تۇرمۇش خاتىرىسى

    

ئۆينى قەبرە ياكى قىبلە قىلىۋالماڭ

ئەر بىلەن ئايالنىڭ تۇرمۇشى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئىككى كىشىلىك دۇنيا . ئەمما كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ، جىمى ئالەمدۇر . چۈنكى ئۇ بەزى ھاللاردائىككەيلەننىڭ خۇسۇسىي ئىشى ھېسابلانسا ، كۆپ ھاللاردا كەڭ جەمئىيەت بىلەن ئورتاق ، باغلانما مۇناسىۋەت ھاسىل قىلىدۇ . بىزنىڭ نۇرغۇن ئائىلىلىرىمىز ئىككى كىشىلىك دۇنيادىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئۇنىڭدا ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ خۇسۇسى تۇرمۇشىدىن باشقا ھېچقانداق كەڭ مەنىلىك ئۇچۇر – ئىزلارنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس . نۇرغۇنلىرىمىز خوتۇننى ئۆزىمىزگە خوتۇن ، ئۆيگە ئايال ، بالىغا ئانا قىلىش ئۈچۈنلا ئالىمىز . ئەمما ئۇ تۈپ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، بىر ئەرنىڭ ھاياتى — ئىماننىڭ يېرىمىدۇر . توينى چوڭ بولۇپ قالغانلىق ئۈچۈنلا قىلىش بىزنىڭ ئىنتايىن نۇرغۇن ئادەملىرىمىزنىڭ نىكاھ قارىشى . شۇنىڭغا ئوخشاشلا نۇرغۇن ئائىلىلىرىمىزدىن ئەر بىلەن خوتۇننىڭ خۇسۇسىيى تۇرمۇشى ياكى خىزمەت ئۇچۇرلىرى ياكى تېلىۋىزور ، توڭلاتقۇ دېگەندەك سايمانلارنىلا تېپىش مۇمكىن . ۋەھالەنكى ، بىزنىڭ ئائىلە قۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز نوقۇل شەھۋىتىمىزنى كەڭتاشا قاندۇرىدىغان جۈپ تېپىش ياكى باش تىققۇدەك بىرەر ئۆي تۇتىۋېلىش ياكى ئۆي بېزەشلا ئەمەس ، بەلكى ھاياتلىق ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىرنى مۇقىم ھەمراھ ، تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق تېخىمۇ مەنىلىك ئىش – ئەمەللەر بىلەن مەشغۇل بولۇش . بۇرادەر ، ئۆيىڭىزدە تېلېۋىزور ، توڭلاتقۇ دېگەندەك سايمانلاردىن بۆلەك سىزنىڭ غايە – نىشانلىرىڭىزنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان يەنە نېمە بار ؟ ئىشتىن چۈشۈپ كېلىپ نېمە ئىش قىلىسىز ؟ يانپاشلاپ يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈش ، ئۇخلاش ، كېچىلەپ قوغلاپ يۈرۈپ ئىچىش ، ئويناش ، تېتىقسىز يۇمۇر سۆزلەپ ۋالاقلاپ كۈلۈپ ئولتۇرۇشلا بىر ئەرنىڭ تۇرمۇش مەزمۇنى بولۇپ قالسا ، بۇنى ئىنتايىن ئېغىر تىراگىدىيە دېيىش كېرەك . بۇ يالغۇز بىر ئەرنىڭ ۋاقىت ، زېھىن، ھايات تىراگىدىيەسىلا ئەمەس ، بىر ئايال ، پەرزەنت ، ئائىلىنىڭ بەخىت – ئىستىقبال تراگىدىيىسى ۋە مۇشۇنداق ئادەت ئومۇملاشقان بىر قەۋىمنىڭ مەۋجۇتلۇق تراگىدىيەسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ . ھاياتىڭىزدا ئۆزىڭىزنى پىدا قىلغۇدەك بىرەر ئىدىيە قاراش ، كەسىپ – قىزىقىش بارمۇ ؟ جەمىيەتنىڭ قانداق مەسىللىرىگە قىزىقىسىز ۋە جەمىيەتتىكى قايسى ياخشى ئىشلاردىن قانچىلىك پەخىرلىنىپ ، ئۇنى قانچىلىك دەرىجىدە ، ئەمەلىي قوللىيالايسىز ؟ ناچار قىلىقلاردىن يىرگىنىش دەرىجىڭىز ۋە ئۇنى توسۇش ، ياخشىلاش ھەققىدىكى قارىشىڭىز قانچىلىك ؟ بىر كۈن بىر ئاي ، بىر يىلدا بىرەر كىتاب ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئۆزىڭىزنىڭ تارىخ ، مەدەنىيىتىڭىزگە بولغان تۇنۇشىڭىز ، بىلىشىڭىز ۋە مۇھەببىتىڭىز قانچىلىك ؟ ئايالىڭىز بىلەن ئائىلىدىكى ئۇششاق – چۈششەك ئىشلاردىن بۆلەك يەنە نېمە تېمىلاردا پاراڭلىشالايسىز ؟ ئايالىڭىزنى قايسى ياخشى يولغا قانچىلىك يېتەكلىيەلىدىڭىز ؟ بالىلىرىڭىزنى نىشانلىقراق تەربىيەلەش ھەققىدە ئاز – تولا ئويلىرىڭىز بارمۇ ؟ خوشنىللىرىڭىز بىلەن بولغان ئالاقىڭىز قانچىلىك ؟ … بىر ئەرنىڭ خوتىنىغىلا باغلىنىپ ، ئۆيىگىلا قامىلىپ قېلىشى ئۇنىڭ قىممىتىنى ئىنتايىن پەسلەشتۈرۈپ ، ھاياتنى تولىمۇ ئاددىي ۋە پۇچەك قىلىۋېتىدۇ . بىر ئەردە ئۆزىنى بېغىشلىغۇدەك غايە – ئېتىقاد ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزدىنىش، كۆرەش قىلىش روھى بولۇش كېرەك . دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆيدىمۇ ، سىرىتتىمۇ ، ئوڭىدىمۇ ، چۈشىدىمۇ ئۆز غايىسى ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىپ ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت تاجىنى كىيگەنلەردىندۇر . ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ ئۆيىڭىزدىن مائارىپ ھەققىدىكى ئۇچۇر ھەتتا پۇراقنى تېپىشمۇ بەس مۈشكۈل تۇرسا، سىز تەربىيەلىگەن بالىلاردىن ئىلخۇمار ئادەم ئەمەس ، جانباقتى سەپسەتىچى
چىقىدۇ . بىر يازغۇچى ئۆزى كېچە – كېچىلەپ يازسا ، لېكىن ئۆيىدە بىرەر كىتاب ئىشكابى ۋە ياكى ئەڭ ئادەتتىكى ئەدەبىيات ئۇچۇرلىرىغا ئائىت كىتابلارمۇ بولمىسا ، تاشقى دۇنياغا كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋالسا ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ تار دۇنياسىنىلا سىزىپ بېرىدىغان بىر تەرەپلىمە قاراشتىن بۆلەك دۇنياۋى ئاڭ – ئىدىيە ھەرگىز چىقمايدۇ . بىر ئەر ئىدارە – خىزمەت ئۈچۈن ۋەزىپە تەرىقىسىدىلا چاپسا ، ئەمما ئۆز ئۆيىدە خىزمىتى ، كەسپى دائىرىسىدە ئىزدەنمىسە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدە قىزىقىشى بولمىسا ئۇ پۇل ، قورساقنىڭ قۇلى ھەم مەدىكاردىن باشقا نەرسە بولماي قالىدۇ . ۋەھالەنكى ، كۆپىنچىمىز مائاش ئېلىش ئۈچۈنلا ئىشلەۋاتىمىز ، ئۆيگە كېلىپ ئۇخلايمىز ، تېلىۋېزور كۆرىمىز ، خوتۇنىمىز بىلەن بىللە بولىمىز . ھاياتتىكى مەنا ، خىزمەتتىكى ئەھمىيەت ، ياشاشتىكى غايىلەر بىلەن پەرۋايىمىز پەلەك . مەن دەيمەن ، يارالمىش – ياراتمىشتىكى مۇقەددەس ئىمكان – ئېھسانلارنى ھەلەپكە كۆممەيلى !
بۇرادەر ، خوتۇننى قىبلە ، ئۆينى قەبرە قىلىۋالماڭ . خوتۇننى ئېلىۋېلىپلا بىر ئوبدان ئىزدىنىشىڭىزنى تاشلاپ قويماڭ . بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپلا بارلىق غايىللىرىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ . مەن شۇ قەدەر ئىستىقباللىق ياشلارنىڭ خوتۇن ئېلىپ ، بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپلا جىمجىت يوقاپ كەتكەنلىكىنى جىق كۆردۈم . مەنتوي قىلغاندىمۇ نۇرغۇن ئادەم ماڭا ھازىرچە توي قىلماسلىقنى ناھايىتى كۆپ تەكلىپ – تەۋسىيە قىلىشتى . خوتۇننى زەنجىر ، ئائىلىنى باغلاق دەپ چۈشىنىدىغانلار بىزدە كۆپ بولسا كېرەك . ۋەھالەنكى ، مەن خوتۇننى ھاياتنى پاكىز ، ئورۇنسىز ئەندىشە – بېسىملاردىن خالىي ئۆتۈش ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ پۈتۈنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىش ، ئۆينى خاتىرجەملىك ، ماكان تۇيغۇسىغا ئېرىشىپ تۇرۇپ يۈكسەك پەللىلەرگە ئۇزاش نۇقتىسى قىلىپ تاللاشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىنمەن ھەمدە نىكاھنىڭ ھاياتلىق ئىزدىنىشلىرىگە توساق بولماستىن ، كۈچ ۋە كاپالەت بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىنمەن . توي قىلىپلا جىمىپ قالغان ، باش كۆتۈرەلمىگەن ئەرلەر دەل خوتۇنىنى قىبلە ، ئۆينى قەبرە قىلىۋالغان ئەرلەردۇر .  خۇدا ،  بىزنى بۇ خىل تار دۇنيادىن ساقلىسۇن ۋە ئاشۇ كۈچلۈك يۆلەك ئاساسىدا كەڭ ، پايانسىز ئالەمگە ئوچۇق يول بەرسۇن.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2783

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-10-31
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: