا بىزنىڭ ئۇسۇلچى باللار چاينىس، چاينىس دىيشىپ كىتىۋاتاتتى. ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش ئۇنىڭ نېرسىغا ئۆتەلمەيتى.   ياتاققا قايتىپ كېتىۋېتىپ نەچچە سائەت بۇرۇن كوچىدا كۆرگەنلىكى چەتئەللىكنىڭ بىزنىڭ بالىلاردىن سەن ئۆزبىكستاندىن كەلدىڭمۇ دىگەنلىكى يادىمدىن كەتمەي تۇرۋالدى، قارىغاندا بىزنى كورگەنلەرنىڭ بىزنى  ئۇيغۇر دىمەي، بەلكىي  ئۆزبىككە ئوخشىتىلىشىمىز ماڭا ھار كەلگەن، قۇبۇل قىلالمىغاندەك قىلاتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى ھىندۇ بىلەن ھەم باشقا چەتئەللىك بىلەن راۋان ئالاقە قىلالمىغىنىممۇ بىر ئاز مىنى جىلە قىلۋەتكەندۇ دەپ تەسەللى بەرگەن بولدۇم.

قۇتۇپ مىناردىن نىلۇپەر سارىيىغا  بارغۇچە ھاۋا ئسسىشقا باشلىغان ئىدى. ئىسىقنىڭ ھۇجۇمىدىن قىينالغان  بەزى قىز-ئوغۇل ياشلىرىمىزنىڭ نىمە قىلىدىغاندۇ، ئىسسىقتا ئادەمنى ئايلاندۇرۇپ، ئۇخلىساق ياكى بازارغا ئاچىقسا بولمامدۇ…..دىيشىلىرىنى خاتا دىيەلمەيتىم. چۈنكى،  بىز قۇبۇل قىلغان مائارىپ بىزگە  ئۆزىمىزنىڭ ھەم ئورتاقلىقى كۆپ، يىلتىزى تۇتاش مەدەنىيەتلەرنىڭ قانداقلىقى ھەققىدىمۇ ئاددى ساۋاتلارنىمۇ بىرەلمەي قالغان ئىدى. رەجپۇد ئىبادەتخانسى كۆزىمىزگە بەك ھەيۋەتلىك ھالەتتە چېلىقتى.    ئشىكتىكى تەكشۈرۈش ئايرۇپىلانغا چىقىشتىكى قاتتىق تەكشۈرۈش بىلەن ئوخشاش ئىدى. يالاڭئاياق كىردىكەنمىز. قۇرلۇشنىڭ سۈپىتى مىكرۇپ يۇقۇپ ئۆزگىرىپ كىتىدۇ دەمدۇ، تازا ئىنىق بىلمەي قالدىم.  بۇ قىلغىنىنىڭ مۇشۇ ئىبادەتخانا ئۈچۈن بولىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز بىلگەچ تەرتىپ بىلەن قاراڭغۇدا ماڭغاندەك تەمتىلەپ ئىشىككە يېقىنلىدىم. سۈرەتكە تارتىش چەكلىنىدۇ دىسە ئۇنى ئاڭلىماي، سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن تېلىفۇنلىرىنى يوشۇرۇپ ئەكىرىشكە ئۇرۇنغانلار ،ئەكىرىۋالغاننىڭ خىجىلچىلىقىنى، رەسۋاسىنى كۆرۈپ تۇرۇپ بىر ئامال بىلەن تېلفۇننى ئەكىرىپ، ئەلكۈيىدە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە  سۇرەتكە تارتىۋاتسام،  بىر ھىندۇ ساقچىسى ئەدەب بىلەن تېلىفۇنىمنى سوراپ ئېلۋالدى. ھەي، نىمىمۇ قىلارتىم ئەكىرىپ، ئەكىرمىسەم بولمامدۇ، تېلىفوننى  قايتۇرۇپ بەرمىسە، جەرىمانە قويسا، تۈزۈمگە بويسۇنسام بولمامدۇ….. دىگەندەك ئەندىشلىك خىيالارنى قىلۋاتسام ساقچى مەن تارتىۋالغان سۈرەتلەرنى يۇيىۋېتىپ تېلفۇننى قايتۇرۇپ بىرىپ گەپ –سۆزسىز يىنىمدىن كېتىپ قالدى. خۇداغا شۈكرى دىدىم، جۇڭگۇدا بولغان بولسام تېلىفۇندىن ئايرىلىپلا قالماي بىر مۇنچە جەرىمانە تۆلەشكە بۇيرۇلۇپ سوغۇق مۇئامىلىنى قۇبۇل قىلاتتىم. نىلۇپەر سارىيىدىكى تامدىكى رەسىملەرنى كۆرۈپ كىتابلارنىڭ ، ژورنالارنىڭ ئۇ يەر بۇ يىرىدىن تاسادىپەن كۆرۈپ قالغان مىڭ ئۆي تام رەسىملەرنىڭ پارچىلىرىنى خىيال قىلدىم. بىز بۇددا دىنىنى بەرپا بولغان ھىندستاندىن بىۋاستە قۇبۇل قىلغانلىقىمىزنى، ئۇيغۇر بۇددىزىمنىڭ   مىڭ يىللىق تارىخى بىلەن ھىندىستان بۇددا دىنىنىڭ تولىمۇ قۇيۇقلىقىنى، بۇنى تەتقىق قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ئۆمەرجان ئىمىندىن  سۆھبەتلەردە  ئاڭلاپ قالاتتىم. قايتقاندىن كىين بۇددا مىڭ ئۆي توغرىسىدا  تەلئەت ئوبۇلقاسىمدىن تەلىم ئىلىپ، بۇددىزىم بىلىمىمنى كۆپەيتىشنى ھەم شۇ مىڭ ئۆيگە بېرىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى كېچىكىپ ھىس قىلدىم.

كۆپ رەسىم تارتىشنى ئويلىغان بولساممۇ تېلىفۇنۇمنى تارتېۋېلىش سەۋەبىدىن رەجپۇد ھەققىدىكى كۆپرەك رەسىملەرنى تارتالمىدىم  .

بابۇرنىڭ ئوغلى، تەخت ۋارىسى بولغان ھۇمايۇننىڭ مەقبەرىسىىگە باردىغان بولدۇق. ھۇمايۇن دېگەن ئىسىمنى 70 پىرسەنىت ئۆمەك ئەزالىرى تۇنجى قىتىم ئاڭلاۋاتاتى. ھۇمايۇن مەقبەرسى قىزىل خىشلاردىن،  گەجدىن قۇپۇرۇلغان تىپىك تۈرك- ئىسلام قۇرۇلۇشى بولۇپ،    گۈمبىزىنى ئېلىۋەتسە قەشقەردىكى   بىر سودىگەرنىڭ ئۆيىگىمۇ ئوخشاپ قالاتتى. بىراق سەپ سالسام ، ئاپپاق خۇجا (ئۇپۇق خۇجا) مازىرىنىڭ شەكلىگە ،نەقىش، سۇپا، تەكچە، مېھراپ ئوخشاپراق كىتىۋاتاتتى. ئىچىمدە قەشقەرگە بارغاندا ئاپپاق خۇجا مازىرىغا بىرىپ سېلىشتۇرۇپ كۆرگۈم كەلدى.

ھۇمايۇن مەقبەرىسى

ھۇمايۇن مەقبەرىسى ھىندىستانغا بارغانلىكى چەتئەللىك ئاڭلايدىغان بىر ئىسىم. ئۇنىڭ بابۇرنىڭ ئىزىنى باسقان مۇنەۋۋەر بىر پادىشاھ ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم.   بابۇرنامىدە  ھۇمايۇننىڭ بابۇرغا بىر پارچە خەت يازغاندا بابۇرنىڭ خەتنى بۇندىن كىيىن ئىنىق، رۇشەن يېزىشنى ئېيتىپ جاۋاب خەت يازغانلىغىدەك كىچىكىنە ۋەقەمۇ يادىمدىن چىقمايدۇ. ھۇمايۇن مەقبەرىسىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئۇنىڭ 1560-يىللاردىن تا ھازىرغىچە نۇرغۇن-ئىسسىق سوغۇق، كۈلپەت- تالاپەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ بۇزىۋېتىلمەي مەزمۇت تۇرغان تۇرقىغا قاراپ، كىيىن ھىندىستاننى تەسەررۇپ ئاستىغا ئالغان ئېنگىلىزلارغا، 60يىللىق  دىمۇكىراتىك ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىپ كەتتىم. ھىندىلار، ئىنگىلىزلار، شىكلار ئۆز دىنى، ئەقدىسىگە خىلاپ كۆرىۋېلىپ، دۆلەت ئىدىلوگىيسىگە مۇخالىپ كۆرۈپ، شەھەر تەرەققىياتى باھانىسىدا ھىيلە- مىكىر ئىشلىتىپ بۇزۋەتمەي ساقلاپ كەپتۇ. ئەلۋەتتە،مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر باشقىچە بولىدىكەن. ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرگە كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىدىكەن دېگەن تەسىراتقا كەلدىم. كۆرگەن ئادەمنى بىر قىسما قىلىدىغىنى يېڭى دېھلىدا سىيگۈسى كەلگەن ئەرلەرنىڭ يولنىڭ بويىغا ئۆتۈپلا بەھوزۇر سىيىۋىرىشى كاللىدىن ئاسان ئۆتمەيدىكەن. ئۈرۈمچىدە ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى تامنىڭ بۇلۇڭلىرىغا ئۆتۈپلا سىيىۋىرشەتتى. بولۇپمۇ مەسىتلەر ئۇدۇل كەلگەن يەرگە سىيىپ قۇيىدىغان ئىشلار بار ئىدى. ھازىر ئاساسەن قالمىغىلى تۇردى، شەھەرنىڭ چەتلىرىدە ئاز-تولا كۆزگە چېلىقىپ قالىدۇ.

بىز چۈشكەن مىھمانخانا ئەتراپىدا رۇسيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچى تولىستوينىڭ يېڭى دېھلىغا كەلگەندە تۇرغان مىھمانخانا- تولىستوي مىھمانخانسى دەپ نام بىرىلىپتۇ،


يولدا كىتىۋېتىپ تارتقان رەسىم : تولىستوي مىھمانخانسى

بۇنىڭدىن رۇسلار قانچە خۇرسەن بولغاندۇ دەپ قالدىم. بىزمۇ  ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن، بىزنى نۇرمال پوزىتسىيەدە تەتتىق قىلغان، دۇنياغا تونۇشتۇرغان چەتئەللىك كىشلەرنىڭ نامىغا كوچا، مەكتەپ نامىنى بەرسەك يامان كەتمەيتتى…  ھىندىستانغا دەسسىگەن كۈننىڭ 2-كۈنى كەچتە ھىندىستاندىكى ھەر قايسى دۆلەت ئەلچىخانا خادىملىرىغا، دىپلوماتلىرىغا، بەزى ھىندىستانلىق سودىگەر، دىپلوماتىيە خادىملىرىغا، مەدەنيەت سېپىدىكى كىشلەرگە چەبىيات مۇقامىنى بىر يېرىم سائەتتە ئورۇنلاپ بەردۇق. چاۋاكلار ئۆزۈلمەيتتى. بىزمۇ خۇش بولدۇق، ئەلۋەتتە. ھە راست،  ئويۇن باشلاشتىن بۇرۇنقى رىپىتىس جەريانىدا ئوسمانكام مۇقام مۇقەددىمىسىنى ھىندستان ئاڭاھلىرىغا كەلتۈرۈپ توۋلاپ قوياپتى، زالنىڭ ئىچىدىكى ھىندستانلىق خادىملار ھەيران قېلىشقاندەك چۇقۇرشۇپ، ئىشلىرىنى قۇيۇپ چاۋاك چېلىشىپ كىتىشتى. ئويۇن قويۇۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى كىشلەر بىزنىڭ ئىسمىمىزنى، ئويۇنمىزنى تۇنجى قېتىم كۆرۋاتاتتى. بىز نىمىلا بولمىسۇن ئويۇننى ۋاقىتىدا، خاتالىق سادىر قىلماي نۆۋەت بىلەن چىرايلىق ئاخىرلاشتۇرغىنمىزغا خۇرسەن ئىدۇق. تۇنجى مەيدان ئويۇننى قويۇپ ياتاققا قايتىپ كىلىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەي قويدى. كۈندۈزدىكى زىيارەت-ساياھەت قىلىۋاتقاندا بىزنىڭ كىملىكىزنى، نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى سورىغان كىشلەرگە تولۇق ،راۋان بىر نىملەرنى دىيەلمىگىنمگە سەل- پەل ئىچىم ئاچچىق بولىۋاتاتتى. ماڭا ئوخشاش ئۆمەكتىكىلەر ئايرۇپورت، دۇكان، بازاردا، ئايرۇپىلاندا سەن كىم ؟ نەدىن كەلدىڭ؟ دېگەن سۇئالغا دۇچ كەلگەن ئىدى. دېققەت قىلغىنىم ھىندىستاندا قەشقەر،خوتەن تەرەپلەردىكى يىراق يېزا -بازارلاردا تېخىچە داۋاملىشىپ كىلۋاتقان ئورۇندۇق قۇيۇپلا كاپلىغۇچ، ئۇستىرا بىلەنلا چاچ چۈشۈرۈپ، ساقال-بۇرۇت ياسايدىغان ساتراچلارنىڭ بارلىقى.  90-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە قەشقەر شەھىرىدە بازار كۈنى ھەم ھىيتگاھ ئەتراپىدا ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى ساتراچلىرىمىز بار ئىدى. ھىيتگاھ ئەتراپىدا ئاشۇنداق ساتراچلار ھازىر بازار كۈنى بارمۇ -يوق بىلمەيمەن. يېڭى دېھلى كوچىلىرىدا ئالى، ئىسىل ماشىنىلار كۆپ بولغىنى بىلەن يوقسۇل،نامرات كىشلەر ھەر يەردە ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلغۇدەك نامراتلىق كۆزگە چېلىقاتتى.



ھىندىستان دەرۋازىسى ئالدىدا

باشقلاردىن ئاڭلىغىنىمدەك ھىندىستاندا باي- كەمبەغەللىق پەرقى  چوڭ ئىكەن .ئەتىسى بىزنى يەنە ھىندىستاندىكى داڭلىق ھىندىستان دەرۋازىسىغا ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ يولغا چىقتۇق. ھىندستان دەرۋازىسى  دېسە نىمىكىن دەپتىمەن. يېقىن كىلىپ قارىسا قانىتى يوق دەرۋازىغا ئوخشايدىغان، ئىگىز ، تاشتىن قۇپۇلغان سېپىل دەرۋازىسى ئىكەن. بۇ يەردە ئۇچۇرغان ھىندىلار ئۆمەكتىكى بالىلارنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلىقىمىزنى بىلىپ، بىزگە  شاھرۇھخان، ئامىرخانلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئىيتىشتى. ياشلىرىمىز ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئىخلاسمەنلرى كۆپ ئىدى، ئۇلارنى شىنجاڭدا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلشاتتى. بىز كۆرگەن ھىندىلار ئەدەبلىك، تەقۋاداردەك قىلشاتتى. بىز ئەسسالامۇئەلەيكۇم دىسەك مۇسۇلمانلرى دەرھال ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دىيشەتتى. ھىندى دىنى مۇرتلىرى بولسا ئادىتى بويچە قولىنى جۈپلەپ سەل ئىگىلپ سالام قايتۇرشاتتى. تۇرۇپ بىزنىڭ سالاملىرىمىز ئاددىيلىشىپ، كۈچى قالمىغاندەك، يەڭگىل تۇيۇلدى. چوڭ ياشلىقلارنىڭ خىلى ئۇزۇن سالاملىشىلىرى ئاخىرلىشىپ بىر- ئىككى ئېغىز مۇنداقلا سالاملىشىىشى ئەدەب كەتكەن ئىدى.  ھىندىستان دەرۋازىسىدىن قايىتقاچ بازارغا چىقالمىغانغا، ئۇخلاپ ئارام ئالالمىغانغا غودۇراشلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى … بەزىلەر بۇددىست ئىمارەتلەرنى كۆرگەنگە پۇشايمان قىلىشىۋىتاتتى، نىمە قىلاتتۇق بۇدلارنى كۆرۈپ، قارىغۇم كەلمىدى  دىيشەتتى. ھېرىپ-ئېچىپ قايتقاندا ئۇدۇل يېڭى دېھلىدىكى جۇڭگۇ ئەلچىخانىسىغا كۆرسەتكىلى ئېلىپ باردى، بالىلار ئەلچىخانا ئىچىگە كىرىپ خۇشال بولۇشۇپ  قۇشقاچتەك ۋىچىرلىشىپ كەتتى. بايامقى قاقشاشلىرى، خاپىلىقلىرى نەگىدۇر يوقالغاندەك قىلاتتى. جۇڭگۇ ئەلچىخانسى ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ، گۈزەل ئەلچىخانا ئىكەن. ئەلچىخاندىن چىقىپ بانگالورغا سەپەر قىلدۇق .

 

 

بانگالوردىكى ھىندىستانلىق بالىلار بىلەن بىرگە

بانگالور- مەنسى پۇرچاق ئىكەن. ھىندىستانىڭ   جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان  كاناتاك ئىشتاتىنىڭ مەركىزى بولۇپ، ھىندىستاندىكى 5 چوڭ شەھەرنىڭ بىرى بۇلۇپ، نوپۇسى 6.5مىليۇن ئەتراپىدا ئىكەن. ھىندسىتان 1947-يىلى مۇستەققىل بولغاندىن باشلاپ بانگالور مۇھىم سانائەت رايۇنىغا ئايلانغان. يۇقۇرى پەن تېخنىكا شىركەتلىرى  بانگالورغا جايلاشقان بولۇپ،  ھىندىستاننىڭ (كىرمىنىي جىلغىسى) دىگەن نامى بار ئىكەن… بانگالور كونا –يېڭى شەھەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ،  كونا شەھەر سودا رايۇنى، يېڭى شەھەر سانائەت رايۇنى ئىكەن. بانگالوردا بابۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ سۈرگەن ھاكىمىيىتى نەتىجىسىدە كونا شەھەر رايۇنىدا ئىسلام بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى بىنالار كۆپ ئىكەن.

بانگالورنىڭ كىلىماتى ئىسىق ،شۇ كۈندىكى تېپىراتۇرىسىمۇ 25 گىرادۇس ئەتراپىدا ئىدى. ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى كونا شەھەرگە كىلەمدۇ قانداق، ھەر خىل كېيىنگەن چىرايلار كۆپ ئىدى. سەپسىلىپ كىتىۋاتسام ئىككى نەپەر ئۇيغۇرغا ئوخشايدىغان كىشى ئۇچۇراپتى، ئۇيغۇر ئىكەن دەپ كۆرۈشكۈم كىلىپ ئالدىغا بىرىپ، سالام بەرسەم سالامىمنى ئىلىك ئىلىپلا سىلەر ئۆزبىكمۇ دىدى، مەن ئۇلارنى ئۇيغۇرغا ئوخشاتقان بولسام ئۇلار مىنى ۋە بىزلەرنى ئۆزىگە-ئۆزبىككە ئوخشىتىۋاتاتتى. بىزنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمىزنى بىلگەندىن كىيىن، ئۆزلىرنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كىلىشكەنلىكىنى ئېيتىشىپ خۇشلاشتى. بانگالوردىمۇ يېڭى دېھلىدىكىگە ئوخشاش  ئۆزبىكمۇ، ئۆزبىكىستان دىيشىپ كىتشتى… بەلكىم، چەتئەل كۆرگەن قېرىنداشلىرىمىزمۇ نە- نەلەردە ئۆزىنى ھە ماۋۇ ئۇيغۇر ئىكەن دەپ ئاتىلىشىغا مۇيەسسەر بولالماي ئۆزبىككە، باشقا بىر مىللەتلەرگە ئوخشىتىلغان ئىشقا ئۇچرۇغان بولۇشى مۇمكىن. بىزنى بىرسى تونۇمىسا ،تونۇيالمىسا دەمال جىددىيلىشىمىز ،خاپىمۇ بولاپ قويمىز. ئەپسۇسكى، باشقىلارنىڭ بىزنى بىلىش مەجبۇرىيتى بولۇشى مۇمكىن ھەم بىلمەسلىك ھوقۇقىمۇ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىساق بولىدۇ، بەزىدە ئىرەن قىلىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.  بانگالوردىكى ۋاقىتىمىزدا ئويۇن قويۇشتىن بۇرۇنقى ئەركىن ۋاقتىمىزدا مەن يىقىن ئەتراپتىكى ھىندىستاننىڭ مەنىۋى يولباشچىسى ئۇلۇغ ئىنسانپەرۋەر زات گەندى نامىغا ئاتالغان باغچىغا كىرىپ چىقتىم.


باغچىدا ئايلىنىپ كىتىۋېتىپ گەندىنىڭ ((مەن ھەقىقەتنى قانداق چۇشەندىم) دېگەن كىتابىنى ئازراق ئوقۇپ تاشلاپ قويغىنىم يادىمغا يەتتى. گەندى ھىندىستاننىڭلا ئەمەس  پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر، ياخشىلىق ئىستەيدىغانلارنىڭ، نەپسىگە چەك قويغۇچىلارنىڭمۇ ئۇستازلىرىنىڭ بىرسى ئىدى. بانگالور كۆچىسىدا بىز چۈشكەن مىھمانخانغا يېقىنراق بازاردىن تاج مەھەلنىڭ سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن مايكىدىن بىر تالنى ئىككى  دوللارغا سېىتىۋىلىپ ئۆزۈمگە ئۆزۈم سوۋغا قىلغان بولدۇم، ھىندسىتاندىن سېتىۋالغان نەرسەم شۇ بوپتۇ…بانگالوردىىن قايتىش ئالدىدا ئۆمەك باشىلىقىمىز ئەخمەت ئىمىن: ھەممەيلەن (( كارۋان))فىلىمىدا ئات ئۇلاغدا شەھەرمۇ شەھەر ئايلىنىپ ئويۇن قويسا، بىز ئاسماندىكى كارۋان بولدۇق دەپ چاقچاق قىلدى .

بانگالوردا كەلگەن كۇنى ئاخشىمى ئويۇنمىزنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قويۇلدى دىيىشكە بولاتتى. ئاممىباب ناخشىچىلىقىمىزنىڭ باشلامچىلىلىرىدىن بىرسى، ئەلگە تونۇلغان سەنئەتكار  ئىززەت ئىلياس ھىندى ناخشىسىنى ئىيتىپ زالنى چاۋاككا، ئالقىشقا كۆمۈۋەتتى.  50-يىللاردا شىنجاڭ ناخشا –ئۇسسۇل ئۆمىكى بىر قېتىم ھىندىستاندا ئويۇن قويغاندىن كىيىن سۇغا چۈشكەن تاشتەك يوقاپ كەتكىنىمىزگە  يېرىم ئەسىردىن ئېشىپتىكەن. بىزنى رىياسەتچى جۇڭگۇ شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان، ئۇيغۇر ئارتسىلىرى دەپ تونۇشتۇردى. شۇ كۈنى ھىندىستان تاراتقۇلىرى ئارقىلىق  بولسمۇ ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇرۇلدۇق. مەن بۇنىڭدىن مەمنۇنلۇق ھىسلارغا چۆمۈلدۈم. بۇ قېتىم ھىندىستاندا ئاران تۆت كۈن تۇرالىغان بولساممۇ ،كۆرگەنلىرىم ئات ئۈستىدە گۈل كۆرگەنچىلىك بولمىسمۇ ھەم ھىندسىتان سەنئەتكارىلىرى بىلەن ئۇچرۇشۇش، ھىندىستان مۇقاملىرىنى ئاڭلاش، ھىندىستان چالغۇلىرنى كۆرۈش، ئاڭلاش، شاھ جاھان سەلتەنىتىنىڭ نامايەندىسى تاج مەھەلنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەن بولساقمۇ،  ھىندستانغا قىلغان سەپىرىمىزدىن ئۈمىدكە تولغاندەك بولۇپ، ئۆزىمىزگە ۋە ھىندستانغا ئاسايشىلىق، بەرىكەت- ئامانلىق تىلەپ،   مالايسىيانىڭ ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ ھىندونوزىيەنىڭ مەيدان شەھىرىگە قاراب ئۇچۇپ تۈن كېچىدە ھىندىستاندىن ئايرىلدۇق..

مەنبە :http://bbs.alkuyi.com/thread-20776-1-1.html

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2337

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-08-21
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: مەن بىلەن مېڭىڭ
ئىنكاس: 1دانە
  1. ئۇيغۇر بىلوگگىر مۇنبىرى

    بىزگە قاچانلىققا نىسىپ بۇلا مۇشۇنداق ساياھەت قىلىپ كىلىش

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: