تۇرمۇش خاتىرىسى

ئۈمۈت ۋە ئىنتىلىش

ياشىنىپ قالغان بىر ئەما سازەندە ئۆزىگە ئوخشاش ئەما بىر بالىنى ئەگەشتۈرۈپ كوچا_كويلاردا ساز چېلىپ،ناخشا ئېيتىپ تىرىكچىلىك قىلدىكەن.كۈنلىرى مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتسىمۇ ناھايتى ئىرادىلىك ئىكەن .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە،بۇ ياشىنىپ قالغان سازەندە ساز چېلىۋاتقاندا سازنىڭ تارىسى ئۈزۈلۈپ كىتىپتۇ . ئۇ ئۆمرىدە ئۆزىۋەتكەن100_تارا ئىكەن . ئۇ خوشاللىقتىن خۇدىنى يوقۇتۇپ قۇيۇپتۇ . چۈنكى ئۇستازى ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭغا بىر رىتسىپ قالدۇرۇپ،100_تارىنى ئۈزىۋەتكەندىن كىيىنئاندىن ئىشلىتىشكە بۇلدىغانلىقىنى، شۇ چاغدا بۇ دورا كارغا كىلىپ، ئۇنىڭ كۆزىنى ساقايتىدىغانلىقىنى ئېيىتقانىكەن . سازەندە قېن_قېنىغا پاتماي ئۇزۇن يىل ساقلاپ يۈرگەن رىتسىپنى كۆتۈرۈپ دورا دۇكىنىغا كەپتۇ.دورا پۇرۇش:بۇ رىتسىپتا بىرمۇ خەتنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپتۇ.سازەندە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ.قەلبىدىكى بىر ئۆمۈر ئۆزىگە تېرەك بولغان قۇدرەتلىك كۈچ بىردىلا يوققا چىققاندەك، بىلىنىپ روھى جەھەتتىن تۈگۈشۈپ كىتىپتۇ. ئارىدىن بىر نەچچە يىللار ئۆتۈپ ئۆمرىنىڭ .ئاخىرىغا كەلگەندە، بۇ سازەندە ئۈزۈل_كېسىل ئويغۇنۇپتۇ. ئەسلىدە ئۇستازى ئۇنىڭ ھەر_بىر كۈنىنى ئۈمۈتۋارلىق بىلەن ئۆتكۈزىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ئىكەن.
ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا ئەستايدىللىق بىلەن ئۇ رىتسىپنى ئەما شاگىرتىغا قالدۇرۇپ ئەينى ۋاقىتتا ئۇستازى ئېيىتقان گەپلەرنى تەكرارلاپتۇ. ئۇمۇ ..ئەما بالىغا ئۈمۈت ۋە ئىنتىلىشنى قالدۇرۇپ كېتىپتۇ.
چۈنكى ئۇ مانا_مۇشۇنداق بىر ئىنتىلىش،ئارزۇ_ئىستەكنىڭ تۈرۈتكىسىدە كىشىلىك ھاياتتىن بىر ئۆمۈر ھۇزۇرلانغانىكەن……

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2227

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-08-04
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: