مەغلۇبىيەتمۇ ھاياتتىكى بىر خىل بايلىق
بىر كىشىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مەغلۇبىيىتى قانچە كۆپ بولسا، ئۇ كىشىنىڭ تەجرىبىسى شۇنچە موللىشىپ، ئادىمىيلىكتە شۇنچە پىشىپ يېتىلىدۇ، ئىقتىدارىمۇ شۇنچە كۈچىيىدۇ.
قەدىمقى مىسىر دۆلىتىدە بىر قېتىم كاتتا ئوردا زىياپىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئوردا ئاشخانىسىدىكى ئاشپەزلەرنىڭ ئالدىراشچىلىقتا پۇت – قولى يەرگە تەگمەي قاپتۇ. بىر بالا ئاشپەز ئىھتىياتسىزلىقتىن بىر جاۋۇر قوي يېغىنى ئۆرۈۋىتىپ، قورقۇپ كىتىپ، قوي يىغى تۆكۈلۈپ كەتكەن چۈچۈلىلەرنى ئالمان – تالمان يىغىشتۇرۇپ سىرتقا ئىلىپ چىقىپ تاشلىۋىتىپتۇ. ئۇ قوي يېغى بىلەن ئارلىشىپ كەتكەنچۈچۈلىلەرنى تاشلاپ بولۇپ، قولىنى يۇيۇپ قولىنىڭ ھەم سىلىق، ھەم ئالاھىدە پاكىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ. بالا ئاشپەز بۇنىڭ “ سىرى “ نى بىلىۋىۋالغاندىن كېيىن، تاشلىۋەتكەن چۈچۈلىلەرنى ئوغرىلىقچە تېرىپ كىلىپ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە پايدىلىنىپتۇ. كېيىن پادىشاھ ئاشپەزلەرنىڭ قول ۋە يۈزلىرىنىڭ ئاقىرىپ پاكىزلىشىپ قالغانلىقىنى بايقاپ، قىزىقسىنىپ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا ئاشپەز بولغان ئىشنى پادىشاھقا دەپتۇ. پادىشاھ سىناپ باققانىكەن، دەرۋەقە ئۈنۈمى ناھايتى ياخشى بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ بايقاش ناھايتى تېزلا پۈتكۈل مەملىكەتكە كېڭىيىپتۇ ھەمدە گىرىتسىيە ۋە رىمغىچە تارقىلىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي بىرەيلەن بۇ پىرىنسىپقا ئاساسەن پۈتكۈل دۇنياغا تارقالغان سوپۇننى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپتۇ.
خاتالىق ھەرگىزمۇ ئويلىغىنىمىزدەك ئۇنداق قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىرخىل ئالاھىدە تەربىيە، بىر خىل قىممەتلىك تەجرىبە. بەزىدە خاتالىققا ھەمىشە پۇرسەت يوشۇرۇنغان بولىدۇ. خاتالىققا باشقا نۇقتىدىن يۈزلەنگەندە، ئۇ مۇكەممەل بىر نەتىجە بولۇشىمۇ مۇمكىن.
2002 – يىلى 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ياپونىيەلىك بىر ئاددى خىزمەتچىنىڭ 2002 – يىللىق نوبىل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە پۈتكۈل يەر شارىغا تارقالدى. ئاددى بىر خىزمەتچى ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئىرىشكەنمىدۇ؟ بۇنىڭغا گەپ كەتمەيتتى. ئۇ كىشى ياپونىيىدىكى ھاياتلىق ئىلمى تەتقىقات ئورنىدىكى تاناكا ئىدى.
تاناكا ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى داڭلىق ئەرباب ئەمەس، ئىلىم ساھەسىنىڭ سىرتىدىكى سەرخىللاردىنمۇ ئەمەس، ئۇ ھەتتا ئەلاچى ئوقۇغۇچىمۇ ئەمەس بولۇپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا سىنىپتىن قالدۇرۇلغان. ئۇ خىزمەت ئىزدىگەن ۋاقىتتا يۈزتۇرانە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي، سونى شىركىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. كېيىن ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كۈچەپ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ھازىرقى تەتقىقات ئورنىغا كىرىش پۈرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ ئەنە شۇنداق ئادەتتىكى ئادەم بولۇپ مۇكاپاتقا ئىرىشىشتىن ئىلگىرى ھەتتا خىزمەتداشلىرىمۇ ئۇنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى. ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغاندا، كىم ماڭا چاقچاق قىلىۋاتقاندۇ، دەپ ئويلاپ قالغانىدى.
موخبىرلارنىڭ سوئالىغا تاناكا كۈلۈپ تۇرۇپ: “ نېمە دېسەم بولا، سۆزلەپ كەلسەم بىر قىتىملىق مەغلوبىيەتتىن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان كەشپىيات بارلىققا كەلدى… “ دەپ جاۋاب بىرىدۇ.
ئەمەلىيەتتىمۇ دەل شۇنداق ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا تاناكانىڭ خىزمىتى ھەر خىل ماتىرىيالدىن پايدىلىنىپ پىروتېئىننىڭ ماسسىسىنى ئۆلچەش ئىدى. بىر قېتىم ئۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن گىلىتسېرولنى ئالماسنىڭ ئۈستىگە تۆكۈۋىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇنى دەرھال يىغىشتۇرۇۋەتمەستىن، خاتا قىلىنغان ئىشنى كۆزىتىش ئارقىلىق لازېر نۇرىنى ئالاھىدە سۈمۈرىدىغان ماددىنى تاسادىپىي بايقايدۇ، مانا مۇشۇ “ خاتالىق “ كېيىنكى كۈنلەردە دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان كەشپىيات “ جانلىقلار ماكرو مولېكۇلاسىنىڭ ماسسا سىپېكترىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى “ غا مۇۋاپىقىيەتلىك ئاساس سالغانىدى.
مەغلوبىيەت تۇرمۇشىڭىزغا ئوڭۇشسىزلىق ئېلىپ كەلسىمۇ، يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا تۇرمۇشىڭىزغا مەنا قوشىدۇ. مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ باقمىغان كىشى مەڭگۈ سۇنىڭ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك لەيلەپ يۈرىدۇ. بىر كىشىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مەغلۇبىيىتى قانچە كۆپ بولسا، ئۇ كىشىنىڭ تەجرىبىسى شۇنچە موللىشىپ، ئادىمىيلىكتە شۇنچە پىشىپ يىتىلىدۇ، ئىقتىدارىمۇ شۇنچە كۈچىيىدۇ. بۇنداق كىشى مەڭگۈ ئۈمىدۋار بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىنتىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا چوقۇم غەلبە قىلغۇچىدۇر.
مەغلۇبىيەت ئۈمىدسىز كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بەختسىزلىك، ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بىر قېتىملىق تۈزىتىش پۈرسىتىدۇر. مەغلۇبىيەتنىڭ ھەسرىتى بولغاچقىلا، مۇۋاپىقىيەتنىڭ خوشاللىقى بولغان. مەغلۇبىيەتنىڭ سىنىقى بولغاچقىلا كىشى ئادىمىيلىكتە پىشىپ يىتىلىدۇ. شۇڭا دوستۇم، مەغلوبىيەت ئالدىدا ھەرگىزمۇ روھىڭىزنى چۈشۈرۈپ، مەيۈسلىنىشنىڭ ئەكسىچە ئۇنى ھاياتىڭىزدىكى بىر خىل بايلىققا، مۇۋاپىقىيەتكە ئايلاندۇرۇشىڭىز دەل بىزنىڭ سىزدىن كۈتكىنىمىزدۇر…
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1921