![]() |
بەدنىيەتلىك قىلما، ئەر
نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن
نىكاھ ـــ توي بىر ئەرنىڭ يەنە بىر ئايال بىلەن بىر – بىرىگە خىيانەت قىلماي تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بەرگەن ئەھد – ۋەدىسىدۇر. دېمەككى ئەر خوتۇنغا، خوتۇن ئەرگە نىسبەتەن مۇتلەق نېئىممەتتۇر. ياتلارغا قاراش، نىكاھ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يات ئەر – ئاياللار بىر – بىرىگە يېقىنلىشىش ئاللانىڭ ئامانىتى قىلىپ بېرىلگەن ئايالغا خىيانەت، ئەرگە جىنايەتتۇر. «ئېرىنىڭ پەرمانىدىن چىقماي ھەم مۇسۇلمانچىلىق ھەم روزىغار خوتۇنلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىش بىلەن بولغان ئاياللارنى ئىنسان ئەمەس، بېھىشنىڭ ھۆرى دەپ بىلىش كېرەك. بۇ خىلدىكى خوتۇنلارغا ئەر بولغانلارنىڭ ئىقبالى ھەر قاچان يورۇق بولۇر » ئەمما، ئاشۇنداق پەزىلەت بابىدا ئېسىل ۋە كاتتا ئەجىرلەرگە لايىق خۇش مېھىرلىك خوتۇنلىرى تۇرۇپ بەدنىيەتلىك قىلغان، باشقا ئاياللارغا بۇزۇق نىيەتتە بولغان ئەرلەر ھەقىقەتەنمۇ جازاغا، لەنەتكە لايىقتۇر. ئۇلار ھالاللاپ ئالغان، ئۆزىگە مۇتلەق تەۋە بولغان نازىنىن جۈپلىرىنى تاشلاپ خۇپىيانە زىنا، ئاشنىدارچىلىق ئۈچۈن ھاپىلداپ چېپىشلىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يامانلىقتىن بۆلەك نەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ.
بۇرادەر، سەن بىر ئەركەك. توي كۈنى ۋەدە بېرىپ ئالغان خوتۇنىڭغا قارا سانىما. ئۇ سېنىڭ ئاش – تامىقىڭنى ئەتكۈچى، كىر – قاتلىرىڭنى يۇيغۇچى، ساڭا مېھرىبانلىق يەتكۈزگۈچى، سېنىڭ ئېغىرىڭنى كۆتۈرۈپ، يىغاڭنى يىغلاپ، كۈلكەڭگە ھەمجۈر بولۇپ تۇرمۇشۇڭغا مەنە، زوق قوشقۇچىدۇر. ئەمما يات بىر ئايال ھەر قانچە چىرايلىق، ساڭا ئاشنا – ئاشىق، مېھرىبان بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن سېنىڭ نىكاھىڭدا ئەمەس. دېمەككى، ئۇنىڭ ئىززەت – نەپسى ساڭا تەئەللۇق ئەمەس. ئۇ جەزمەنكى يەنە بىر ئەر، ئائىلىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى، ئىپپەت – ھاياسىدۇر. يات بىر ئائىلىگە سوغۇق نەزەر بىلەن قاراش ئىنساب – دىيانەت جۈملىسىدىن ئەمەس. ئويلاپ باق، ئەر. ئەگەردە يەنە بىر ئەر سېنىڭ ئايالىڭ، قىزىڭغا بۇزۇق نىيەتتە بولسا سەن قانداق تۇيغۇدا بولارسەن؟ خوتۇنۇڭنىڭ، ئائىلەڭنىڭ ئىززەت – نەپسىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، قىزلىرىڭ، ئاچا – سىڭىللىرىڭنىڭ يات قولنىڭ سوغۇقىدا تىتىرىشى سېنى خۇش قىلارمۇ؟ ھەر بىر تەربىيىسىز ئايالنىڭ قېشىدا يارامسىز ئەردىن بىرى بار. ئاياللارنى بۇزغۇچى، يولدىن چىقارغۇچى، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرىدىغان بەدبەخت ئەرلەردىن بولۇپ قالمىغىن. ئاياللارغا ناتوغرا يولدا شۆلگەي ئېقىتىدىغان ئەرلەر قانچىكى ئاز بولسا بىزنىڭ ئائىلىمىز، جەمئىيىتىمىز شۇنچە خاتىرجەم، ساغلام بولىدۇ.
توي – نىكاھ ئەر – ئايالنىڭ جىنسىي ئىستىكىنى ساغلام قاندۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولغانىكەن، ئەر – ئايال بىر – بىرلىرىدىن ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بەھىرلىنىشى لازىم. ئەمما باشقىلارغا قاراش ئەخلاقىي، پەننىيم دىنىي، ئىلمىي، ئىقتىسادىي، ئىستىتىكا نوقتىلىرىدىن بىردەك خاتا، زىيانلىق خاھىشتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام زامانىسىدىلا نىكاھلىق ئەر – ئاياللاردىن زىنا قىلغانلارغا تاش – بوران قىلىپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىلگەن ۋە شۇ ئارقىلىق ئاياللارنىڭ، ئائىلىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ بىر پۈتۈن ئىززەت – ھۆرمىتى، خاتىرجەملىكى، تىنىچ – ئەمىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرگەن.
ئۆلىمالار ئىنسانغا تۆت نەرسە بالا كەلتۈرىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ: ئىچىملىك، زىنا، قىمار، كىشىگە ئازار بېرىش. زىنا ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ، سەن بىلەن روبىرو تۇرغان – تۇرمىغانلارغىمۇ ئوخشاشلا زىيان، ھاقارەت ئېلىپ كېلىدىغان مەينەت قىلىقتۇر.
بۇرادەر، زىناخور ئۆز خوتۇنىغا، بالىلىرىغا ھەپتىلەپ، ئايلاپ گۆش – ياغ يېگۈزمەي، ناتونۇش خوتۇنلارغا سېلىنچا سالىدۇ. باشقا خوتۇنلار بىلەن قارىقويۇق ئارلاشقان، ئارلىشىپ كۆنگەن ئەرلەرنىڭ قەلبىدىن ئىمان كۆتۈرۈلىدۇ. ئائىلىسىگە مېھرى قالمايدۇ. خوتۇنلىرىغا كۆيۈنمەيدۇ. يالغانچى، كاززاپ كېلىدۇ، ساقايتىش تەس بولغان نەس بالالار دەل مۇشۇنداق تۇرمۇشتا تەرتىپ – ئىنتىزام يوق بۇزۇقچىلىقتىن باشلىنىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ، ئوغرى مۇئىمىن پېتى ئوغرىلىق قىلمايدۇ، زىناخور مۇئىمىن پېتى پاھىشە قىلمايدۇ. ئەقىدە – ئىماننىڭ سۇسلىشىشى كىشىلەرنى پەس، چۈشكۈن، رەسۋا قىلىۋېتىدۇ. ئەيدىز ئەتراپىڭىزدا دەھشەت تېزلىك بىلەن يامىرىماقتا، ئەيدىز كىشىلەر ئايانچىلىق ئىڭرىماقتا. ئۇلارنىڭ بالىلىرى، خوتۇنلىرى، ئاتا – ئانىلىرى ئەلەم – ھەسىرەت بىلەن لەۋ چىشلىمەكتە. ئاشۇ بۇزۇقچىلىققا كۆنگەن ئادەملەر ئۇ دۇنياغا بارغۇچە بۇ دۇنيالىقىدىمۇ تارتقۇلۇقنى يەتكۈچە تارتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىنسان ئىبرەت ئالالايدىغانلىقى، تەپەككۈر بىلەن، ھەرىكىتىنى تىزگىنلىيەلەيدىغانلىقى بىلەن ھايۋاندىن پەرقلىق، بەدنىيەتلىك قىلمايلى.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3154