تۇرمۇش خاتىرىسى

    

كونا باش ياغلىقى كۆتۈرۈۋالغان ئاتا

ئەكبەر ھېمىت

ئۇ كىشىنىڭ تۇرقىدىنلا يېزىدىن كەلگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندىن چىقىشىغا يەنە ئون نەچچە مىنۇت بار ئىدى. بايىدىن بېرى ئادەملەر ئانچە كۆپ بولمىغان ئىمتىھان مەيدانىنىڭ ئالدىغا ئوقۇغۇچىلىرىنى يىتەكلەپ كەلگەن مۇئەللىملەر، بالىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن ئاتا – ئانىلار يىغىلىشقا باشلىدى. بۇ 6 – ئاينىڭ تازا ئىسسىق بولىدىغان كۈنلىرى بولۇپ، ھاۋادىن تونۇر تەپتى كېلەتتى، قوياش غايەت زور ئوت شارىغا ئايلىنىپ ھېچ توسالغۇسىز بۇ قەدىمىي شەھەرگە ئوت پۈركۈيتتى، ھارارەت تارقىتاتتى. شەھەر يوللىرىنىڭ ئىككى قاسنىقىغا تىكىلگەن چىنار دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرى خۇددى قىتىپ قالغاندەك ياكى ئۇستا رەسسامنىڭ قولىدا پۈتۈپ چىققان ماي بوياق رەسىمدەك مىدىر – سىدىر قىلمايتتى. بۇ يەردە ئەڭ كەم بولۇۋاتقىنى سايە ئىدى! كىشىلەر كىچىككىنە سايىگە تىقىلىشىۋالغان بولۇپ، ھاۋادىن باشقىسىنى پۇل خەجلەپ سىتىۋالىدىغان بۇ شەھەردە ھەر نېمە بولسا سايىنى ساتىدىغان ئىش يوق ئىكەن، ئەگەر شۇنداق ئىش بولۇپ قالسا بۇ ئۈچ كۈن جەريانىدا مۇنۇ كۆچەتنى تىكىپ ئەي قىلغان كىشى خېلى پۇللۇق بولۇپ قالار ئىكەن، دەپ ئويلىدىم.

بۇ ئالامان ئىچىدە بېشىغا كونىراپ كەتكەن چىمەن دوپپا، شۇنچە ئىسسىقتىمۇ ئۇچىسىغا تۆت يانچۇقلۇق جۇڭسەنپۇ چاپان، ئاستىغا تىزلىرى چىقىپ قالغان ئىشتان كىيىۋالغان بىر ئادەم دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ پۇتىدىكى لاتا خەي خېلى كونىراپ قالغان بولۇپ، قونچىغا دەسسەپ شىپىلداق قىلىۋالغانىدى. ئۇنىڭ يول – يول قورۇق باسقان يۈزىدىن دەممۇدەم  تەر قۇيۇلاتتى. ئۇ چاپاننىڭ يېڭى بىلەن تەرلىرىنى توختىماي سۈرتەتتى. شۇنداقلىقىغا قارىماي ئۇ باشقىلاردەك سايىگە تىقىلمايتتى. بەلكى، بالىسىنى بالدۇرراق كۆرۈشنى ئويلىسا كېرەك، دەرۋازا ئىچىگە بويۇنداپ قارايتتى. بىر چاغدا ئۇ يولدىن ئۈچ پەشتاق كۆتۈرۈلۈپ سىلىنغان سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىغا كېرىپ كەتتى ۋە بىر بوتۇلكا قىزىل چاي ئېلىپ چىقتى، ئاندىن قولىدىكى كونا باش ياغلىقنى دۇكاننىڭ پەشتىقىغا قويۇپ ئاچتى، كونا باش ياغلىقتا ئىككى تىلىم تاۋۇز، تاماق قاچىسىدا ئۆپكە – ھېسىپ دېگەندەك نەرسىلەر بار ئىدى. ئۇ قولىدىكى قىزىل چاينى كونا باش ياغلىقىغا قايتىدىن چىگدى، ئاندىن خۇددى دادىسىنىڭ يولىغا تەلمۈرگەن بالىدەك دەرۋازا ئىچىگە بويۇنداپ قاراشقا باشلىدى. ئاپتاپ چاققانلىقتىن ئۇنىڭ قىسىق كۆزلىرى تېخىمۇ قىسىلاتتى، تۇرۇپ – تۇرۇپ يۈزلىرىگە قۇيۇلىۋاتقان ئاچچىق تەرلەرنى سۈرتەتتى. قوڭغۇراق چىلىنىپ بالىلار ئىمتىھاندىن چىقىشتى. مەن ئۇ بۇۋاينى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئالدىغىراق سۈرۈلۈپ بوۋايغا يېقىنلاشتىم. بوۋاي دەرۋازىدىن چىققان ھەر بىر بالىغا سىنچىلاپ قارايتتى. دېگەندەك ئارىدىن كۆپ ئۆتمە يۈزلىرى يۇپيۇمىلاق، بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقان، بۇغداي ئۆڭ بىر بالا بوۋاينىڭ يېنىغا كەلدى ۋە قولى بىلەن بوۋاينىڭ تەرىنى سۈرتتى، بوۋاي قولىدىكى باش ياغلىقىدىن بىر تىلىم تاۋۇزنى ئېلىپ بالىغا بەردى. مەن بۇ مۇھەببەتلىك كۆرۈنۈشتىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، ئىچىمدە تېخى تۈنۈگۈن مۇشۇ يەردە كۆرگەن ھېلىقى ھاكاۋۇر بالا بىلەن مۇنۇ كۆيۈمچان ئوغۇلنى سېلىشتۇرۇپ، ئوخشاش مۇھەببەت ۋە ئوخشىمىغان ھاسىلات ھەققىدە ئويلىنىپ شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقى مۇشۇ بولسا كېرەك، دەپ ئويلىنىپ قالدىم. ئىچىمدە ئاشۇ كۆيۈمچان بالىنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، جاپاكەش دادىنىڭ يۈزىدە يەنە بىر كۈلكىنىڭ چېچەك ئېچىشىنى تىلىدىم.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1878

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-06-11
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تۇرمۇش رۇجەكلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: