![]() |
نوزۇگۇمنىڭ ئاتىسى، نوزۇگۇمنىڭ ئانىسى…
« نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر سەپەردە 50 ياشلاردىن ھالقىغان بىر كىشى بىلەن سەپەرداش بولۇپ قالدىم. ئۇ قاشتىشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ ناھايتى كۆپ پۇل تاپقان، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى كۆرگەن ئادەم ئىكەن. قىزلارنىڭ ھاياسى، ئىپپىتى ھەققىدە گەپ بولۇۋاتقاندا، ئۇ قىزىنىڭ گىپىنى چىقىرىپ قالدى ۋە بىردىنلا دادلىنىپ كەتتى: « ئىگەم ئىنسابىنى بەرسۇن، قىز بالىنىڭ تاپتىن چىقىپ كېتىشىدىن… مەن ئۆيدە كۆپ ئولتۇرالماي، ئانىسىنىڭ گېپى ئۆتمەي، ئەمدىلا ئون ئالتىگە كىرگەن قىزىم ناشايان يولغا كىرىپ قاپتۇ، قاراڭ ! بىر نەچچە ئايلىق تىجارەتتىن قايتىپ كەلسەم، چاچلىرى كېسىپ پاخپايتىلغان، كىندىكلىرى ئوچۇق، ساغرىلىرى تومپايغان كىيىملىرى بىلەن كۆرۈشكىلى ئالدىمغا چىقتى. ‹ يائاللا ! ئىش پۈتۈپتۇ› دەپ ياقامنى چىشلىدىم ۋە ئۆيگە كىرىپلا ئۇنىڭغا چېچىلدىم. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنى تىللىغىنىمنىڭمۇ، تورۇسلارغا ئېسىپ ئۇرغىنىمنىڭمۇ پايدىسى بولمىدى. ئۇز گەپنىڭمۇ، نەسىھەتنىڭمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. ئۇ ھەر ئاخشىمى ھېلى تۇز ئىلىپ كىرىمەن، ھېلى سوپۇن دېگەندەك سەۋەبلەرنى تېپىپ سىرتقا چىقىپ كېتىپ، بىر مەھەلدە پەيدا بولىدۇ. نېمە ئامال، ئۇنى باغلاپ قويۇشنىڭ ئورنى بولمىسا… مۇشۇ سەۋەبتىن ئانىسىنىڭمۇ يېمىگەن تايىقى قالمىدى، ئۆزۈمنىمۇ نەچچە قېتىم كاچاتلىۋەتتىم. پۇل بار، دەپ قىزلىرىمىزنى بەك قۇۋۋەتلىك بىقىۋەتسەك، ئۇلار كىچىك تۇرۇپلا دىغراپ قالىدىكەن ئەمەسمۇ؟ قىز بولسا ئىنسابلىق بولسۇن ! بىلىپ تۇرىمەن، ماڭا دېيىشەلمىگىنى بىلەن ئايالىمنىڭ ئالدىغا نەچچىلىگەن ئاتا – ئانىلار ھال ئېيتىپ كېلىشتى: ‹ قىزلىرى، بىزنىڭ تېخى ئەمدىلا ئون ئۈچ، ئون تۆتكە كىرگەن ئوغلىمىزنى يولدىن چىقىرىۋەتتى… › دەپ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئائىلىمىزنىڭ يۈزىنى يەر قىلىپ بولدى… ئۆز تەۋەلىكىمىزدىن ئۇنىڭغا ئەر چىقمىدى. چۈنكى، ھەممە ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغانىدى. مۇشۇ ساقىلىم بىلەن باشقىلارغا قىزىمنى كېلىن قىلىۋېلىش، خوتۇن قىلىۋېلىش ھەققىدە گەپ پۇرىتىشلىرىمنىڭمۇ ئۈنۈمى بولمىدى… بۇ جەرياندىكى كۆڭۈل غەشلىكلىرىمنى دېمەيلا قويۇڭ… نەچچە ئاي ئىلگىرى ئۇ ئۆزى قوشنا يېزىدىن بىر يىگىتنى تېپىپتۇ. مەن يىگىتنىڭ كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، ياخشى – يامانلىقىنى، قىسقىسى ئۇنىڭ ھېچنېمىسىنى سورىماي قىزىمنى چىقىرىپ بېرىشكە قوشۇلدۇم. كېيىنرەك بىلسەم، ئۇ يىگىت شوپۇر ئىكەن. شۇنداق قىلىپ نەچچە ئاي بۇرۇن ئۇلارنىڭ تويىنى قىلىۋەتتۇق. ياراتقان ئىگەم ئۇلارنىڭ بەختىنى بەرسۇن ! ئەمما، ھېلىھەم ئەنسىرەپلا يۈرۋاتىمەن، قىزىمنى ئىش چىقىرىپ قويارمىكىن، دەپ… چۈنكى، شوپۇر دېگەن ئۆيىدە كۆپ ئولتۇرالمايدىكەن ئەمەسمۇ؟…»»
سەپەردىشىمنىڭ بۇ سۆزلىرى خېلى ۋاقىتلارغىچە خىيالىمدىن چىقمىدى. دېمىسىمۇ راست – دە، ئاتا بولغۇچى ئۆز ئائىلىسىنىڭ گۈللىنىشى، پەرزەنتلىرىنىڭ كىلەچىكى ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز شاپاشلاپ، سىرتلاردا دۈپ يېتىپ – دۈپ قوپۇپ، تىرىشىپ – تىرمىشىپ پۇل تاپقىنى بىلەن پەرزەنتلىرىدىن ئەنە شۇنداق كۆڭۈل غەشلىكلىرىگە مۇپتىلا بولسا، ئىچ – ئىچىدىن تۈگىشىپ كەتمەمدۇ كىشى…
قايسىدۇر بىر كۈنى بىر مۇنبەردە ئەخلاقسىز، ھاياسىز قىزلىرىمىز قاتتىق قامچىلانغان بىر تېمىغا داخىل بولۇپ قالدىم. مۇنبەردىكى قىز – ئوغۇللار ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىپ قاتتىق مۇنازىرىلىشىپتۇ. ئوغۇللىرىمىز بار مەسئولىيەتنى ئۆز ئىززەت – ھۆرمىتى ساقلىيالمىغان، ئىپپىتىنى قەدىرلىيەلمىگەن ئەخلاقسىز قىزلارغا ئارتىپتۇ، قىزلىرىمىز بارلىق مەسئولىيەتنى ئۆز مىللىتىنىڭ قىزلىرىنى قوغداشنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرۈپ يولدىن چىقىرىۋاتقان، ئۆز مىللىتىنىڭ قىز – ئاياللىرىغا مەسئول بولالمىغان يىگىتلىرىمىزگە، ئەركەكلىرىمىزگە يۈكلەپتۇ…
مېنىڭچە بارلىق مەسئولىيەتنى ئاشۇ قىز – ئوغۇللارنى كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيلەشكە، بولۇپمۇ ئەخلاق، ھايا، ئىپپەت، كىشلىك قەدىر – قىممەت تەربىيىسى بىرىشكە سەل قارىغان ئاتا – ئانىلار ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ئاتا بولغۇچى بارلىق زىھنىنى ئائىلە ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشكىلا قارىتىپ قالماي، ئۆيدىكى ئانا بولغۇچىدا شۇ خىل تەربىيىلەرنى بىرىشكە يىتىشكۈدەك سەۋىيە بارمۇ – يوق، پەرزەنتلەرگە قايسى چاغدا قانداق تەربىيىلەرنى ئىلىپ بىرىش لازىم دېگەنلەرنىمۇ ئەستايىدىل ئويلىشىشى، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بولۇشى زۆرۈر. بولمىسا ئىشنىڭ بولارى بولۇپ بولغاندا، خۇددى سەپەردىشىمدەك ‹ ساقالنى يۇلۇپ، ئۆزىنى كاچاتلاش › تىن، ‹ چاقنى بۇزغان چانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى › دەپ بىچارە مەزلۇمنى دۇمبالاشتىن باشقىغا يارىماس كىشى…
پەرزەنت مەيلى قىز بولسۇن، مەيلى ئوغول بولسۇن چوقۇم ئەخلاق جەھەتتىن بىرىلىدىغان تەربىيە ئىنتايىن مۇھىم. ھازىرىمىزدا نۇرغۇنلىرىمىز يولنىڭ، پۇلنىڭ كۈچى بىلەن بالىلىرىمىزنى نوقتىلىق مەكتەپلەرگە، ئىستىداتلىق، ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا تاپشۇرۇپ بىرىپ خاتىرىجەم يۈرىيدىغان بولدۇق. بالىلىرىمىز نامى ئۇلۇغ ئالىي مەكتەپلەرگە، چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا ماڭسا، بۆكىمىزنى ئاسمانغا ئىتىپ غەلبىمىزنى تەنتەنە قىلدۇق. ئالىي مەكتەپتە شۇنداق كۆزگە كۆرۈنۈپ تىرىشىپ ئوقۇۋاتقان قىز – يىگىتلىرىمىزنىڭ ئىزىقىپ يولدىن چىققان، ‹ نىجىس › كېسەللەرنى يوقتۇرۇپ ئۆيىگە قايتىشقا، ئەل – يۇرتىغا يۈز كىلەلمەي پىغان – ھەسرەتتە مۇنبەرلەرگە يوللىغان يازمىلىرىنى ئوقۇپ بىر ئىنساندا بىلىمنىڭ، ئەخلاق تەربىيىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئاندىن ھېس قىلدۇق ياكى ‹ شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى › غا يۆلەپ، ھەر بىر نامىزىمىزدا تەڭرىدىن پەرزەنتلىرىمىزگە ئىنساب، بەخت تىلەپ بولدى قىلدۇق.
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن… ‹ نوزۇگۇم›نىڭ ئاتىسى قانداق ئاتا بولغىيدى؟… ‹ نوزۇگۇم›نىڭ ئانىسى قانداق ئانا بولغىيدى؟… ئۇلار بۇ ئەخلاق تەربىيسىنى قايسى ئۇسۇللار بىلەن قىزىغا سىڭدۈرگەن، ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى، بەخت – سائادىتى ئۈچۈن مەردانە ھالدا ئوت بولۇپ كۆيەلەيدىغان، ئاخىرقى مىنۇتلاردىمۇ ئۆز قەدىر – قىممىتىنى ساقلاپ… بارلىق شەرمى ھايالىق ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ ئابىدىسىگە ئايلىنالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەلىگەن بولغىيدى؟…
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2860