تۇرمۇش خاتىرىسى

ئانىنىڭ قۇچىقى

ئابدۇرۇسۇل سېيىت

ئانىنىڭ باشلىق ئوغلى كاتىپ، شوپۇرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا سوقما تاملىق قورۇنىڭ ئاپتاپتا قاغجىراپ كەتكەن “ غەلۋىخور “ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلگەندە، ياشىنىپ قالغان ئانا ھويلىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى بوش يەرگە چۆنەك تارتىپ تېرىلغان كۆكتاتلارنىڭ تۈۋىنى يۇمشىتىۋاتاتتى. ھويلىدا تەپكۈچ ئويناۋاتقان قىز نەۋرىسى بىرىنچى بولۇپ بۇ خوشخەۋەرنى مومىسىغا يەتكۈزدى:

ــ موما، موما، ئۈرۈمچىدىن چوڭ داداملار كەلدى…

ئانا بېشىنى كۆتۈردى، كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۆزىگە قاراپ كىلىۋاتقان ئوغلىنى كۆردى. كۆزلىرىگە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي كىرپىكلىرىنى قاقتى. ئۇ راستىنلا ئوغلى ئىدى. ئاۋال ئاخشام ئۇنى تېلېۋىزۇردا كۆرگەنىدى. ئانىنىڭ كۆزى، چىرايى، ئەزايى – بەدىنىگە كۈلكە ئولاشتى.لەۋلىرى ھاياجاندىن تىتىرىدى. قولىدىكى ئوتىغۇچنى تاشلىدى، يەڭ – پەشلىرىنى ئالمان – تالمان قاقتى، ئوغلىغا قاراپ ئىتىلدى. ئانا – بالا ئىككىيلەن غۇلاچلىرىنى تەڭلا يايدى. ئانىنىڭ قېرىپ كۈنسېرى يىگىلەپ كتىۋاتقان جۈدەڭگۈ بەستى ئوغلىنىڭ قۇچاقلىرىغا چۆكۈپ قالدى.ئوغۇلنىڭ ئۇستىخىنى دادىسى رەھمىتىگە، قاش – كۆزى ئانىسىنى تارتقانىدى. ئىككى گەۋدە دەقىقە ئىچىدە بىر گەۋدىگە ئايلاندى. ئوغلىنىڭ بويىدىن مەززىلىك ئەتىر پۇرىقى، ئانىنىڭكىدىن ئاچچىق تەر، جىگدە يىلىمى، يىلتىزى كىسىلگەن ئوت – چۆپلەرنىڭ چۈچۈمەل پۇرىقى كېلەتتى. ئىككى پۇراق بىر – بىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى. ئوغلى ئانىسىنىڭ ئورۇق، ئەتسىز قوللىرىنى تۆگە تاپىنىدەك يوغان، پىلىكتەك يۇمشاق ئالقانلىرى بىلەن سىيلاپ تۇرۇپ دېدى:

ــ قارا ئانا، مۇشۇ يىشىڭدا قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭنى، ئەمدى نەۋرىلىرىڭگە تاشلاپ بەر ئۇ ئىشلارنى !

ــ ئۈگىنىپ قاپتىمەن. ئىشلەپ تۇرمىسام ئاسانلا ئاغرىپ، كېسەل چىقىپ ئۆلىمەن.

ــ ئارام ئالىدىغان چاغلىرى يېتىپتۇ چوڭ ئانا، ـ گەپكە ئارلاشتى كاتىپ، ـ پۇت – قوللىرىنى ئۇزۇن سۇنۇپ، يۇمشاق – يۇمشاق يەپ… شۇ ئەمەسمۇ، جان كۈندە چىچەكلىمەيدۇ – دە، قارىسىلارا، ئېغىر ئىشقا كۆنۈپ قالدىم دەپ مۈكچىيىپ قالغانلىرىنى.

ــ خىخ… ـ دەپ دىمىقىنى قاقتى ئانا، ـ “ ئەر قېرىسا توڭغاق بولىدۇ، ئايال قېرىسا دوڭغاق “ دېگەن گەپنى ئاڭلىمىغانمۇ بالام ؟

ــ دوڭغاق ؟ خا… خا… تازىمۇ قىززىق گەپ قىلىدىكەنلا چوڭ ئانا، ھە، يەنە بارمۇ؟

ــ ئاۋال ئۆيگە كىرەيلى، ھاردۇق چېيى ئىچىڭلار. قايماقلىرىم بار، ئوخشىتىپ ئەتكەنچاي ئىتىپ بىرىمەن، ئاندىن…

مېھمانلار ژۈرمەل سالغان ئەتكەنچاينى مەززە قىلىپ ئىچىشتى. ئىچىشتىيۇ، “ ئاندىن “ دېگەنگە كەلگەندە ئانىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويۇشتى. ئۇلاردىمۇ ئامال يوق ئىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە شەھەردە كاتتا بىر تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلەتتى، شۇ ئىش ئۇلارنى ئالدىرىتىپ قويۇۋاتاتتى. قائىدە بويىچە بۇ ئىشنى ئوغلى ئانىسىغا ئۆزى دېسىمۇ بولاتتى. لېكىن، ھېسسىيات جەھەتتە چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدىغان ئايرىم ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقان كاتىپ ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ ئارىغا چۈشۈشىنى مۇۋاپىق كۆردى. ئانا كاتىپنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بىر پەس تىڭىرقاپ  قالدى. ئۇ مۇنداق بولۇشىنى پەقەت ئويلىمىغانىدى.

ــ قېرىپ قالدىم، تۈنۈگۈنكى كۈچ – قۇۋىتىم بۈگۈن يوق، ـ دېدى ئانا ئۈزۈپ – ئۈزۈپ، ت بالا دېگەن شۇنداق بولىدىكەن، قانات – قۇيرۇقى يىتىلسە ئاسانلىقچە تۇتۇق بەرمەيدىكەن، بۇنىڭدىن يىراقتىكىلىرى تېخىمۇ شۇنداق. سىلەر بالىلار، ئۇزاق مەزگىل ئوغلىدىن ئايرىلىپ، قايتا كۆرۈشكەن چاغدىكى ئانىنىڭ قەلبىنى چۈشىنەمسىلەر ؟ ئۇنىڭ زارىقىپ كۈتۈشلىرى، تەلپۈنۈشلىرى، بىر ئاخشام بولسىمۇ ھىدىنى پۇراپ، دىدارىغا قىنىۋالسام دەيدىغان ئارزۇ – ئىستەكلىرىنىڭ ۋەزنىنى بىلەمسىلەر؟ سىلەر دەرۋازىدىن كىرىپ كەلگەندە راستىنى ئىيتسام كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالغان، مانا ئەمدى…

ــ ئامال بولمىدى چوڭ ئانا، ـ كاتىپنى تەر باستى. ـ خىزمەت ئىشىكەن، قانداق قىلىمىز، پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا يەنە پۈرسەت بولۇپ قالار.

ــ پۈرسەت؟ ـ ئانىنىڭ ئۆرۈك چىچىكىدەك رەڭگىگە قار ياغدى، ـ گەپ شۇنداق چىرايلىق بولىدۇ بالام، چىرايلىق گەپلەرنىڭ ھەممىسىلا كۆڭۈلنى خۇش قىلالىشى ناتايىن. مەن گەپنى سىلەردەك ياساپ قىلىشنى بىلمەيمەن، كۆڭلۈمدىن نېمە كەچسە ئۇدۇللا دەۋىرىمەن. شەھەر دېگەن مەككىنىڭ يولى ئەمەسقۇ، بىر غىرىچلا يەر. كىچىكىش دېگىنىڭلار سەۋەب بولالمايدۇ. قوپال كەتسىمۇ دەپ قوياي، ئارقاڭلارغا ينىڭلار، بولمىسا ئالا بوينىقىمنى قويۇۋىتىمەن. مېنىڭ ئىتىم چوڭ شەھەردىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ ئولتۇرمايدۇ، سىلەرنىڭ ئاۋۇ ئەتىۋارلىق باشلىقىڭلارغىمۇ ھەم.

گەپ ئۈزۈلدى. كاتىپمۇ، ئانىنىڭ باشلىق ئوغلىمۇ ئامالسىز قالدى. ئۇزاق سۈكۈتتىن كېيىن كاتىپ نەگىدۇر تېلېفۇن قىلىپ رۇخسەت سوراشقا مەجبۇر بولدى. جاۋاب كېچىكمەيلا قايتتى.

“ ئانىنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىشكە، تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىشقا بولىدۇ. ئەتە ۋاقتىدا كىلىڭلار ! ”

كاتىپنىڭ گەجگىسىنى بىسىپ تۇرغان بىر پاتمان تاش غۇلاپ چۈشتى. خوشخەۋەرنى ئانىغا يەكۈزدى. قوياش ئانىنىڭ قورۇق باسقان چىرايىغا قايتىدىن قوندى. بەدىنى پەيدەك يەڭگىللىدى. پۇت – قوللىرى، ئېغىزى تەڭلا ھەرىكەتكە كەلدى:

ــ بارىكاللا، بالىلىرىم، مانا ئەمدى خاتىرىجەم بولدۇم. قېرىغان، ئالجىغان ئاناڭلار بۈگۈن بىر كۈن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولىدۇ. ئوخشىتىپ تاماق ئىتىپ بىرىدۇ. يېڭى سەۋزىنىڭ ئېشى… ئېماش، ھاي ئېماش… ئېماش دېسەم باشقا بىرسىمىكىن دەپ قالماڭلار، بالامنىڭ بالا چاغلىرىدىكى ئەركىلەتمە ئىسمى، بىز ئۇنى شۇنداق چاقىراتتۇق. ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە ھېلىمۇ “ ئېماش ”. ئالدىڭلاردا قورۇنۇپ قالمىسۇن دېمىسەم تازا بىر ئەركىلەتكۈم، گەپ ئاڭلىمىغان قۇلاقلىرىنى سوزۇپ، بۇرنىنى چىمدىپ، يوتىلىرىنى موتاپ ئەدىپىنى بەرگەن بولاتتىم. بوپتۇ بۈگۈنچە بۇ ئىشنى نېسىگە قويۇپ تۇراي، ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار. ئېماش، بول چاققان، ئىدىشتا سۇ تۈگەپتۇ، ئەپكەش بىلەن چىلەكنى ئال، سۇغا ماڭ. مېھمانلارنىڭ قورسىقىنى ئاچۇرۇپ قويمايلى.

ــ چوڭ ئانا، بۇ… بۇ..، ـ كاتىپنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى، ـ رەئىسىمىز چېلەك كۆتۈرۈپ يۈرسە قانداق بولىدۇ، مە.. مەن…

ــ ھە، چېلەك كۆتۈرسە قوللىرى قاپىرىپ كىتەمدىكەن ؟

ــ يا.. ياق، مەن ئۇنداق مەنىدە دېمىدىم، ئەمدى شۇ.. بىز تۇرۇپ…

ــ مەن ئەپكەش كۆتۈرسە بىلى پۈكۈلۈپ كىتىدىغان بالىلارنى تۇغۇپ باقمىغان. ئىككى چېلەك سۇغابېلى پۈكۈلسە، خەلقنىڭ يۈكىنى قانداق كۆتۈرەلەيدۇ؟ ئۇنىڭ نېمەڭلار بولۇشى بىلەن ئىشىم يوق. بۇ يەردە ئۇنىڭ باشلىقى مەن، سۇ ئەكىرىشكە، ئوتۇن يېرىشقا، كۆكتات ئادالاشقا سالامدىم، مېنىڭ دېگىنىم ھېساب.

ــ خا.. خا.. خا..، كۆردۈڭلارمۇ، ئانام شۇنداق قىززىق ئايال، ـ دەپ ھوزۇرلىنىپ كۈلدى ئانىنىڭ باشلىق ئوغلى، ـ ئۇ مېنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق “ زوڭتۇڭۇم ”. مەن ئۇنىڭ رايىش، ئېتائەتمەن “ پۇقرا ”سى، ئۇ مېنى ئىشقا بۇيرۇۋالسا ھاردۇقى چىقىپ قالىدۇ، خۇمارى بىسىلىدۇ. شۇنداقمۇ ئانا؟

ــ چۈشەنگەن بولساڭلار بولدى. تېزرەك سۇ ئىلىپ كىر، يەنە قىلىدىغان ئىشىڭ بار.

ــ سۇنى بۇلاقتىن ئېلىپ كىرەمدىم، ئانا؟

ــ بۇلاق ؟ قاي زاماننىڭ گىپىنى قىلىۋاتىسەن تەنتەك؟ تامچە بۇلاق، مارجان بۇلاق، ۋاسىل بۇلاق…لار قۇرۇپ كەتكىنى نېكەم؟ دوقمۇشقا چىق، تۇربا سۈيى بار، شۇ يەردىن ئېلىپ كىر.

ــ ۋاھ، تۇربا سۈيى كەلگەن بولسا ياخشى گەپكەنغۇ، ـ دەپ يەنە گەپكە ئارلاشقۇسى كەلدى كاتىپنىڭ، ـ شەھەرلىكلەرلا ئەمەس، يېزىلىقلارمۇ تۇربا سۈيى ئىچەلەيدىغان بوپتۇ مانا.

ــ ئۆلۈك سۇ، ـ كاتىپنىڭ گىپىنىڭ شىخىغا ئۇرۇۋەتتى ئانا، ـ قوياش نۇرى كۆرمىگەن، دورا پۇراپ تۇرغان مۇنداق سۇنى ئۆلۈك سۇ دەيمىز. ئاستىدىن مارجان تاشلىرى، لەئىل – ياقۇتلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان ساي، بۇلاق، ئېرىق – ئۆستەڭلەرنىڭ ئەركەك سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان بىزدەكلەرگە ئۇنداق سۇلار تىتىمايدىكەن. شەھەرلىكلەرنىڭ بىزنى تېخى  “ لاي سۇ ئىچكەن سەھرالىق “ دېيىشلىرىدىن ئۆرگىلەي.

شوپۇر، كاتىپ، ئانىنىڭ باشلىق ئوغلى ھەممىسى مەيدىلىرىنى تۇتۇشۇپ قاھ – قاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. يېشى سەكسەندىن ھالقىغان ئانىنىڭ ھېلىمۇ شۇنداق ساغلام، روھلۇق، تېتىك تۇرغىنىغا ھەۋىسى كەلدى.

ئانا كەچتە ئۇلارغا يېڭى سەۋزىدە ئوخشىتىپ پولۇ ئېتىپ بەردى. كەينىدىن چاينى ئاچچىق دەملەپ، قاتتىق ئوتۇننىڭ ئوتىدا ئۇزاق قاينىتىپ ئەتكەنچاي قىلدى. ياتار چاغدا مېھمانلارغا ئايرىم ئۆيگە ئورۇن راسلىدى. ئوغلىنى يېنىدا ئېلىپ قالدى. كېچە بىر چاغقىچە ئانا – بالا ئىككىيلەننىڭ گۇڭۇر – مۇڭۇر پاراڭلىرى، ئاۋازىنى قويىۋىتىپ كۈلۈشلىرى ئاڭلىنىپ تۇردى. ئانا ئەتىسى قاق سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلىدى. ھەممىنى تەق قىلىپ بولۇپ، بېشىنى يۇتقانغا پۈركەپ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئوغلىنى ئويغاتتى:

ــ ئېماش، تۇرۇڭلار بالام، ئىشىڭلارغا كىچىكىپ قالماڭلار، ئەمدى سىلەرگە رۇخسەت…

مېھمانلار پىكاپنى قوزغاپ شەھەرگە بارىدىغان سۇۋادان تىرەكلىك ئازادە يولغا چۈشكەندە، كاتىپ ئانىنىڭ باشلىق ئوغلىدىن سورىدى:

ــ خوش، رەئىس، كېچە قانداقراق ئۇخلاپسىز ؟

ــ بوسۇغا ئاتلاپ ئالىي مەكتەپكە ئۇزىغاننى ھېسلىغاندا، ـ دەپ كۈلدى رەئىس، ـ يېرىم ئەر ئۆمرۈم ئوقۇش، خىزمەت، ۋەزىپە بىلەن ئۆتۈپتۇ، ھېلىمۇ ئۆتۈۋاتىدۇ. ھازىرغىچە قىنىپقىنە ئۇخلىغىنىمنى بىلمەيمەن. يەنىلا ئەڭ تېنچ، بىخەتەر، خاتىرجەم يەر ئانىنىڭ قۇچىقىكەن. بىر ئاخشام ئۆتمۈشۈمگە قايتىپ، بالىلىق چاغلىرىمدىكى سۈت ئۇيقۇمنى ئۇخلىۋاپتىمەن.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1938

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-06-24
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەدەبىيات گۈلزارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: