تۇرمۇش خاتىرىسى

    

بىراۋنى خىجىلچىلىقتا قويماڭ!

بۇرۇنقى زاماندا دورا پۇرۇشلۇق قىلىدىغان بىر كىشى ئۆتكەنكەن .ئۇ كىشى سودىدا ئادىل، خۇش پىئىل، كىشى  كۆڭلىنى ئايايدىغان مۇيسىپىت ئادەم ئىكەن .
بىر كۈنى بىر ئايال ئۇ كىشىدىن ئازراق دورا ئېلىپ، ھاۋانچىدا سۇقۇپ ئولتۇرۇپ، تۇيۇقسىز ئۈنلۈك يەل قۇيۇپ بىرىپتۇ، ئۇ شۇنداق ھايالىق، ئەخلاقلىق ئايال بولغاچقا، دورىنىمۇ سۇقالماي، يولىغىمۇ ماڭالماي خىجىلچىلىقتا بېشىنى تۈۋەن قىلىپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ .
بۇنى سەزگەن دورا پۇرۇش ئايالىنى خىجىلچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئويلاپ تۇرغاندا، يەنە بىر كىشى دورا ئالماق بۇلۇپ كىلىپ، دورىنىڭ باھاسىنى سوراپتۇ، ھېلىقى ئايالنىڭ كۆڭلىنى تىنچلاندۇرۇشنىڭ چارىسىنى ئىزلەپ تۇرغان دورىپۇرۇش يالغاندىن گاس بۇلۇۋېلىپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن ؛
_ نىمە؟ منىڭ قۇلىقىم ئېغىر، ئۈنلۈك گەپ قىلسىلا، _ دەپ ۋارقىرىغانكەن، ھېلىقى خېرىدار، ئۆز سۆزىنى تېخىمۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا قايتا _ قايتا تەكرارلاپتۇ .
دورىپۇرۇش خېرىدارنىڭ سۆزىنى ئىنتايىن تەستە ئاڭلىغان بۇلۇپ ئۇ كىشىگە دورا سېتىپ بىرىپتۇ، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ھېلىقى ئايال: « ھە، دورىپۇرۇش گاس ئىكەندە » دەپ قايتىدىن جانلىنىپ، ئۈزىنى يىنىڭ ھىس قىپتۇ ـ دە، يولىغا راۋان بوپتۇ .

ھېكمەت ؛
بىراۋنى تەڭقىسلىقتا قۇيۇش ياخشى ئەمەس، سەن ئۇنىڭ تاساددىبى سادىر قىپ قويغان سەۋەنلىكىنى بايقاپ قالغىنىڭدا، ئۇنىڭغا پىسەنت قىلما، شۇندىلا بىراۋنى رۇھى ئازاتلىققا ئىرىشتۈرگەن بولىسەن.

مەنبە : ھېكمەت ئۈنچىللىرى

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3655

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-06-16
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: