ئادەمگەرچىلىك خاسىيىتىنى يوقاتمىسۇن
ئادەمگەرچىلىك ـــ ئەزەلدىن گۈزەل ئەخلاق سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئېسىل قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت، ئۆملۈك، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىشىلىك تۇرمۇشنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ بۇ ئۇدۇم ئۆز خاسىيىتىنى يوقاتماي كەلمەكتە.
لېكىن، ھازىر بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئادەمگەرچىلىك ئېڭى خىلمۇ-خىل تۈس ئېلىپ بەزى قىلىقلار كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالماقتا. يېقىندا، بىر خىزمەتدىشىمىز ئۆي چىيى ئۆتكۈزدى. ئۆي چىيى بولۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇ ئىشخانىدا «پالانى يىقىنىم تۇرۇپ ئۆي چىيىمغا ئاران 300 يۈەن ئېلىپ كەپتۇ. يىقىن ئاغىنەم بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئارا ھۆرمىتىمىزنى قىلىپ ئۆتسەك بولاتتى ئەمەسمۇ؟ بۇ بۇرادەر ئادەمگەرچىلىك دېگەننى تازا ئۆگىنىپ بولالمىدىغۇ تاڭ» دەپ غودۇراپ يۈردى. بىر زىيالىنىڭ بۇنداق سۆزلەپ يۈرۈشلىرىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلدىم. دېگەندەك، بىرەر ئايدىن كېيىن ھېلىقى زىيالىي دوستىمىز ئاغرىنغان خىزمەتدىشىمىزنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت توي باغىقى قولىمىزغا تەگدى.
ـ پۇلنىڭ يوقىدا بۇ توينىڭ بولىدىغىنى بەكمۇ يامان بولدى-دە، مائاش بەرمىگەن تۇرسا، يەنە كىمدىنمۇ قەرز ئالارمەن؟ ــ دەپ ھەممىدىن ئاۋۋال غودۇڭشىدى ھېلىقى خىزمەتدىشىم.
مەن «ئۆزىڭىز چاي بەرگەندە، ماڭا ئاز پۇل قويۇپتۇ، دەپ ئاغرىنغان ئېدىڭىز، ئەمدى شۇ ئاز پۇلنىمۇ قايتۇرۇشقا قورسىقىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟ ھېلىمۇ ياخشى، ئادەمگەرچىلىكى كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولماي قاپتىكەن، بولمىسا قانداق قىلار بولغىيتىڭىز» دەپ چاقچاق قىلماقچى بولدۇم – يۇ، جىلە بولۇپ كەتمىسۇن دەپ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم.
ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، توي-تۆكۈن، چايلاردا بەزىلەر ئۆزىنىڭ دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن «بىزگە ئاز پۇل ئېلىپ كەپتۇ. كۆپرەك ئادەمگەرچىلىك قىلسا، نۆۋىتىدە بىزمۇ ئۇلارنىڭكىگە قۇرۇق بارارمىدۇق» دەپ كايىشىدۇ. ئايلىنىپ كېلىپ، شۇ ئاغرىنغان كىشىلىرى مەرىكە ئۆتكۈزگەندە، ئۇلارغا دەسلەپتە ئاز كۆرۈنگەن ئادەمگەرچىلىك تولىمۇ ئېغىر كېلىپ، شۇنىمۇ ئاپىرىشتىن بېشى قاتىدۇ. مېنىڭچە، داستىخاننى ياخشى ئېلىپ كەپتۇ، دەپ خۇش بولۇپ كېتىشنىڭمۇ، ئاز داستىخان قىلىپتۇ، دەپ ئاغرىنىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئادەمگەرچىلىك ۋە ئىناۋەت پۇلنىڭ ئاز-كۆپلىكىدە ئەمەس. ئىناۋىتىمىز ئادەمگەرچىلىكتىكى شۇ پۇللارنىڭ كۆپلىكى بىلەن كۆتۈرۈلۈپ ئاسمانغا چىقمايدۇ، ئازلىقى بىلەن يەرگە كىرىپ كەتمەيدۇ. «ئالماقنىڭ بەرمىكى بار» دېگەندەك، دەسلەپتە سىزنى خوشال قىلغان «قەرز» يەنە ئۆ نۆۋىتىدە داستىخاننى قايتۇرىدىغان چاغدا سىزگە ئەلۋەتتە ئېغىر كېلىدۇ. شۇنى بىلىش زۆرۈركى، ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن بۇنداق ئادەمگەرچىلىكنى ماددىي قەرز ھېسابىدا چۈشەنگەن ئەمەس. ئەمما ھازىر يىلدىن-يىلغا بىر-بىرىدىن يېڭى پەتىۋالار چىقىپ، كىشىلەرگە ئادەمگەرچىلىكنى قانداقتۇر بىر خىل بېسىمدەك ھېس قىلدۇرماقتا. قارىغۇلارچە بەسلىشىش، ئابرويپەرەسلىك بىزدىكى قىلىشقا تېگىشلىك ئادەمگەرچىلىكنىڭ توي-تۆكۈندىكى ئۆز خاسىيىتىنى يوقىتىپلا قالماستىن، نەزىر-چىراغ، كېسەل يوقلاش قاتارلىقلاردىمۇ خۇددى ئېلىم-بېرىم مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش قەرزدارلىق رەسمىيەتچىلىكىگە ئايلىنىپ قالماقتا.
سەمىمىزدە بولسۇنكى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت- دوستلۇق ۋە ئىناقلىققا تويۇنغان، ئەجدادلىرىمىزدىن ئۇدۇم قالغان گۈزەل ئەخلاقلىرىمىزنىڭ بىرى، ئاددىي-ساددا، كۆڭۈل ئىزھارى بولغان بۇ خىل ئادەمگەرچىلىكىمىز قەرز، بېسىم ھېسابىدا ئەمەس، دوستلۇق، ۋاپادارلىق، كۆيۈمچانلىق، ئىللىقلىق ئاتا قىلىش ئاساسىدا مەڭگۈ داۋام قىلسۇن، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەسلى خاسىيىتى مەڭگۈ يوقالمىسۇن.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3677
بلوگىڭىزغا دائىم كىرىپ تۇرىمەن، ئەسەرلىرىڭىز بىر-بىرىدن ياخشى يېزىلغان ، مۇشۇنداق يازمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىگە تىلەكداشمەن.
رەھمەت ! ئۈزلۈكسىز تىرىشىمەن…