كۈيئوغولنىڭ ئەخلاقى
ئوغۇل چوڭ بولسا ئۆيلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يىگىن بىلەن قىزنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇدىلىق مۇناسىۋەت، ياتلىق بولغان قىز- بىلەن يىگىتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت، قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن يىگىت ئوتتۇرىسىدا قىينانا، قىيناتا ۋە كۈيئوغۇللۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا كۈيئوغۇلنىڭ ئەخلاقى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا كۈيئوغۇل بولغۇچى تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بىرىشىڭىز زۆرۈر.
1. بالا مىجەزىڭىزنى تاشلاڭ،لايغەزەل، بوشاڭ، ھورۇن، قورقۇنچاق بولماڭ، سىز كۈيئوغۇل بولغان كۈندىن باشلاپ بىر ئايالغا ھەمراھ، باشپاناھ، يار- يۆلەك بولۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەيسىز، ئۆي ئايرىپ چىقسىڭىز، بىر ئائىلىنىڭ ئۆي ئىگىسى بولسىز. شۇنداق ئىكەن، سىزدە ئەر كىشىگە خاس جاسارەت، قەتئىيلىك، تەدبىرچانلىق قەيسەر بولۇشىڭىز كىرەك. ئەگەر سىزدە مۇشۇ خىل روھ بولسا، خوتۇنىڭىزنىڭ مېھىر- مۇھەببىتىگە، ھۆرمىتىگە ئېرىشىسىز. ئايالىڭىز سىزگە جور بولغانلىقىغا، ئۆزىنى سىزگە ئاتىغانلىقىغا پۇشايمان قىلمايدۇ ھەمدە سىزگە ئۈمىد بىلەن قاراپ سىزنى ھەقىقى تايانچى،يار- يۆلەك ھىساپلايدۇ، ئۇنداق بولمىسا، ئايالىڭىز، باللىرىڭىز سىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
لايغەزەللىك، بوشاڭلىق، ھورۇنلۇق ئەر ئۈچۈن چوڭ نۇقسان بولۇپ، بۇنداق نۇقسانلىق تۈپەيلى ئائىلە ئىقتىسادىڭىز راۋاج تاپمايدۇ دە، كۈنلىرىڭىز غۇربەتچىلىكتە ئۆتىدۇ.
ھەر قانداق كىشى ھورۇن بولماستىن غەيرەت قىلىپ ئىشلىشى، ئەمگەك قىلىشى لازىمدۇر. جىم يىتىپ، باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشنى ئىستەش ئەقىللىق كىشىنىڭ ئىشى ئەمەس.
2. قىينانا- قىيناتىڭىزنى ئۆز ئاتا- ئانىڭىزدەك كۆرۈپ ھۆرمەتلەڭ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا قوپال، ھاياسىز سۆزلەرنى قىلماڭ، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ھاراق- شاراپ ئىچىپ مەس بارماڭ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەڭ، ھەر قانداق ئىش بولۇشتىن قەتئىنەزەر ئۇلار بار يەردە ئايالىڭىزنى كەمسىتىدىغان سۆزلەرنى قىلماڭ. سىز قىينانا،قىيناتىڭىزنى ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلسىڭىز، خوتۇنىڭىزمۇ سىزنىڭ ئاتا- ئانىڭىزنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تىرىشىدۇ. سىز ئۇلارنى ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ، خوتۇنىڭىزدىن ئاتا- ئانىڭىزنى ھۆرمەتلەشنى، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىدە بولۇشنى تەلەپ قىلسىڭىز، بۇ ئادالەتىسزلىك بولىدۇ، خوتۇنىڭىز ئېغىزىدا بىر نەرسە دىمىسىمۇ، كۆڭلىدە سىزدىن نارازى بولىدۇ، ھەرىكىتىدە نارازىلىقىنى بىلىپ – بىلمەي كۆرسىتىپ سالىدۇ، شۇڭا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلماي تۇرۇپ، باشقىلاردىن ياخشىلىق تەمە قىلماڭ.
