![]() |
ئۆلۈم ۋە ئىنسان
مۇھەممەتجان راشىدىن
.
كېزىپ يۈرەر دۇنيانى ئۆلۈم ئاتلىق بىر ۋەھىي،
تەڭرى يازغان يارلىقلار قوللىرىدا ئەجەلنىڭ.
جان بار يەردە قازا بار، قازا بەرھەق قىيامەت،
توشسا ۋاقتى مۇبادا نېسىپ بولغان قەرەلنىڭ.
.
قىلىنمايدۇ رىۋايەت: ئوقيا، قىلىچ تۇتقان! دەپ،
قورالى يوق قول سالار ئەزرائىلنىڭ نامىدا.
نەدە قۇدرەت ئۆلۈمدەك، نەدە ئۇنداق بىرەھىم،
يۈرەك باغرى ئېرىمەس قالغانلارنىڭ زارىدا.
.
يەر تەۋرىسە تاغ پارتلاپ، زېمىن كۆنمەي ئامال يوق،
قوبۇل قىلماي بولغايمۇ تەڭرى قىلغان قارارنى؟
خۇشاللىقمۇ، ھازىمۇ يارىشىقى دۇنيانىڭ،
ئات قويۇپتۇ « ئۆلۈم » دەپ، ئۇ دۇنياغا يانارنى.
.
غايىبلىقى – غالىبلىق ئەمەس ئۇنىڭ، ئەلۋەتتە،
دەسسەپ كېلۇر شۇڭلاشقا تاپىنىنىڭ ئۇچىدا.
ئىزدىگىنى بەلكىم سەن ياكى قوشناڭ، قاياشىڭ،
ساقلانسىمۇ بىلەر ئۇ جېنىڭ ئالتۇن قۇتىدا.
.
ئۆلۈم دېگەن بىقارار سۈرىتى يوق، سۈرى بار،
سايىسى يوق سايەڭدەك لېكىن ھامان يېنىڭدا،
ئوخشىمايدۇ قاتىلغا كۆرۈنسىمۇ دۈشمەندەك،
ئەمما قەستى ئۆلۈمنىڭ ئەسلى ئەمەس قېنىڭدا.
.
يارلىقى يوق ئەسلا « يۈز خاتىرە » دېگەن گەپ،
ئەپسۇن – دۇرۇت ئەسقاتماس، كۆز ياش بىلەن كارى يوق.
يانچۇقىدا كەم ئەمەس بالا – قازا ئەزەلدىن،
ئەلمىساقتىن تەنھا ئۇ، قاياشى يوق، يارى يوق.
.
تەقدىر يەتتى! دەپ كەلدۇق جانغا نۆۋەت يەتكەننى،
ئايلىنىدۇ تىرىك تەن ئۆلۈم بىلەن جەسەتكە.
پانىيدىكى پەسىللەر سېنىڭ ئۈچۈن ياتلىشار،
سۈرۈشتۈرمەس تەكتىڭنى، قارىمايدۇ نەسەبكە.
.
« كەلمەك بىلەن كەتمەك » دەپ يولى ئىككى دۇنيانىڭ،
ئۆلۈم، دېمەك، بىز ئۈچۈن بېجىرگۈچى كەتمەكنى.
چۈمۈلىمۇ، چىۋىنمۇ چەتتە ئەمەس شۇلاردىن،
ئويلىمايدۇ ئۆلۈمسىز ھېچكىم جاندىن كەچمەكنى.
.
قايسى كۈنى تۇغۇلدۇڭ، بىللە چۈشتى ئۆلۈممۇ،
جاننىڭ بوينى باغلاقلىق زەنجىرىدە كۆرۈنمەس.
ئۆلۈمدىكى ئىمتىياز باتۇرلاردا نە قىلغاي،
ياسالسىمۇ جان ھەتتا مۇنار بولۇپ ئۆرۈلمەس.
.
ھايات بىزگة بىر پۈرسةت قىممەتلىكتىن قىممەتلىك،
تاغلار بىلەن تاغلاردەك قەدىناسلىق يوق بىزگە.
ئۆلۈم دېگەن ئەزەلدىن ئەزرائىلنىڭ قورالى،
ياكى ئېلىپ ئاتارغا بەتلەپ قويغان ئوق بىزگە.
.
بىغەملىكنىڭ بېغىدا كۈندە بىخۇد يۈرگەنلەر،
يىغلاپ چىقتى ئۆلۈمنىڭ كۆز ياش بىلەن ئالدىغا.
ئەسقاتمىدى نىدالار، كارغا كەلمەي يالۋۇرۇش،
ئېلىپ باققان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنى دالدىغا.
.
سۆرەپ چۈشتى چوققىدىن قاچقانلارنى شۇ ئۆلۈم،
يەر تەكتىگە كىرىپمۇ نەدە ئۇندىن قۇتۇلماق؟
بەرمىكى بار ئالماقنىڭ، ئۆلۈم دېگەن جان بەرمەك،
ھەقىقەتتىن قاچقاننىڭ ئاقىۋىتى تۇتۇلماق.
.
بۆرە ئەمەس ئۇ ئەسلا ھۇۋلاپ چۈشكەن تاغلاردىن،
قايدا يەتكەي ئۇنىڭغا تۈمەن شىرنىڭ ھەيۋىسى؟
بىلىپ بولار يۈرەكلەر شامىلىنى شۇملۇقنىڭ،
كېلەرىدىن ئۆلۈممۇ چۈنكى ئۇچۇر بەرگۈسى.
.
ئۆلۈم دېگەن ئېلانى بەربات بولغان ئۆمۈرنىڭ،
ئارزۇلارغا ئات قويۇپ، خىياللارنى بۇزغۇچى.
شېرىن چۈشكە پۇرسەت يوق دەرگاھىدا تۈنلەرنىڭ،
بولارىڭ يوق، شۇنداقلا، بەيگىلەردە ئۇزغۇچى!
.
لوقمان ئۆمرى، ئەلۋەتتە، نېسىپ بولماس بارچىغا،
مىڭ يىل ياشاپ لوقمانمۇ شۇ ئۆمۈرگە قانمىغان.
ھايات دېگەن بىر نۆۋەت، شۇڭا، ئۆمۈر غەنىيمەت،
ياغاچ قازان ئويلاڭچۇ، نەدە ئىككى قاينىغان؟
.
ئات ھارۋاڭنى قوشقاندەك تەييار بولۇپ سەپەرگە،
تەييارلىقتۇر ئۆلۈمگە بىر ھېسابتا ھاياتلىق.
ئارمانلىرى ئىنساننىڭ قانچە چەكسىز بولسىمۇ،
ئۆمرىدىكى ئاي، كۈنلەر بىراق ھامان ساناقلىق.
.
كۈنلىرىڭگە كۈزەتتە، تۈنلىرىڭدە ئويغاق ھەم،
ئۆتەرىنى بىلىپ قوي دېرىزەڭنى چىكىپ ئۇ.
دەستۇرۇڭنىڭ كەينىگە ئۆمۈر بويى سەن يازغان،
تارتىۋېلىپ قەلەمنى قويۇپ قويغان چېكىت ئۇ.
.
ھەر كىم ئۈچۈن ئەزەلدىن ئۆلۈم دېگەن بىقارار،
قەلبىڭدىكى قانمىغان ئارزۇلارغا باقمايدۇ.
بارار جايىڭ « باقى » دۇر، « بارسا كەلمەس » ئاتالغان،
بۇندىن ئارتۇق شەرھلەش تەڭرىگىمۇ ياقمايدۇ.
* * *
غەيۋىتىنى ئۆلۈمنىڭ قىلىپ قويدۇم بەش مىنۇت،
تەبرىكلەرنىڭ ئاغزىدا ئۆلۈم تەھقىق قىيامەت !
رۇخسارىغا جاھاننىڭ قاراپ بېقىڭ ۋە لېكىن،
ئۆلۈمدىنمۇ غالىپكەن ئىنساندىكى دىيانەت.
.
سۆيگۈدىمۇ سۆيگۈ بار، ئاۋال ئۇلار سۆيگۈ دەپ،
سۆيگەن ئىكەن دۇنيانىڭ تاشلىرىنى گۆھەر دەپ.
پانىيدىمۇ بوي تارتتى بىر سىيماسى جەننەتنىڭ،
قەد كۆتۈردى قەسىرلەر ئاتالدى ھەم شەھەر دەپ.
.
بىر ياخشىنى بىر قۇياش، دەپ يازىدۇ شائىرىڭ،
ئاستى – ئۈستى نۇر بىلەن تۇرغاچ جاھان چايقىلىپ.
كامالىتى ئۇلغايدى، چۈنكى، ئىنسان ئەقلىنىڭ،
تۆككەن ھالال تەرىدىن يەنە بەختى بايقىلىپ.
.
تۈمەن مىڭ يىل چۈش كۆرۈپ تىمتاس ياتقان ئەلەمنىڭ،
ئۇيقۇسىنى ئاچقانمۇ ئىنسان ئەجرى ئەسلىدە.
قالغان قۇتقا ئۇلاردىن ئاز بولغايمۇ دۈشمەنلىك،
ئاپەتلەرگە كۆنگەنمۇ ئىنسان سەۋرى ئەسلىدە.
.
كۆرۈنسىمۇ جاندارلار تىرىكلىكنىڭ بىر قوۋمى،
تەرىپىڭگە ئەرزىمدۇ ئۇلار، ئىنسان تۇرغاندا ؟
يۇلتۇزلارنىڭ يوللىرى ئېچىلماقتا بۈگۈنمۇ،
قۇشلار ئەمەس، ئەڭ ئاۋال ئىنسان بەرگەن قۇرباندا.
.
ئىنسان دېگەن بىر سۆزنى، شۇڭا، قېنىق يازغانمەن،
چىلاپ تۇرۇپ قەلەمنى مۇھەببەتنىڭ سۈيىگە.
ئاشىق بولۇپ قالغىنىم ياردىن ئاۋال راست مېنىڭ،
كەتتىم شۇڭا ئايلىنىپ ھاياتلىقنىڭ كۈيىگە.
.
چېكىپ تۇرۇپ يۈرەكلەر تاللىۋالغان ھايات بۇ،
بوستانلارنى بوي تارتقان ئۆلۈم قىزغىن قىلالماس.
ياڭراپ كەلگەن ناخشىلار مۇھەببەتنىڭ ساداسى،
ناخشا دېگەن ھاياتلىق، ئۆلۈم ناخشا بولالماس.
.
ئىنسان ئەقلى تەنتەنە قىلىپ كەلگەن تارىخ بۇ،
شۇڭا، دۇنيا كۆڭۈللۈك، شۇڭا، ھەر كۈن سۆيۈملۈك.
چۈنكى، ئىنسان يامغۇرى زېمىننىمۇ كۆكلەتكەن،
بولغان ئەمەس، شۇڭلاشقا ئىجاد، مېھنەت ئۆلۈملۈك.
.
جان بەرگەنمۇ شۇلاردۇر، قان بەرگەنمۇ شۇلاردۇر،
ئادالەتكە دەۋرانلىق زامانلاردىن تالىشىپ.
مال باققانمۇ شۇلاردۇر، كان ئاچقانمۇ شۇلاردۇر،
ماكان ئەتكەن تاغلارنى چوققىلارغا يامىشىپ.
.
گۈللەر تاشلاپ كەتكەندەك كەلگەن باھار زېمىنغا،
ھۆسىن بەردى ئالەمگە ئۇلار چاقچاق گۈزەللىك.
تارتىشقانلار كەينىگە ئەمەس بەلكىم بۇ سەۋەب،
ياخشىلاردا ئەزەلدىن ھاياتتىكى ئەۋزەللىك.
* * *
يەتتە كۈننىڭ بىرىدە تۇغۇلغاندەك دۇنياغا،
بارچىمىزغا ئۆلۈم بار يەتتە كۈننىڭ بىرىدە.
ياشانغانلار نۇر چېچىپ، كېتەردىمۇ گۆھەركەن،
يەنە تويى بولاركەن ياشاپ ئۆتكەن يېرىدە.
.
ئوخشاپ كەتتى خىزىرغا كەتمەيدىغان ئالەمدىن،
بەندىلەردە بارئىكەن خىزىر كەبى ياخشىلار.
دەپنە بولغان جەھەتتۇر، ئۇلاردىكى روھ ئەمەس،
شۇنداق روھتىن تۇغۇلغان بىزدە ئۆلمەس ناخشىلار.
.
جاۋاھىرلار جىق بىزدە قۇياش بىلەن جايى تەڭ،
ساناپ چىقساق تەس كېلىپ، قىينىلىدۇ قەلىمىم.
دېگەنلىرىم لاپ ئەمەس: بولالمىسام ئۇلاردەك،
شۇلار باسقان ئىزلاردا سىنىلىدۇ قەدىمىم.
.
ئەتىرگۈللۈك باغلاردەك ئۇلۇغ روھى ئۇلارنىڭ،
پايانى يوق زېمىندا قالدى يەنە مەڭگۈلۈك.
مىليونلىغان دىللاردا جايى تۇرسا جەننەتتەك،
مۇنداق روھنى، ئېيتىڭا، ئۆلۈم قانداق يەڭگۈلۈك؟
.
شۇنداق روھقا ئايلىنىپ كېلىۋاتقان دۇنيا بۇ،
ئۆلۈم قادىر ئەمەستۇر تەقدىرىگە ئالەمنىڭ.
سۆيمىگەنلەر ھاياتنى كىمگە بولغاي سۆيۈملۈك؟
مەھكۇم ئىكەن ئۆلۈمگە غالىبلىرى ئادەمنىڭ.
.
ئۇلۇغ سۈپەت ئادەملەر سورۇنلارنىڭ تۆرىدە،
بېسىلمايدۇ تەرىپى كەتكەن بىلەن ئالەمدىن.
ئۆچۈرمەككە قەلەم يوق بۇ شەرەپنى ھېچكىمدە،
ئۆلۈمنىڭمۇ شۇ ئىكەن يېڭىلگىنى ئادەمدىن!
.
مىھماندىمۇ مىھمان بار سېغىنغۇدەك ساھىبخان،
سېغىندۇرار ئۇلارنى كەلگىنى ھەم كەتكىنى.
بولالمىدۇق بىز شۇنداق ئەزىز مىھمان، ئېھتىمال،
شۇنىڭدىدۇر شائىرنىڭ كۈندە ھەسرەت چەككىنى.
* * *
قالىدىغان كەينىڭدە گەپ – سۆزنىمۇ ئويلاپ قوي،
نامىڭ قالسا ياماندۇر لىق چىلىشىپ غەيۋەتكە.
تاشلاپ كەتسەڭ ئۇياتقۇ تامام ئەخلەت ئىزىڭغا،
يېتەلمىسەڭ بىر ئاددى چاي دەملەنگەن چەينەككە؟!
.
ھايات شامى تەڭ ئۆچەر ئۆلۈم بىلەن ياماننىڭ،
ياخشىلارنىڭ ۋە لېكىن ئوخشاپ كېتەر قۇياشقا.
يامان بولساڭ يامانسەن، بويىقى يوق ھاياتنىڭ،
ئۆلۈپ كەتسەڭ، ياخشى دەپ يەنە سېنى بوياشقا.
.
ئوخشاپ كەتتى بەزىلەر ئالدامچىغا بەئەينى،
كېلىۋىلىپ دۇنياغا، پىچاق ئاتتى ئاسمانغا.
رەزىل ئوقلار قولىدا، ھەر تەرەپكە چاپتى ئات،
بولالمىدى قەھرىمان، ئەمما ئوقىيا ئاسقانغا.
.
قاقاسلىققا ئايلاندى ئۇلار كىرگەن چىمەنلەر،
ئازغۇن بولدى ئاقىۋەت، ئازدۇرغانمۇ ئۆز گېلى.
بىكار كەتتى كەلگىنى بۇ دۇنياغا ئۇلارنىڭ،
قارغاپ قالدى كەينىدىن ئۆز قاياشى – ئۆز ئېلى.
.
ھايات شامى ئۇلارنىڭ يېڭىۋاشتىن يانمايدۇ،
رەزىل نامى، شۇنداقلا، ئۇنتۇلغىنى ئۇنتۇلغان.
ئۆز نەپسىگە قۇل تاكى ئۆلۈمگىچە بىرلىرى،
ئۆزى ئۈچۈن بىرلىرى تۈمەنلەرنى قۇل قىلغان.
.
قانداق بارار ئۆلگەندە دەرگاھىغا خۇدانىڭ،
ساھىبخاننى رەنجىتكەن نەس مېھماندەك شۇنداقلار؟
ھايات ئۈچۈن ھاقارەت، يەر يۈزىگە تۇزكورلۇق،
بىلىپ قويۇڭ: بىر ئەمەس، ئىككى ئۆلەر ئۇنداقلار.
* * *
كۆك ئاسماننىڭ ئاستىدا. دېمەك ھايات مۆجىزە،
ئۆلۈم ياققان ئوتتىمۇ كۆكلەپ تۇرغان، كۆيمىگەن.
ئىزى قالدى، دېگەن شۇ ئىنسان ئۆزى كەتسىمۇ،
ئەنسىز ئۆتكەن ئۆمۈرگە چۈنكى ئۆزى كۆنمىگەن.
.
ئۆلۈم دېگەن ئەزەلدىن ئىككى دۇنيا ئارىسى،
قىلالمايدۇ لېكىن ئۇ بۇ دۇنيانى ئەسكى تام.
بولالىساڭ، كەتكۈچە ئۆزى بولغىن كۈندۈزنىڭ،
قۇياش لازىم ھاياتقا ئەسقاتمايدۇ كەچكى شام.
.
تەزكىرىسى ئىنساننىڭ ئۇلۇغ خۇددى ئۆزىدەك،
بىراق پۈتمەي تەرىپى چالا قالدى گەپلىرىم.
قانچە يازسام، شۇنچە ئاز ئۇزلۇقىنى ھاياتنىڭ،
كەچۈرۈڭلار، يېپىلدى شۇڭا، تەستە دەپتىرىم.
* * *
كېزىپ يۈرەر دۇنيانى ئۆلۈم ئاتلىق بىر ۋەھى،
جان بار يەردە قازا بار، قازا دېگەن قاباھەت.
رۇخسارىغا جاھاننىڭ قاراپ بېقىڭ ۋە لېكىن،
ئىنسانلارنىڭ ئەجرىدۇر زېمىندىكى سائادەت.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3259