تۇرمۇش خاتىرىسى

    

پاقىنىڭ قونداققا چىقىشى

مەرھۇم سەيپىدىن ئېزىزىنىڭ «پاقىنىڭ قونداققا چىقىشى»دېگەن لەتىپىسى بەلكىم ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرىلىپ كەتتى،ئەمما ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش رىئاللىقى ھېلىمۇ ئەتىراپىمىزدا مەۋجۇت.پاقىنىڭ ئەسلى نەسلىدىن ئالغاندا ئۇ قونداققا چىققۇچىلار تايىپىسىدىن ئەمەس.ئۇ ئۆتكۈنچى ياز كېچىلىرىدىكى كوكىراشلىرى بىلەن باشقىلارغا سۆزمەنلەر قاتارىدا تۇرۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ،ئەمما ئۇنىڭ كوكىراشلىرنىڭ خۇددى ئۆزىنىڭ تېنىدەكلا سوغاق،يېقىمسىز ۋە تەكرار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.ھايات پەقەت تەجىربىلەر ئارقىلىقلا ئۆزىنى بېيىتىپ ماڭىدۇ. بولۇپمۇ ھەممىگە بىپەرۋا قارشقا ئادەتلەنگەن ئۇيغۇر ھاياتىدا ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ يۈز بىرىشى نورمال بىر ھادىسە سۈپىتىدا تىزلا قۇبۇل قىلىپ كىتىۋىرىدۇ.. راس، ئۇ ھاياتىدا قەلەمنى ئوڭشاپ تۇتۇشنمۇ ئۆگۈنىپ باقمىغان، ئەمما ئۇ قەلەم ئىگىسى، ئۇ بىر پارچە سالام خەتنى تۈگۈتىپ يېزىپ باقمىغان، ئەمما ئۇ كاتتا يازغۇچى،ئۇ بالىسىنىڭ دەپتىرىگە بىر تال توغرا سىزقنى تۈز سىزىپ باقمىغان ئەمما ئۇ رەسسام،ئۇ ئۆمىرىدە بىر ھەدىسنىڭ مەنىسىنى ئۆز يولى بىلەن توغرا چۈشۈنىپ باقمىغان ئەمما ئۇ قالتىس ۋەزچى،ئۇ ۋەتەن دېگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چىقىرىشقىمۇ جۇرەت قىلىپ باقمىغان ئەمما ئۇ داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر…

بىر چاغدا قونداقدىكىلەردىن بىرى ماڭا دوق قىلىپ: قىزىقكەنسىز،بۇ پەقەت ئەقىللىق كىشىلەرنىڭلا قولىدىن كىلىدىغان ئىش“دېگەن ئىدى. راس ئەمەسمۇ ،ھەممىگە ئەقىل كىتىدۇ. خەنزۇ تارىخىدىكى يازما خاتىرلەرگە قارىغاندا ئۇلار تارىختىن بۇيان باشقا قەۋىم بىلەن بولغان ئالاقىدە ”قونداقتىكى ئاقىللار“دىن پايدىلىنىشنى بىلىپ كەلگەنمىش.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1918

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-06-19
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: