بالقاننىڭ ئەڭ ھىم ئىشىكىدىن كىرىش (07)
IHH ۋە «مىللىي ئاڭ» دىكىلەرنىڭ تورپاقلىرى ئىبا كەنتىدىكى قۇشخانىمىزدا پىچاق ساقلاپ يېتىپ تۇرۇشسۇن، بىز بىر قانچەيلەن چۈشلۈك تاماقلىرىمىزنى يەۋالغاندىن كېيىن ماۋۇ بىزنىڭ WEFA نىڭ ئاللىقاچان قاپلارغا كىرىپ تەييار بولۇشقان بەش ئىنىكىنى مۇھتاج قېرىنداشلارغا تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن Mangull كەنتىگە قاراپ يولغا چىقتۇق.
مەنگۈل كەنتى بىزنىڭ قۇشخانىمىز جايلاشقان ئىبا كەنتىدىن 8 كىلومېتىرچە نېرىدا، تاغ چوققىسىغىلا چۈشكەن بىر كەنت. بارغۇچىمۇ دىققەت قىلدىم: ماشىنا ئىنجىقلاپ ئىنجىقلاپ تەستە سۆرەۋاتىدۇ. ھەتتا بارغۇچە ماشىنىدا تاغقا ياماشتۇق، دېسەممۇ بولىدۇ. بەش ئىنەك ئېغىر كېلىۋاتقان چېغىۋا.
قۇربانلىق تارقىتىشقا IHH دىن تۆت، ALSAR دىن ئۈچ جەمئىي سەككىزىمىز كېتىۋاتىمىز. ئۇلار: ALSAR دىن سەيمىر رۇشەكۇ بۇرادەر (ئارىمىزدا ئەڭ زىيالى سۈپەت بۇ بۇرادىرىمىز شىم-كاستۇم، گالىستۈك، ئاق كۆڭلەك كىيىۋېلىپ تاغمۇ-تاغ تۆت كۈن بىللە يۈردى بىز بىلەن)، گەنچ ئاغا (ھېيىت نامىزىدا خۇتبە ئوقۇغان بۇرادىرىمىز) ۋە جەلالىددىن خەيرۇللاھ (ئىبادىكى ھېلىقى مەسجىدكە ئىسىم قويۇپ بەرگەن بۇ ئۇكىمىزنى قىسقىلا قىلىپ ‹ئاپپاراتچى جەلال› دەيتتۇق. ئۆزى پۈتۈن سەپەر جەريانىدا كامېرا كۆتۈرۈپ چىقتى). IHH لىق تۆتەيلەن بولسا ماۋى مارمارا سەپدىشىم خالىد نەجدەت ئارسلانئەر تاغىمىز، يەنە مۇرات كانتارجى، مۇھەممەد ئەمىن ساراج ۋە مۇھەممەد ھەمزە ئارسلان. بۇ بۇرادەرلەر بۈگۈن بىزنىڭ WEFA فورمىسىنى كىيىشىپ ماڭا ياردەم قىلىشىدۇ، مەن ئەتە ئۇلارنىڭ فورمىسىدا ئۇلارغا قارىشىمەن.
شوپۇرچۇ راست؟ ماشىنىدا كېتىۋېتىپ شوپۇرىمىزنى ئۇنتۇپ قالغىنىم قىزىقتە. يەر شارىدا كېتىۋېتىپ خۇدانى ئۇنتۇپ قالغاندەك بىر ئىش بولدى بۇ. بۇ تۆت كۈن جەريانىدا ماشىنىمىزنى ھەيدىگەن فاتمىر يۈسۈفى ئابىمىز، نېمە دېسەم بولار، ئالبانچىدىن باشقا دۇنيانىڭ ھېچ قانداق بىر تىلىدىن بىرەر سۆزمۇ چۈشەنمەيدۇ. چەت ئەل تىلى، دېدۇق، لېكىنزە، قاتناش بەلگىلىرىنىمۇ چورتلا تونۇمايدىغان بۇ ئاكىمىزنى چەت ئەل تىلى بىلمىدىڭ، دەپ ئاغرىنغىلى بولامدۇ دەيسىلەر؟ «ئالبانىيىنىڭ مايكول شۇمېيچېرى» دەپ لەقەممۇ قويۇۋالدۇق بۇ ئاكىمىزغا. توغرىدە؟ مۇشۇ كاتاڭ تاغ يولىدا ماشىنا ھېلىدىن ھېلىغا ئۆرۈلۈپ كېتەي دەۋاتسىمۇ خىيالى بەشىنچى خوتتا ئۇچۇۋاتقان ئادەمگە باشقا قانداق لەقەم بېرىشىمىز مۇمكىن؟ ئالبانىيە ۋە ماكېدونىيىدە يۈرگەن تۆت كۈنىمىزدە ئۇنىڭغا بەلكىم ئون مىڭ قېتىم «ئاستا!» دەپ ۋارقىرىغاندىمىز. ئاقىۋەت پۈتۈن سەپەر جەريانىدا ئۇنىڭ چەت ئەل تىلىغا تەۋە ئۆگىنىۋالغان بىردىنبىر سۆزى تۈركچە «yavaş» سۆزى بوپتۇ. «ۋاي فاتمىر ئابى، ئاستىراق ھەيدە!… ۋاي ماشىنا ئۆرۈلدىـــــــــــــــــــــــــــــــــى!…» ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقامدىغان. تېخى بىز شۇنداق ۋارقىراپ بىر بولۇپ كەتسەك ئۇنىڭ خىيالى ئارقىسىغا تولۇق بۇرۇلۇپ ھەممىمىزگە تەكشى قاراپ، چىرايلىق چىرايلىق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇۋېلىشى بار. «ۋاي ئالدىڭغا قارىســـــــــــــــــــــــاڭا!… ئا دەرەخكە ئۈستۇق!…. ئەستاغپۇرۇللاھ…» بىچارە، ئۆمرىدە خوتۇنىدىنمۇ مۇنداق جىق گەپ ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.
شۇنداق ۋارقىراپ-جارقىراپ يەر-جاھاننى ئېلىپ بولساق، ئاجايىب بىر تاتلىق، ساددا ساددا كۈلۈمسىرىشى باركىن بۇ ئاكىمىزنىڭ، ئىگەكىم، خۇددى بىزنىڭ ئەلازىغ دېھقىنىنىڭ ئۆزى! ئۇنىڭ ماشىنىسىدا خۇددى ئالبانىيىدە، ئىبا كەنتىدىن مەنگۈل كەنتىگە ئەمەس، بىزنىڭ كاراكوچان-ئەلازىغ يولىدا كېتىۋاتاتتىم مەن. پەقەت شۇ مۇسلىم گۈرسەسنىڭ ناخشىسى كەم ئىدى ماشىنىدا. بىلسەم ئالغاچ كېلىدىكەنمەن. نەق مۇشۇنداق يولدا ئاڭلايدىغان مۇڭ ناخشا ئىدى دېسەڭلارچۇ: «ئىچىمنى ئەجەپ سىقتى بۇ يوللار / بۇ كۈلۈمسىرەشلەر / بىزار بولدۇم / بىزار بولدۇم / شۇنچىلىك بىزار بولدۇم…»
كەنتكە كەلدۇق. ماشىنىمىز كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى باغچىسىدا توختىدى. قۇربانلىق تارقىتىش پائالىيىتى بۇ مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلاتتى. مەكتەپتە ئادەملەر توپ توپ بولۇشۇپ بىزنى ساقلاپ تۇرۇشقانىكەن. كەنتنىڭ ئەڭ زامانىۋى، ئەڭ كۆركەم قۇرۇلۇشى بولغان بۇ مەكتەپ تاغ تۆپىسىدىكى بۇ كەنتنىڭ ئەڭ ئېگىز بىر يېرىگە جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن گۈزەللىكى بىلەن يىراقتىنلا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. شۇنداق نامرات بىر كەنتنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىمارىتىنىڭ مەكتەپ بولۇشى مېنى بەزى خىياللارغا باشلاپ كەتتى…
بۈگۈن مەكتەپتە بىرمۇ ئوقۇغۇچى يوق كۆرۈنمەيتتى. بىلسەك قۇربان ھېيىت ئالبانىيىدە قانۇنلۇق دەم ئېلىش بېرىلىدىكەن، بۇنىڭدىن خۇش بولدۇق. «شۇنداق بولۇشى كېرەك-تە. مۇسۇلمانلار دۆلىتى ئەمەسمۇ بۇ…» دېيىشتۇق. ئەمما ھېيىتلىق ئارام پەقەت بىرلا كۈن ئىكەن. قۇربان ھېيىت پەقەت بىرلا كۈن بولسا بولامدۇ؟ بۇنىڭغا ئېچىندۇق. بۇنداق بىر كۈنلۈك دەم ئېلىشنى، ئەگەر خالىساق خرىستىئان گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىمۇ بېرىدۇ بىزگە. ھەتتا بەزىلەر ئارىلىشىپ تۇرۇۋالمىسا تولۇق تۆت كۈنمۇ قانۇنلۇق ئارام تەلەپ قىلىپ ئالالايمىز گېرمان ھۆكۈمىتىدىن. ئەمما ماۋۇسى بىر مۇسۇلمانلار دۆلىتى-دە؟ ئازراق پەرق بولمىسۇنمۇ؟
ئابانىيە پايتەختى ترانا شەھىرىگە قاراشلىق بولغان مەنگۈل كەنتى شەھەردىن 19 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، 2 مىڭ نوپۇسلۇق چوڭ بىر كەنت، يەنى بۇ كەنتنىڭ نوپۇسى بىز ھېيىت نامىزى ئوقۇغان Mushqeta ۋە قۇشخانىمىز جايلاشقان Iba كەنتلىرى نوپۇسلىرىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ ئىدى. بىر خىــــــــــل ھاياجان بار ئىدى ئىچىمىزدە.
قۇربانلىق تارقىتىش پائالىيىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن زىيالى سۈپەت سەيمىر بۇرادىرىمىز قىسقا بىر سۆز قىلدى. سۆزىدە ئۇ ئاۋۋال كەنت خەلقىگە قۇربان ھېيىتنىڭ ئىسلامدىكى مۇھىم ئورنى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىۋەتكەندىن كېيىن بىزنى ئۇلارغا تونۇشتۇردى. ئاندىن قۇربانلىق تارقىتىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ قولىدا بىر پارچە «كەنتتىكى نامراتلار تىزىملىكى» بار ئىدى. دېمەك، قۇربانلىق تارقىتىش بۇ شەكىلدە بولىدىكەن: ئۇ قولىدىكى تىزىملىكتىكى ئىسىملەرنى ئوقۇيدۇ، ئىسمى چاقىرىلغانلار چىقىپ نېسىۋىسىنى ئېلىۋالىدۇ…
ALSAR دىكىلەر ھېيىتتىن بۇرۇن مەنگۈل كەنت دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ كەنتتىكى نامراتلار تىزىملىكىگە ئېرىشكەنىكەن. بۇ يەردە «كەنتتىكى نامراتلار» دەپقالدۇق، لېكىن راستنى دېسەم كەنتتە ھەممەيلەن نامرات ئىدى. سىلەر بۇ تىزىملىكتىكى «نامراتلار» سۆزىنى «بەك بەك بەك نامراتلار» دەپ چۈشەنسەڭلار بولىدۇ. يوقسۇلنىڭمۇ يوقسۇللىرىكەن بۇلار.
شۇنداق، قېرىنداشلار. بىز ئايلىنىپ ئۆتكەن بۇ رايونلار ھەقىقەتەن ئاجايىب بىر نامراتچىلىقتا جان تالىشىۋاتقان ھالەتتە. ئەگەر سىلەرنىڭ كاللاڭلاردا «ياۋروپا» دېگەن سۆز «باياشاتچىلىق، مەمۇرچىلىق، توقچىلىق…» دېگەندەك ھەر قانداق بىر ئىجابىي مەنىدە بولسا، ئالبانىيە ياۋروپاغا تەۋە ئەمەس، بەلكى بۇ يېقىنلاردا بولالمايدۇ، دەپ چۈشەنسەڭلار بولىدۇ. بۈگۈن، شۇ ئۇلۇغ ھېيىتتا، بىر كۈن بولسىمۇ بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئائىلىسىدە بىر توقچىلىق، مەمۇرچىلىق ھاسىل قىلالىساق، ئائىلە بويىچە ئولتۇرۇپ بىر بايرام قىلالىسا شۇلار… قېنى، گۆشنى تارقىتايلى!
ئىش تەقسىماتىمىز مۇنداق بولدى: ALSAR دىن سەيمىر رۇشەكۇ ئاكىمىز ۋە گەنچ ئاغا ئىككىيلەن تەشكىللەشكە مەسئۇل بولدى. جەلالىددىن، يەنى «بىزنىڭ جەلال» نىڭ ئىشى يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك، ھەممە يەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ رەسىمگە تارتىش. IHH دىن قالغان ئۈچەيلەن گۆشلەرنىڭ ئارىسىدا، ئۇلار قۇربانلىق قاچىلانغان قاپلارنى خالىد تاغىمىز بىلەن ماڭا سۇنىدۇ، بىز كەنتتىكىلەرگە تارقىتىمىز…
دىققەت-ھە، قۇربانلىق گۆشلىرىنى تارقىتىش ئىشىنى خالىد نەجدەت ئارسلانئەر ئاكىمىز بىلەن مەن قىلىۋاتىمەن. ماۋى مارمارادىكى سەپدىشىم خالىد ئاكا بىلەن جۇمۇ!
دۇنيا دېگەن ئاجايىپ-تە! تېخى بەش ئايلا بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن ماۋى مارمارا پاراخوتىدا بىللە ئىدۇق؛ «نىشانىمىز – فەلەستىن؛ يۈكىمىز – ئىنسانىي ياردەم!» شوئارى بىلەن قوزغالغان «غەززەگە ياردەم كېمە ئەترىتى» دە بىللە كېتىۋاتاتتۇق؛ ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدا يەھۇدىي قىساسچىلىرى ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق ۋە بومبا يامغۇرىدا بىللە ئىدۇق؛ خەلقئارا ئوچۇق دېڭىزدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قاراقچىلارچە ئەسىرگە ئېلىنغاندا بىللە ئىدۇق؛ نەگەۋ چۆللىكىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى بىئرۇسسەبادىكى ئەلا قاماقخانىسىدا بىللە ياتقانىدۇق بۇ ئادەم بىلەن. 5 ئاي ئۆتۈپ ئەمدى بالقاندا، ئالبانىيىنىڭ تاغ چوققىسىدىكى بىر كەنتتە بىر خالتىنىڭ ئىككى ئۇچىدىن تەڭ تۇتۇپ يوقسۇل قېرىنداشلارغا تارقىتىۋاتىمىز. ئويلاڭلارا، تۈنۈگۈن ئوچۇق دېڭىزدا، كۆپكۈك دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا، بۈگۈن تاغ چوققىسىدا…
ئارىدىن پەقەت 5 ئاي 13 كۈن ئۆتكەن…
قۇربانلىق تارقىتىش رەسمىي باشلاندى. بۇ تۇپراقلارغا دەسسىگىنىمدىن بۇيان ئەڭ تەقەززا بولغان پەيت يېتىپ كەلدى.
ALSAR دىكىلەر قولىدىكى تىزىملىكتىن ئىسىملەرنى بىر-بىرلەپ چاقىرىدۇ، ئىسمى چىققانلار يېنىمىزغا كېلىشىدۇ، بىز ئۇلارغا قۇربانلىق گۆشلەر سېلىنغان قاپلارنى بېرىمىز، قايتىشىدۇ… ئىشىمىزنىڭ بۇ قىسىمى ئادەمگە بىر خىل مەنىۋى ھوزۇر بېرىدۇ. خوش، ھوزۇر بېرىشنىغۇ بېرىدۇ، لېكىن بۇنى قەلەمگە ئېلىش، سىلەرگە ھېكايە قىلىپ بېرىش ئۇنداق ئاسان توختىمىدى ماڭا، ئەلۋەتتە. يەنە كېلىپ خاتىرىنىڭ ئاستىدا ئۇ يوقسۇل تۇغقانلىرىمىزنىڭ رەسىملىرى قوشۇلغاندا تېخىمۇ شۇنداق بولدى. بۇنداق تۇيغۇنى يېزىش ئاسانمۇ دەيسىلەر. بېرىش قانچىلىك ياخشى بىر ئىش بولسۇن، ئېلىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەسكەن. ھەممەيلەن ئىنسان، نامرات بولساقتۇ، باي بولساقتۇ، ھەممىمىزنىڭ غۇرۇرىمىز بار. قاپلارنى ئالغۇچە خىجىل بولۇشتى، تارتىنىشتى. شۇ ساپ تۇيغۇلارنى بىر كۆرسەڭلار… ئۇلارنى تارتىندۇرماسلىق چۈشەتتى بىزگە. ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بېرىۋاتىمىز، بەس. ئۇلارغا مۇشۇنى بىلدۈرۈشكە تىرىشاتتۇق. «تارتىنماڭلار، بۇرادەرلەر. بىز بۇلارنى سىلەر ئېھتىياجلىق بولغىنىڭلار ئۈچۈن بېرىۋاتمايمىز. قۇربان ھېيىت ھەممىمىزنىڭ بايرىمى. ئىسلامدىكى بىر ۋاجىب ئەمەلنى ئورۇنداش ئۈچۈن بېرىۋاتىمىز. سىلەر بولمىساڭلار بىز مۇشۇ ۋاجىب ئەمەلنى ئادا قىلالمايتتۇق. تارتىنماڭلار، بىزنىڭ ئورنىمىزدا بولساڭلار سىلەرمۇ شۇنداق قىلاتتىڭلار…» دېگەننى ھېس قىلدۇرۇشىمىز، بەلكى سۆزلىمەستىن ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك ئىدى.
بىزدىن بۇرۇن بۇ يەرلەرگە بۇرنىنى تىقىپ يۈرۈشكەن، ھۆكۈمەتلىرىدىن، چېركاۋلىرىدىن مىليونلاپ مەبلەغ ئېلىپ تۇرۇشىدىغان مىسسىيونېرلارنىڭ «ئەيسا رىزاسى ئۈچۈن» دەپ نېمە-نېمىلەرنى بېرىشمىگەن بۇ خەلققە دەيسىلەر. ئۇ نەرسىلەر ئالدىدا بۇ بەش كالىمىز نېمىگە ھېساب؟ ئەمما بىز «اللە رىزاسى ئۈچۈن» دەيمىز. توغرا، بۇ قېرىنداشلار ھازىرچە كىمنىڭ رىزاسى ئۈچۈنلىكىگە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ، ئەمما بۇ خەلقنىڭ شۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىدىغان كۈنلىرىگە ئاز قالدى، ئىنشائاللاھ. بۇلارمۇ بىر كۈنى ئافرىقىلىق بىر سەھرالىق ھەسرەتتە ئېيتقان «ئاق تەنلىكلەر كەلمەستە بىزدە زېمىن، ئۇلاردا ئىنجىل بار ئىدى؛ ھازىر بىزدە ئىنجىل بار، ئۇلاردا زېمىن…» دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى كېچىكمەستىن چۈشىنىشىدۇ.
ھېس قىلىشىمچە، ئالبانىيە خەلقىگە سېلىشتۇرغاندا ماكېدونىيىلىكلەرنىڭ ئىسلام چۈشەنچىسى ئومۇمىيۈزلۈك ياخشىراق، ئۇلار «اللە رىزاسى ئۈچۈن» نىڭ نېمىلىكىنىمۇ، مىسسىيونېرلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنىمۇ ياخشى بىلىشىدۇ. لېكىن ئالبانىيە خەلقىنىڭ مۇسۇلمانچىلىقى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك خەۋپلىك بىر ھالدا تۇرماقتا. ماكېدونلار دىنىي سالاھىيەتلىرىنى ھىمايە قىلىشىدۇ، مىللىي كىملىكلىرىگىمۇ ھەرگىز سەل قاراشمايدۇ. دۆلىتىنى شىر يۈرەكلىك بىلەن قوغدايدۇ. ھازىرغىچە بۇ دۆلەتنى ئەمەس، «ماكېدونىيە» دېگەن ئىسىمنىمۇ قوبۇل قىلىشمىغان گرېتىسىيە، NATO ۋە ب د ت غا قارشى كۆكسىنى كېرىپ تۇرۇپ: «مەن ماكېدونىيىلىكمەن!» دېيەلەيدۇ. شەخسەن مەن مىللىتىگە، ۋەتىنىگە سادىق مۇسۇلمانلىقنى ياقتۇرىمەن. ئۆز زېمىنلىرىدىن تانىدىغان، ئۆز دۆلىتىنى يات كۆرىدىغان، ئۆز خەلقىدىن نەپرەتلىنىدىغان بىر «مۇسۇلمانلىق» تىن بەك چىقسا شۇ بىزنىڭ تۈركىيىدىكىدەك «ئىسلامچىلىق» چىقىدۇ، باشقا ئىش يوق.
ئالبانىيىدە دىنىي كىملىك پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوق قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، خەلقنىڭ ئېڭىدا پەقەت مىللىي كىملىكلا قالغان. ئەمما دىندىن ئايرىلغان بۇ مىللىي سالاھىيەتمۇ خاتا بىر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭماقتا. بۇنى ئالبانىيىدە ھەممىلا يەردە ئۇچىراپ تۇرىدىغان ئىسكەندەر بەگ ھەيكىلى ۋە راھىبە تېرېسسا ھەيكەللىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ ئىككىسى ھازىر «ئالبانىيە» دېيىلسە شۇ ھامان كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدىغان دەرىجىدە ئالبان مىللىتىنىڭ سىمۋولى قىلىۋېتىلگەن بىر ھالەتتە تۇرماقتا.
مەنگۈل كەنتىدىكى Shkolla e Mesme e Bashkuar ئىسىملىك باشلانغۇچ مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قۇربانلىق تارقىتىش پائالىيىتىمىز ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھەممە ئىش شۇنداق تەرتىپلىك. ئۆچرەت تالىشىشلار، قىستىلىشىشلار يوق. ھەتتا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئىسمى چاقىرىلغانلار تېخى بىر خىل ئىككىلەنگەندەك، ھېلى قېچىپ كېتىشىدىغان ئەلپازدا شۇنداق تەستە كېلىشىدۇ ئالدىمىزغا. شۇ ھالىتىگە قاراپ قولىغا دۇنيانى تۇتقۇزغۇڭ كېلىدۇ. قىزىق ئىش، بىر يەردە يەر تەۋرىسە، ياكى كەلكۈن كەلسە، ئۇ يەرگە ياردەم ئېلىپ بارساڭ بۇ نورمال بولىدۇ، خەلقمۇ ئانچە تارتىنماي ئالىدۇ، ماۋۇ ھېيىتتا ياردەم ئېلىپ بارساق تارتىنغۇدەك نەرى بار؟ ماۋۇلارنىڭ تارتىنىشلىرىغا قاراپ بىزنىڭ «مەدەنىي» ياۋروپانى ئەسلىدىم. نېمە سەۋەپتىن تارقىتىلسۇن، بۇنداق بىكارلىق ياكى ئەرزان باھادا تارقىتىلغان يېمەكلىك ۋە نەرسىلەرنى تالىشىپ قان بولۇشۇشلار، دەسسەشلەر پەقەت گېرمانىيە، فرانسىيىلەردەك «ھاللىق» دۆلەتلەردىلا يۈز بېرىدىغان بىر ئىش.
قۇربانلىقلارنى تارقىتىۋېتىپ بىر چاغدا شۇنداق بېشىمنى كۆتۈرمەيمەنمۇ. نېرىراقتا بىر بۇلۇڭدا شۇنداق تارتىنچاقلىق بىلەن غېرىپ غېرىپ ئولتۇرۇشۇپ ئىشىمىزنى تاماشا قىلىشىۋاتقان بىر توپ ھەدىمىزگە كۆزۈم چۈشتى. شۇنداق تاتلىق، پۈتۈن تەقى-تۇرقى بىلەن بىرلا ئېغىز قىلىپ «ئانا» دەپلا سۈپەتلىسە تولۇق چۈشىدىغان ئاپاشلار. قاراشلىرى ئىچىمنى بىر خىللا قىلىۋەتتى. بەزىلىرى قوللىرىنى خۇددى نامازدا تۇرغاندەك كۆكسىلىرىدە باغلاپ تۇرۇشسا، بەزىسى ئاغزىنى قولى بىلەن ئېتىۋالغان، بەزىسى بىر-بىرىگە يۆلىنىشىپ بىزنى تاماشا قىلىۋاتاتتى. قىزىق يېرى، ھەممىسىلا شۇنداق پاكار، شۇنداق پاكار ئىدى ئۇلار. يىراقتا تۇرۇۋېلىپ بىزگە مەيۈش قاراشلىرىدىن بىر خىل ئوڭايسىزلاندىم. كەلسەڭلارا، نېمىگە خىجىل بولىسىلەر؟ سىلەردەكلا ئاپام بار ئىدى مېنىڭمۇ. تازا سېغىندىم. كەلسەڭلارا، قولۇڭلارغا بىر سۆيەي، قولۇڭلارنى بېشىمغا كۆتۈرەي. كېلىڭلارچۇ، ھېيىتلىشايلى. نەچچە ھېيىتنى يالغۇز ئۆتكۈزىۋەتمىدۇق دەيسىلەر؟ ھېيىتلىشىشنى سېغىندىم مەن، كەلسەڭلارا…
ئۇلارنىڭ شۇ مىسكىن چىرايلىرى بىلەن بىزنى تاماشا قىلىشلىرىغا چىداپ تۇرالمىدىم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ۋارقىرىدىم:
- Xalti, were were! Xalti were destên te ramisım. Şerm neke, ez ji kûrê teme, ez ji gedê teme. Were destên te ramisım, xalti
قىزىق. تۈركچە گەپ قىلسام چۈشەنمەسلىكى ئېنىق، مەن يا ئالبانچىنى بىلمىسەم. شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق، ئۇلارنى چاقىردىم، دەپ كۇرتچىسىغىلا توۋلاپ چۈشۈپ كېتىپتىمەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىنكاسى تېخىمۇ پەيزى چىقتى: گېپىم تۈگىگۈچە ئۇلار ماڭا قاراپ كېلىشكە باشلىدى. دېمەك، ئۇلار كۇرتچە بىلىدىغان بولدىما ئەمدى؟ ئەلۋەتتىغۇ چۈشەنمەيدۇ. لېكىن شۇ، نېمىدى، قەلب تىلى دەپ قويامتۇق؟ يۈرىكى بارلارلا بولسا چۈشىنىدىغان بىر تىل بولىدىغان. توغرا، شۇ قەلب تىلى. ئۇلار كۇرتچە بىلمەيدۇ، مەن ئالبانچە بىلمەيمەن. لېكىن ھەممىمىز قەلب تىلىنى بىلىمىز. پالانى تىل دۇنيا تىلى، دېيىشلەر قۇرۇسۇن، دۇنيا تىلى – قەلب تىلىدۇر.
ھەدىلىرىمىز يېنىمغا كېلىشتى. توۋا، ھەممىسىلا ئۆلچەپ قويغاندەك شۇنداق پاكار بويلۇق دېسە بۇلار. قوللىرىغا قاپلارنى تۇتقۇزدۇم. تىزىملىكتە ئىسىملىرى بارمۇ يوقمۇ، نۆۋەت كىمگە كەلدى… بۇلار بىلەن كارىم بولامدىغان…
قارىسام ئا ياقتا بىرسى، كەنت باشلىقى چېغىۋا، كەنتتىكىلەرنى ئۆزىچە ئۆچرەتكە تىزىۋاپتۇ: «سەن ئېلىپ بولدۇڭغۇ؟ يەنە نېمە قايلاپ تۇرىسە؟ كەتمەمسە؟ ھە، ئەمدى سەن كېلە، سېنى دېمىدىم، ماڭ سەن ئىشىڭنى قىلە ۋاي… ھوي سەن ماۋۇ خالتاڭنى ئالە، ھە، بولدى ئەمدى نۆۋەت كىمگە كەلدى…» ياۋ، خۇدا ھەققى، بىز ئالبانىيىگە سەدىقە تارقاتقىلى كەلدۇقمۇ؟ ھېيىتلاشقىلى كەلدۇق ماندا ھېيىتلاشقىلى. نەچچە ئون يىللارنىڭزى ئۇنتۇپ قالغان، تاشلىۋەتكەن بۇ بۇرادەرلىرىمىز بىلەن بىللە ھېيىتلاشقىلى، ئۇلارغا بولغان ئىنسانلىق قەرزىمىزنى، قېرىنداشلىق ھەققىمىزنى ئۆتىگىلى كەلدۇق بىز. گۆشۈڭنى ئال كەت، گۆشۈڭنى ئال كەت… ھېيىتلاش بولامدۇ بۇ؟ قېنى قۇچاقلىشىشلار، قېنى تەبرىكلەشلەر، قول ئېلىشىشلار… ھېيىتلىشىش مۇشۇنداق بولامدا؟ قۇربانلىق تارقىتىشنى تارقىتىمىز، خوش، ئەمدى بىردەم ھېيىتلاشقىلى قويساڭا بىزنى. شۇ قېرىلارنىڭ قوللىرىغا سۆيەيلۇق، بالىلار بىلەن ئولتۇرۇپ ئەھۋاللىشايلۇق بىر دەم. كۆتۈر ئۇ تىزىملىك پىزىملىكىڭنى. بىز ئۇنداق ھېيىت قىلغاننى ئۆگەنمىگەن…
ئاۋۇ پاكار ئاپاشلار ئەمدى تارتىنماي كېلىشكە باشلىدى. مەنمۇ بايىقىدەك تىترەپ يۈرۈپ ئەمەس، خۇشاللىق بىلەن تۇتقۇزىۋاتىمەن قۇربانلىقلارنى قوللىرىغا. ئىشلار تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بىر رەۋىشتە يۈرۈشكە باشلىدى ئەمدى. نەق مۇشۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئاپاشلاردىن بىرى تازا مەن قولىغا قۇربانلىق تۇتقۇزۇۋاتقىنىمدا بوينۇمغا ئېسىلىپ بىر سۆيمەسمۇ مېنى؟ خالايىق ئارىسىدا كۈلكە چىقىپ كەتتى. سورۇن تېخىمۇ جانلاندى. مېنىڭ خۇشاللىقىمنى دېمەيلا قويۇڭ، ئاسماندا ئۇچقۇدەك بولدۇم. ئوڭ مەڭزىمگە كەلتۈرۈپ يېنىككىنە بىر سۆيدى ئۇ ئاپاش. مەنمۇ دەرھاللا ياندۇرۇق بەردىم: ئېگىلىپ ئوڭ قولىنى سۆيدۈم ۋە بېشىمغا قويدۇم: «ھېيىتىڭغا مۇبارەك، ئاپا» كەنتتىكىلەر كۈلۈپ دومىلاپ كېتىشتى.
مەنگۈل كەنتىدىكى ئىشلىرىمىز بىر قانچە سائەتتىلا تۈگىدى. پائالىيەتتە ماشىنىدىكى قۇربانلىقنىڭ يېرىمى تارقىتىلىپ بولۇنغان ئىدى. قالغان يېرىمىنى بولسا يەنە بىر كەنتكە، بۇ كەنتتىن ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى Mulet كەنتىگە ئېلىپ باراتتۇق.
مەنگۈل كەنتىدىكلەر بىلەن دۇئا تىلەكلىرىمىز بىلەن قىزغىن خوشلاشقاندىن كېيىن ماشىنىلىرىمىزغا چىقىشىپ، كېيىنكى نىشانىمىز بولغان مۇلەت كەنتىگە قاراپ يول ئالدۇق. بۇ قېتىم تاغدىن پەس تەرەپكە قاراپ ماڭغانلىقىمىزغا دىققەت قىلدىم. دېمەك مۇلەت كەنتى تاغ باغرىدا ئىدى. ئەمما پەرقى بارمۇ دەيسىلەر؟ سۆيگۈ، قېرىنداشلىق، مېھىر-مۇھەببەت، دوستلۇق… بۇلارنى نەگىلا تىكسەڭ كۆكلەۋېرىدۇغۇ. تاغ چوققىسىدىمۇ، تاغ باغرىدىمۇ، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ…
مۇھەببەت ھەممىلا يەردە كۆكلەيدۇ.
مۇلەت كەنتىگە كېتىۋاتىمىز. ئۇ يەردە قېرىنداشلىرىمىزغا قۇربانلىق تارقىتىمىز ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلاردىن پەقەت بىرلا نەرسە تەلەپ قىلىمىز:
سۆيگۈ.
مەنگۈل كەنتىدە (ئالبانىيە)
ALSAR دىن سەيمىر بۇرادىرىمىز كەنت خەلقىگە سۆز قىلماقتا (ئالبانىيە)
مەنگۈلدە قۇربانلىق تارقىتىش (ئالبانىيە)
بىر ئاپاش سۆيدى مېنى (ئالبانىيە)
مەنگۈلدە قۇربان ھېيىت (ئالبانىيە)
ئالبان بالىلار (ئالبانىيە)
«ئالبانىيىنىڭ مايكول شۇمېيچېرى» – فاتمىر ئاكىمىز (ئالبانىيە)
پاكار بويلۇق بىر ئاپاش (ئالبانىيە)
ئاتا-بالا ئۆيىگە قايتتى (ئالبانىيە)
…
بالقاننىڭ ئەڭ ھىم ئىشىكىدىن كىرىش (07)
مەنبە : ئىزدىنىش تورى ( ھىچكىم تەرجىمىسى )
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=199