پۇلنى قانداق تاپقۇلۇق
پۇل تېپىشتا ئالدى بىلەن ھېساب – كىتابنى بىلىش كېرەك، دېسەم – دېمىسەم سىلەر بۇنىڭغا ئۇستا، ئەمما مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك ھېساب – كىتابنى قىلىپ باققان بولۇشۇڭلار ناتايىن.
تەن ساقلىق ــ پۇل تاپقانلىق
ھازىر داۋالىنىشقا پۇل سۇدەك كېتىدىغان بوپقالدى. شۇڭا ساقسىزلىق نامراتلىققا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. 20 نەچچە ياشتا قان بېسىمى، 40 نەچچە ياشلاردا سەكتە – پالەچ بوپقېلىۋاتقانلىقىمىز ھاراق – تاماكىغا، قورساققا بەك بېرىلىپ كەتكەنلىكىمىزدىنمۇ – قانداق؟ سۇيۇق – سەلەڭدىن نېرى تۇرۇپ مال باقماي پاقلان، قىچا – زىغىر تىرىماي ياغ يەۋاتقانلىقىمىزدىنمۇ – قانداق؟ بالىلارنىڭ ئۇدۇل كەلگەن ئۇششاق – چۈششەك ئەخلەت يېمەكلىكلەرگە سۈپەت – ساپاسىغا قارىمايلا دۈم چۈشۈپ يەۋاتقانلىقىندىنمۇ – قانداق؟ شۇڭا سالامەتلىككە بالدۇرراق دەسمايە سالايلى.
بالىلارنى ئوبدان تەربىيەلىگەنلىك ــ پۇل تاپقانلىق
بالاڭ ياراملىق ئادەم بولسا، يانھۇقۇڭ پۇل كۆرۈپ ھاللىنىسەن؛ ئەكسىچە بولسا بېشىڭغا بالا بولۇپ، تاپقان – تەرگىنىڭ سورۇلىدۇ. بەزىلەر بالىلىرى بىلەن كارى يوق شەھەرمۇ شەھەر قاتراپ پۇل تاپىدۇ. ئەمما ئۇنداقلار تاغارلاپ پۇل تاپقىنى بىلەن، بالىلىرىدىن بىرەرسى يا زەھەرلىك چىكىملىككە ئۈگىنىپ قالسا، يا تۈرمىگە كىرىپ قالسا كۆرۈڭ، ئۇنداق ئائىلىنىڭ تۈگەشكىنى شۇ. شۇڭا پەرزەنت تەربىيىسىدە ئېسىل ئەخلاق – پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىمىغۇلۇق، ئەگەر ئۇلار قىزىل كۆز – ھارامزادە بوپقالسا يۇرت – قۇۋمى ۋە ئۆز بۇرادەرلىرىگە ساختىپەزلىك قىلىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ئاتا – ئانىسىغا ساختىپەزلىك قىلىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارنى دوغا تىكىۋېتىشتىنمۇ يانمايدۇ.
مودىكەشلىكتىن ھەزەر ئەيلىگەنلىك ـــ پۇل تاپقانلىق
يېڭىدىن – يېڭى مودىنى ھەمىشە سودىگەرلەر پەيدا قىلىدۇ، بېدىكلەر تارقىتىدۇ، سىزنى دەيدەيگە سېلىپ 10 يۈەنلىك كىيىمنىڭ ئورنىغا 100 يۈەنلىك كىيىمنى ئېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا كىيىم. ئۇلار بۈگۈنى« بۇ خىلى چىرايلىق » دېگەننى كۆتۈرۈپ چىقسا، ئەتىسى « بۇ خىلى مودا » دېگەننى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۈگۈن قىزىل چاينى ماختىسا، ئەتىسى يېشىل چاينى داڭلايدۇ. مۇبادا ئۇنداق گەپلەرگە ئىشىنىپلا قالدىڭىزمۇ، بولدى! قىلتاققا چۈشكىنىڭىز چۈشكەن، يانچۇقىڭىزنى كولىغىنىڭىز كولىغان.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3536