3.قىينانا- قىيناتىڭىزنى پات- پات يوقلاپ تۇرۇڭ، يوقلاپ كەلگەن ۋاقتىڭىزدا ئۆينىڭ تۆرىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ، يەپ- ئىچىپ قايىتماي، ئۇلارنىڭ ئائىلە، ئىتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىڭ، بولۇپمۇ ئۇلار دېھقان بولسا، ئەتىيازلىق تىرىلغۇ، كۈزلۈك يىغىم تىرىم ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۆزىڭىزنىڭ كۈيئوغۇللۇق بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىڭ، ئۇلارغا بىر قىزىدن ئايرىلىپ قالغان ئەمەس، بەلكى بىر ياخشى كۈيئوغۇلغا ئىرىشكەندەك تەسىرات بىرىڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەملەرنىڭ خۇي- مىجەزى ئوخشاش ئەمەس، سىزنىڭمۇ ئايالىڭىز ياقتۇرمايدىغان تەرەپلىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئايالىڭىزنى ئىشلىرىغا قالايمىقان ئارلىشىۋالماڭ، ئايالىڭىزدا ئەخلاق پەزىلەت جەھەتتىن چوڭ نۇقسان بولمىسىلا، سىز ياقتۇرمايدىغان تەرەپلىرىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: “ ئاياللار بىلەن ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار، چۈنكى ئۇلار ئانىلار، قىزلار ۋە ھەدە- سىڭىللاردۇر، باشقا دىندارلارنىڭ ھەر بىر قولى يىپقا بارمىغان ئايالغا ئۆيلەنسىمۇ بىر- بىرىدن بىزار بولۇپ ئاجرىشىپ كەتمەيدۇ“
5. ھەددىدىن ئارتۇق گۇمانخۇر، كۈنلەمچى بولماڭ، ئائىلىدە جىدەل ماجرانىڭ ئۆكسىمەسلىكى ۋە ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشى كۆپىنچە ھاللاردا ھەددىدن ئارتۇق گۇمانخۇرلۇق ۋە ئورۇنسىز كۈنلەشتىن بولىدۇ.
ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە بىر قىسىم كۈيئوغۇللار ئايال باشقۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە ئايالىمنى قاتتىق باشقۇرىمەن دەپ گۇمانخۇرلۇق قىلىپ، ئايالىنى كۈنلەپلا يۈرىدۇ، بەزىدە تېخى ئەر كىشىدىن كۈنلەپ ئاچچىغى بىسلماي “ ئايالنى ئايال بۇزىدۇ“ دەپ قاراپ، ئايال كىشىدىنمۇ كۈنلەيدۇ، يات بىرەر ئەر كشىنىڭ ئايالى بىلەن بىرەر ئىككى ئېغىز سۆزلەشكىنىنى كۆرۈپ قالسا، بولۇپ بەرگىنى شۇ، ئايالىنى ھاقارەتلەپ، ئۇرۇپ – دۈشكەلەپ يۈز- كۆزىنى كۆكەرتىۋىتىدۇ. بۇنداق ئەرلەرنىڭ كۈيئوغۇللارنىڭ نەزىرىدە ئايالىغا نىسبەتەن ھۆرمەت دىگەندىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق بولۇپ، ئۇلار تەبىئىتىدە ئايالىنى باشقۇرۇش، ئەرلەرچە ھۆكۈمرانلىقلا مەۋجۇت.
دەرۋەقە كۈنلەشنىڭ ماھىيىتى گۇمانخۇرلۇق، ئۆز ئايالىغا ئىشەنمەسلىك بولۇپ، بۇنداق ئىشەنمەسلىك ئايالىڭىزنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنى سۇسلاشتۇرىۋىتىدۇ. ئورۇنسىز كۈنلەمچىلىك، ئورۇنسىز سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىدە ئايالىڭىزنىڭ نەزىرىدىكى ھۆرمىتىنى يوقىتىسىز. ئارىدىكى مۇناسىۋىتىڭىزگە سوغۇقچىلىق چۈشىدۇ، ئائىلە بۇزۇلىدۇ.
بىز ئۇيغۇردا بۇنداق گۇمانخۇرلۇق، كۈنلەمچىلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن پاجىئەلەرمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ تۈپ نېگىزىدىن ئالغاندا، شۇ پاجىئەنى كەلتۈرگۈچىنىڭ ئەخلاق ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ف. ۋولتىر بۇ ھەقتە “ خۇدىنى بۈلمەيدىغان كۈنلەش شەخسىيەتچىلىك ۋە شۆھرەتپەرەسلىك قىلغاندىنمۇ يامانراق جىنايەتلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ“ دىگەنىدى.
يەنە شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، كۈنلىمەيمەن دەپ ئايالىڭىزنى مەيلىگە قويۇۋىتىشمۇ ياخشى ئاقىۋەت كەلتۈرمەيدۇ، بىر قىسىم ئاياللار يولدىشىنىڭ كۈنلىمەسلىكىنى ئۆزىنى چىن يۈرىكىدىن سۆيمىگەنلىك دەپ بىلىدۇ، بىر قسىىم دانالار “ ئۆز خوتۇنىنى كۈنلىمەسلىك ياخشىلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس “ دەپ قارايدۇ. دېمەك، مەلۇم جەھەتتىن ئايالىڭىزنىڭ نىمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، كىملەر بىلەن ئارلىشىۋاتقانلىقىنى، ھېسسىيات جەھەتتىن قانداق ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇش ۋە ئۆز- ئارا بىر- بىرڭلارنى چەكلەپ تۇرۇشنىڭ زېيىنى يوق، بۇ ئائىلىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.
6.ھارق- شاراپ ئىچىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. شۇنى بىلىڭكى، ھاراق ھاياتىڭىزنىڭ دۈشمىنى، ئەخلاقىسزلىقنىڭ مەنبەسى، ھاراققا بىرىلگەن ئادەمنىڭ خانىۋەيران بولمىغىنى ئاز، ھاراق قۇتىدا جىم تۇرغىنى بىلەن سىزنىڭ قېرىنىڭىزغا كىرگەندىن كىيىن سىزنى جىم تۇرغۇزمايدۇ، ئەقىل-ھوشۇڭىزنى يوقۇتۇپ ناشايان ئىشلارنى قىلىپ ئابرويىڭىزنى تۆكۈۋالىسىز، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشىسىز، “ مەسىتلىك پەسلىك“ دىگەن شۇ. يەنە كىلىپ، ئىقتىسادى جەھەتتىن ۋەيران بولسىز، سالامەتلىكىڭىز زىيانغا ئۇچراپ، نېرۋا كىسەللىكى، جىگەر كىسىلى، ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرگە گىرىپتار بولسىز. ئۇنتۇماڭكى، ھاراقكەشلىك تۈپەيلى قىش كۈنلىرى تام تۈۋىدە يېتىپ قىلىپ توڭلاپ ئۆلۈپ قالغانلارمۇ، ھاراق ئىچىپ ئۆزىنى كونىترۇل قىلالماي ئادەم ئۆلتۈرۈپ پۇشايمان ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالغانلارمۇ بار.
دېمەك ، ھاراق ئىنساننى ھەر كويغا سالىدۇ، ئېزىتقۇدەك ئېزىقتۇرىدۇ، جىنايەتكە باشلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :“ ھاراقتىن ساقىلىنىڭلار، چۈنكى ئۇ ھەممە يامانلىقنىڭ ئاچقۇچى“ دېگەن. شۇڭا ياخشى كۈيئوغۇل بولىمەن دەيدىكەنسىز، ھاراق-شاراپقا يىقىنلاشماڭ، يېقىنلاشقان بولسىڭىز، ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ، توۋا قىلىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:“ گۇناھىنى توۋا قىلغۇچى كىشى گۇناھسىز ئادەم بىلەن باراۋەردۇر“ دېگەن.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2604