تۇرمۇش خاتىرىسى

    

ساغلام قەلب – ساغلام تەن

كىشلىك ھاياتتا بىر خىل غەلىتە خاھىش بار. سىز ئوڭايلا ئىرىشەلەيدىغان نەرسىلەر ئەمەلىيەتتە ناھايتى قىممەتلىك. بىراق سىز ئۇنىڭغا ئېرىشكەندىن كېيىن پەرۋا قىلماي، باشقا نىشانلارنى قوغلىشىسىز. ھازىرقى كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى مۇشۇنداق. كۆڭۈلنى، مېھىر – مۇھەببەتنى، ساغلاملىقنى، ساداقەتنى قۇربان قىلىپ، پۇل، نام – مەنپەئەت، مال – دۇنيا قوغلىشىسىز. بىراق سىز شۇلارغا ئېرىشىپ، ھەقىقى قىممەتلىك نەرسىنى يوقاتقاندا، پۇشايمان قىلىسىز. نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، ساغلاملىقنى تېخىمۇ شۇنداق.
كىشىلەر ئەسلى مۇنداق ئويلىشى كېرەك، ئەگەر ساغلاملىق، ھاياتلىق مۇھىم بولمىسا، ئۇنداقتا يەنە نېمە مۇھىم؟ بۇ خاراكتېرنىڭ ھاياتلىققا بولغان تونۇشى بولۇپ، كىشىلەر بىر مەزگىلدىن كېيىن نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيدۇ. شۇڭا، بۇ سىزنىڭ ھاياتلىققا قانداق قارايدىغانلىقىڭىزغا ۋە قەلبىڭىزگە بولغان ھۆرمەتلەشنىڭ يېتەرلىك بولغان – بولمىغانلىقىغا باغلىق.
پىسخىكا ساغلاملىقى ھەممىدىن مۇھىم. سىز نام – مەنپەئەتنىڭ قىينىشىدىن، زەربىسىدىن ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىپ قېلىشتىن ئاستا – ئاستا ئايرىلىڭ، ئۇنىڭدىن ھالقىڭ، تېخىمۇ ساغلام بولىسىز. بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت بىلەن تەنھەرىكەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ساقلاڭ. ئەگەر خىزمەت بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ، تەنھەرىكەتكە ۋاقىت چىقمىسا، تەڭشەش ئېلىپ بىرىڭ. سىرتتا تاماقنى ئاز يېيىشمۇ بىر خىل تاللاش. ھەپتە ئاخىرىدا ئامال بار ئۆيدە بولۇڭ، ئۆيدە بولغان ۋاقتىڭىز سىرتلاردىكى ۋاقتىڭىزدىن كۆپرەك بولسۇن.
ساغلاملىقنى ئاددىيلا قىلىپ كۆپ يۈگۈرۈش، گۆشلۈك تاماقنى ئاز يېيىش، دەپ چۈشۈنىۋالماڭ. ھەقىقى ساغلام كىشى دەل قەلبى ساپ بولغان كىشىدۇر. شۇڭا، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى يەككە – يىگانە بولمايدۇ. ئاز گۆش يېيىش، ئېغىزنى باشقۇرۇش بۇلار تاشقى ئىپادە. چوڭقۇرلىساق، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ئەڭ مۇھىمى قەلب، مانا بۇ ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ يادرۇسى.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2951

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-12-20
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: