![]() |
تىلنىڭ كۈچى
قەھرىتان قىش كۈنى، كىيىملىرى جۇل – جۇل بولۇپ كەتكەن بىر ئەما بوۋاي سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق شامالغا بەرداشلىق بېرىپ، بوينىغا « مەن بىر ئەما » دېگەن خەت يېزىلغان تاختىنى ئېسىۋېلىپ، شەھەرنىڭ ئاۋات كوچىسىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدىكەن. بىر كۈنى بىر شائىر بۇ بوۋاينىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ. بوۋاي ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قولىنى سۇنۇپتۇ. شائىر يانھۇقىنى كولاپ بېقىپ ئىلاجىسىز: « مەنمۇ نامرات ئادەم، بىراق مەن ساڭا باشقا بىر نەرسىنى بىرەي » دەپتۇ ۋە يانچۇقىدىن قەلىمىنى چىقىرىپ، بوۋاينىڭ بوينىغا ئېسىۋالغان تاختىسىغا بىر نېمىلەرنى يېزىپ قويۇپ كېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، بوۋايغا ھېسىداشلىق قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپتۇ. بىراق، بوۋاي بۇ ئىشنىڭ تېگىگە زادىلا يېتەلمەپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ شائىر بىلەن بوۋاي يەنە ئۇچرىشىپ قاپتۇ. بوۋاي شائىردىن: «ھېلىقى كۈنى سىز مېنىڭ تاختىيىمغا نېمە خەت يازغاندىڭىز؟ » دەپ سوراپتۇ. شائىر كۈلۈپ تۇرۇپ: « باھار كېلىپ قالدى، بىراق مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن » دەپ يازدىم، دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان بوۋاينىڭ كۆزىدىن ئىسسىق ياش تۆكۈلۈپتۇ.
مانا بۇ تىلنىڭ سېھرى كۈچى، ئەقىللىق ئادەملەر شېرىن – تاتلىق سۆزلەر ئارقىلىق ھەقىقەتنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشكارىلايدۇ. دۆت ئادەملەر ئەكسىچە قوپال سۆزلەر ئارقىلىق ھەقىقەتنىڭ قىممىتىنى يوق قىلىدۇ. كۆپ قىسىم ئادەملەر بولسا ھەقىقەتنى ئادەتتىكى سۆزلەر ئارقىلىقلا ئىپادىلەيدۇ. بوۋاينىڭ « مەن ئەما » دېگەن سۆزى ئادەمدە يېقىمسىز تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئەمما، « باھار كېلىپ قالدى، بىراق مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن » دېگەن سۆز بولسا، كىشىدە يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك، كۆڭۈل بۆلۈش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ، مۇھەببەتلىك قەلبلەرنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرەلەيدۇ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3512