ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئارازىلىقنى ھەل قىلىش
1.ئاشۇرۇۋەتكەن تەرەپ ئۆز خاتالىقىنى قورقماي ئۈستىگە ئىلىشى ۋە خاتا قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلىشى كىرەك.ئەر-خوتۇنلار گەپ تەگىشىپ قالغاندا كونتىروللىقىنى يوقىتىپ،بىر-بىرىنى چۈشۈرىدىغان ،غورورىغا تىگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى ياكى جىسمانى جەھەتتىن جىسمانى جەھەتتىن زەخمەت يەتكۈزىدىغان ھەركەتلەرنى قىلىپ تاشلايدۇ.بىراق،قانداقلا بولمىسۇن بىر تەرەپ يەنىلا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى بولىدۇ.شۇڭا،ئاشۇ يولسىزلىق قىلغۇچى تەرەپ ئۆز خاتالىقىنى ۋاقتىدا ئۈستىگە ئىلىشقا جۈرئەت قىلىپ بىرەر تۇققان ياكى دوستىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ،ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپتىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى،يارىشىپ قالغۇسى بارلىقىنى ئىپادىلىشى كىرەك.
2.ھىسياتتا(يىرىكلىشىش)كۆرۈلسە قارشى تەرەپ بىلەن يارىشىپ قىلىشنىڭ ئاچقۇچىنى ئىزدەش كىرەك.شۇ مەزگىلدە قارشى تەرەپ ئاغرىپ قالسا ياكى بىرەر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسە،جان دىلى بىلەن ياردەم بىرىشى كىرەك.قارشى تەرەپنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ياكى توي خاتىرە كۈنلىرىگە توغىرلاپ ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپكە بولغان سەمىمى كۆڭلىنى ئىپادىلىشى كىرەك.
3.بۇرۇنقى بەخىتلىك ئۆتكەن كۈنلەرنى كۆپرەك ئەسلەش كىرەك.توي قىلغاندىن كىيىن ئەر-خوتۇنلارنىڭ سۆيۈنۈپ ئەسلەيدىغان گۈزەل ئەسلىمىللىرى بولماي قالىدۇ.شۇڭا،ئۆز-ئارا زىدىيەتلىشىپ قالغاندا،بەخىتلىك،گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋاقىتلارنى،قارشى تەرەپنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆپرەك ئەسلىشى كىرەك.
4.ئۆزىنى توختىتىپ،تەمكىنلىك بىلەن ياخشى ئۆيلىنىپ،قارشى تەرەپكە كەڭ قورساقلىق قىلش،ئىمكان بار كەچۈرىۋىتىش كىرەك.5.ئىككى تەرەپ ئائىلىسىنىڭ (بىر تەرەپلىمىلىك) ئارىلىشىش ۋە توسقۇنلۇق قىلىش خائىشىنى توسۇش كىرەك.
ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا زىدىيەت كۆرۈلگەندە ئىمكان بار ئۆزى ھەل قىلغۇدەك بولسا ئۆزى ھەل قىلغۇدەك بولسا ئۆزى ھەل قىلىشى كىرەك.ئىككى تەرەپنىڭ قىرىنداشلىرى ماجراغا ئارلىشىۋالسا ئىش چوڭىيىپ كىتىدۇ.ئەر خوتۇنلار ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كىيىن ھەر ئىككىلى تەرەپ ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ،قارشى تەرەپكە كۆپرەك مۇھەببەت ئاتا قىلالىسا(ئۆچمەنلىك چىگىشى)يىشىلمەي قالمايدۇ.
مەنبە…………..ئاياللار ۋە مەنىۋىيەت
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3645