ئائىلىدىن كەچكەن ئەر ئەمەس
ئائىلىدىن كەچكەن ئەر ئەمەس
روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ
مەشھۇر ئالىم ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن “ ئائىلە – ئەرنىڭ بەخت بېغى “ دېگەنىدى.
ھەقىقەتەنمۇ بىر ئەرگە نىسبەتەن ئىلىپ ئېيىتقاندا ئائىلە ئەڭ موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.بىزنىڭ ئادىتىمىزدە ئائىلە قۇرۇش باركى، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەك يوقتۇر. ئەگەر كىمىكى ئۆزى باش بولۇپ بەرپا قىلغان ئائىلىسىدىن كېچىدىكەن، مەيلى ئۇ قانچىلىك بىلىملىك، قانچىلىك يوقىرى ھۆرمەتكە ئىگە بولسۇن، ئەلنىڭ نەزىرىدىن بىراقلا چۈشۈپ كىتىدۇ. شۇنداقتىمۇ يىقىنقى يىللاردىن بىرى بىزدە ئاتىلارنىڭ ئائىلىدىن ۋاز كېچىشى خېلى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى. توي قىلىپ بىر – ئىككى بالىلىق بولغاندىن كېيىن، بىرىگە پەش تارتىپ قىلىپ، كۆزنى يۇمۇپلا ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشلارنى مىسال قىلساق، بۇنداقلارنى بىز يۈزلەپ، مىڭلاپ بىلىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ تۆت كۈنلۈك دۇنيا، شۇڭا ھاياتنى خوشال ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىشنىڭ يامان يىرى يوق. ئەمما، بۇ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ، جۈملىدىن ئۆز پۇشتىمىزدىن تامغان پەرزەنتلەرنىڭ كۆز يېشى، خارلىنىشى ۋە جۈپتى ھالالىمىزنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ھېسابىغا بولماسلىقى كېرەك. شۇڭا “ ئائىلىنى بۇزۇشقا مۆلچەرلەنگەن ھەر قانداق ئىجتىمائىي نەزەرىيەلەر كېرەكسىزدۇر، توغرا ئەمەستۇر “ ( ۋ. گىيۇگو).
كۆڭۈل دېگەن كىمدە يوق، ئەمما كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىۋىرىش ھايۋاننىڭ قىلىقى. سىز توي قىلىشتىن بۇرۇن كۆڭۈلنىڭ كەينىدىن ئەگەشكەن بولسىڭىز، بۇنىڭغا سالاۋات. ئەمما، بىر ئايالغا ئەر، مەيلى بىر بولسۇن، ئىككى بولسۇن پەرزەنتكە ئاتا بولۇپ قالغاندا، چوقۇم كۆڭۈل سىزنى ئەمەس، سىز كۆڭۈلنى باشقۇرۇشىڭىز كېرەك. “ ئائىلىسىنى تاشلاپ كەتكەن بىلەن، بالىلىرىغا ناھايتى ياخشى تەسىر كۆرسىتىدىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ تەربىيسىگىمۇ كۈچەپ، ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىدىغان ئاتىلارمۇ بار، دەيدىغانلارمۇ بار. مەن بۇنداق بولۇشنىڭ مۇمكىنلىكىگە، يەنى بۇنداق ئىشقا ئادەمنىڭ قۇدرىتى يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. لىكىن مەن ئۇنداق ئادەملەرنى كۆرگىنىم يوق. ئەمما، مەن دەسلەپكى ئائىلىۋى چۈشەنمەسلىكلەرنىڭ تەسىرىگە بىرىلمەسلىكنى بىلىدىغان، يېڭى مۇھەببەتنىڭ جەلىپ قىلغۇچى كۆركەملىكىگە ئۇچۇپ كەتمەيدىغان، ئۆز خوتۇنى بىلەن قىلغان ۋەدىسىگە داغ چۈشۈرمەيدىغان، خوتۇنىنىڭ مەلۇم مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىنكى ئاشكارا بولۇپ قالغان قىسمەن كەمچىللىكلىرىگە يېپىشىۋالمايدىغان ئەرلەرنى بولسا ناھايتى كۆپ ئۇچراتقانمەن ”①
بىر ئائىلىنى بىر ئۆمۈر مۇستەھكەملەشكە توغرا كىلىدۇ. بۇ ھەر قانداق ئەر ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم مەجبۇرىيەت ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا بىراۋ تەڭ يولدا بۇ مەجبۇرىيەتتىن باش تولغىغان بولسا، ئىنىقكى ئۇنىڭ كىيىنكى ھاياتىمۇ كۆڭۈلسىزلىك بىلەن داۋام قىلىدۇ _ تاشلىنىپ قالغان ئايالنىڭ ئىزىدىن چىقىپ كەتكەن ھاياتى، يېتىم بولغان بالىلارنىڭ كۆز ياشلىرى ئۇنى بىر ئۆمۈر تىنىچ قويمايدۇ. چۈنكى، “ ئاتىسى تاشلاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئەھۋالى كۆپ ھاللاردا يېتىم قالغان بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا مۇرەككەپ ۋە خەۋپلىك بولىدۇ ”②
ئائىلىسىدىن كەچكۈچىنىڭ بىر تالاي سەۋەبلىرى بولىدۇ، ئايالى ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدۇ، تولا جىدەل قىلىدۇ، بەتخەج ۋە ھورۇن، كۈنلەمچىلىك ئادىتى يامان… مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەرنى دەستەك قىلىپ ئائىلىسىنى ۋەيران، بالىلىرىنى يېتىم قىلغان ئاتىلارنى خېىلى كۆپ ئۇچرىتىمىز. بۇنداق ئاتىلارغا مۇنداق بىر دىتالنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشنىڭ پايدىسى بولسا كېرەك :
بىر كۈنى سوقراتنىڭ رەپىقىسى كىسانتىپپە ئاۋال قاتتىق چىچىلىپ، ئارقىدىن ئۇنىڭ بىشىدىن سۇ تۆكۈۋىتىدۇ. “ ئېيتقان ئىدىمغۇ، ـ دەپ غۇدۇرايدۇ پەيلاسۇپ، ـ كىسانتىپپە ئاۋال گۈلدۈرمامىدەك گۈلبۈرلەيدۇ، ئاندىن يامغۇر بولۇپ قۇيۇلىدۇ.“ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغان سوقراتنىڭ دوستى ئەلكىۋىئاد كىسانتىپپەنىڭ جاڭجىلىغا بەرداشلىق بىرىشنىڭ ھەقىقەتەن تەسلىكىنى ئېتراپ قىلىدۇ. سوقرات ئەلكىۋىئادقا : “ مەن بۇ جاڭجاللارغا خۇددى چاقنىڭ توختاۋسىز غىچىرلىشىغا كۆنگەندەك كۆنۈپ كەتكەنمەن. مەسىلەن سەنمۇ غازلارنىڭ غاقىلدىشىغا تاقەت قىلىسەنغۇ ! “ دەيدۇ. “ ئۇغۇ شۇنداق، لىكىن مەن ئۇنىڭ ھېسابىغا غازلاردىن تۇخۇم ۋە گۆش ئالىمەن “ دەيدۇ پەيلاسۇپقا جاۋابەن ئەلكىۋىئاد. “ كىسانتىپپەمۇ ماڭا پەرزەنت تۇغۇپ بىرىدۇ “ دەيدۇ سوقرات، كېيىنكى ۋاقىتلاردا سوقرات : “ جىدەلخور رەپىقەم مەن ئۈچۈن گويا چەۋەندازنىڭ ئاساۋ ئىتىغا ئوخشايدۇ. ئاساۋ ئاتنى بويسۇندۇرالىغان چەۋەنداز ھەر قانداق تۇلپارنى بىمالال مىنەلىگىنىدەك، مەنمۇ كىسانتىپپە بىلەن مۇرەسسە قىلىش ۋاستىسىدە باشقا كىشىلەر بىلەن ئاسانلا مۇئامىلىدە بولالايمەن “ دېگەنىدى. بۇنىڭدىن “ ئەر ئائىلىگە يەڭگىلتەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلسا بولمايدۇ “ دېگەن ھەقىقەتنى چۈشەنمەك قېيىن بولمىسا كېرەك. شۇڭا، ئۇياندىن ئائىلە قۇرۇپ، بۇياندىن ئۇنى ۋەيران قىلىشقا ئالدىراش ماھىيەتتە ئەرلىك نامغا بولغان ھاقارەتتۇر. تارىختىن بىرى خوتۇن ئالغانلار، ئائىلە قۇرغانلار قۇتلۇقلانغان بولسىمۇ، ئايالىنى تۇل، ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغانلار ھېچقاچان تەبرىكلەنگەن ئەمەس. چۈنكى، “ ئاجىرىشىش يۈز بەرسە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىلىغا دەز كېتىدۇ. ماجىرا ئەر – خوتۇن ئۈستىدە بولىدۇ – يۇ، كالتەك بالىلارنىڭ بىشىدا سۇنىدۇ “ ③. دېمەك، ۋەيران بولغان ئاشۇ ئائىلىنىڭ ناچار تەسىرى مەيلى ئەر – ئايالنىڭ ياكى پەرزەنتلەرنىڭ بولسۇن، بىر ئۆمۈرلۈك ھايات يولىدا تولدۇرۇپ بولغۇسىز ھاڭلارنى قالدۇرغان بولىدۇ. شۇڭا، ئائىلە قۇرۇلغانكەن، چوقۇم ئۇنى قوغداش، كامال تاپقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك. بۇ ھەقىقىي ئەرنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.
① ئا. ماكارېنكو : “ ئاتا – ئانىلار كىتابى “ 1956 – يىلى تاشكەنت نەشىرى، 280 – بەت.
② ئا. ماكارېنكو : “ ئاتا – ئانىلار كىتابى “ 1956 – يىلى تاشكەنت نەشىرى، 220 – بەت.
③ رەھىمە شامەنسۇروۋا ( ئەزىزى تەرجىمىسى ) : “ روھ پاكلىقى – دىل جىلۋىسى ”، مىللەتلەر نەشىرىياتى 2007 – يىلى 3 – ئاي نەشىرى، 156 – بەت.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1551