تۇرمۇش خاتىرىسى

كومپيۇتېر ۋە سىز

شۇنداق بىر خىل ئادەملەر بار. ئۇلار قىزغىن، ئۆزىنى تۇتۇۋالىدۇ، پىلانلىق ئىش قىلىدۇ؛ ئۇلار ئۆزىنى ئالداشقا ئۆچ، ئۆزىنى ئادەتتىكى بىر گىياھ دەپ قاراپ، ھايات گۈللىرىنىڭ پورەكلەپ ئىچىلىشىنى كۈتىدۇ.
ئۇلار سەھەر سائەت بەشلەردە چىقىپ بەدەن چىنىقتۇرىدۇ، ئەمما سىز ئۇخلايسىز؛ ئۇلار سائەت يەتتىلەردە ئوزۇقلۇق قىممىتى مول نېمەتلەر بىلەن ناشتا قىلىدۇ؛ ئۇلار ئىشنى تۈگىتىپ، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلاي دېگەندە، سىز يەنىلا ئۇخلاۋاتقان بولىسىز.
ئۇلار چۈشكىچە بىر مۇنچە ئىشنى تۈگىتىدۇ، بەزىدە ھاياتىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىمكانىيەتنى، يېڭى سودا پۈرسىتىنى بايقايدۇ؛ چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولاي دېگەندە، ئۇلار ئوبدان كىرىلىپ، سەل ئارام ئالاي دېگەندە، سىز ئاران ئورنىڭىزدىن تۇرىسىز.
ئۇلار ياخشى چۈشلۈك تاماق يېگىنى بىلەن بەتخەجلىك قىلمايدۇ. سىز بولسىڭىز قورسىقىڭىزنىڭ ئاچقىنىدىن يۈز – كۆزىڭىزنى چالا – بۇلا يۇيۇپلا، چىشىڭىزنىمۇ چوتكىلىماي، توڭلاتقۇدىن ئاخشامقى ئولتۇرۇشتىن ئېلىپ كەلگەن كولا ۋە پارچە – پۇراتلار بىلەن ناشتا قىلىسىز.
ئۇلار چۈشلۈكى ئۇخلىۋالغاندىن كېيىن، خىزمەتكە يەنە قىزغىنلىق بىلەن ئاتلىنىدۇ. سىز بولسىڭىز قورسىقىڭىزنى تويغۇزۇپ، كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كېلىسىز. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنىڭىز باشلىنىدۇ.
ئۇلارمۇ كەچلىكى ئۆيىگە قايتىپ، كومپيۇتېرنى ئاچىدۇ. ئەمما ئۇلار كومپيۇتېردىن تۈگىتىپ بولالمىغان ئىشىنى قىلىش ياكى بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تىزىملاتقان توردىكى تەربىيلەشكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئاچىدۇ. بۇ چاغدا سىز زوق – شوق بىلەن تور ئويۇنى ئويناۋاتقان بولىسىز.
سائەت 22 بولغاندا، ئۇلار ئىشنى توختىتىپ، قولىغا بىرەر كىتابنى ئالىدۇ ياكى ئامراق چالغۇسىنى ئىلىپ مەشىق قىلىدۇ ۋە ياكى ئۇيقۇغا كەتكەن بولىدۇ. ئۇلار ئۇخلاشتىن ئاۋال « مەن بۈگۈن نېمە ئىشلارنى قىلدىم ؟ قانداق ھاسىلاتقا، تەجرىبە – ساۋاققا ئىگە بولدۇم ؟ » دەپ ئويلىنىدۇ ھەمدە كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇ – ئارمانلىرىنى خىيال قىلىۋېتىپ، شېرىن ئۇيقۇغا كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىز سۆز قالدۇرۇش، بىلوگىڭىزنى يېڭىلاش بىلەن ئاۋارە بولۇپ، ئىشىڭىز بەك ئالدىراش.
يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا سەل مۈگىدىگەندەك بولۇپ، كۆزىڭىز قىيمىغان ھالدا كومپيۇتېرنى ئۆچۈرىسىز. بەدىنىڭىز تەر پۇراپ كەتكەن بولسىمۇ، يۇيۇنۇشقا ئىرىنىپ، مەينەتلىشىپ كەتكەن يۇتقانغا ئۆزىڭىزنى ئاتىسىز.
ئەتراپىڭىزدا « ئاشۇنداق كىشىلەر » نىڭ بارلىقىنى بىلىسىز – يۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى بىلمەيسىز.
بىر كۈنى ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالىسىز. ئۇلار كاتتا خوجايىن، ئەمما سىز ئادەتتىكى ئىشلەمچى؛ ئۇلا باشلىق، ئەمما سىز خىزمەتچى؛ ئۇلار چەتئەللەرنى سەيلى – ساياھەت قىلىۋاتقان، سىز ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان، ئېسىل سۆرەتلەرگە چۈشكەن، سىزنىڭ خىيالىڭىزدىكىدەك ياشاۋاتقان؛ ئۇلار شۇنداق مۇلايىم – سىپايە، ئەمما سىزچۇ ؟ سىزنىڭ ئۇنداقلار بىلەن خۇشىڭىز يوق.
ئەمەلىيەت مانا مۇشۇنداق، ئەگەر سىز يەنە بۇنداق تۇرمۇشنى ئۆزگەرتمىسىڭىز، سىزنىڭ ھاياتىڭىز كومپيۇتېر ئالدىدا خوراپ تۈگەيدۇ.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2494

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-08-31
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: