تۇرمۇش خاتىرىسى

    

تۇرمۇشنىڭ مەنىسىزلىكى ۋە نىكاھنىڭ قەدىرسىزلىكى …

بىر جۈپ ئەر-ئايال نىكاھنىڭ مەنىسىزلىكىدىن تەڭرىگە نالە قىلىپ يىغلاپتۇ:

ـ ئاھ  تەڭرىم ! سەن بىزگە ۋەدە قىلغان شىرىن بەخىت نەدە؟ تۇرمۇشىمىز يىيىش-ئىچىشتىن سىرىت، پەقەتلا ئۇنى ـ بۇنى يۇيۇش بىلەن كۈنلىرىمىز ئاددى، مەنىسىز ئۆتىدۇ. مۇشۇمۇ نىكاھ بولدىمۇ؟ ئەگەر بىر ئاددى ئادەمنى ياخشى كۆرۈش مۇشۇنداق  بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بىز ياخشى كۆرمەسلىككە رازى… ـ  دەپتۇ.

ـ ئەقىلسىز ئىنسانلار، ـ دەپتۇ تەڭرى ھەسرەت چىكىپ، ـ نىكاھ بولسا ئۆزۈڭلارنىڭ باشقۇرىشىدا بولىدۇ. بىر ئادەمنى ياخشى كۆرگەن ۋاقىتتا، سەن تەبىئىي قارشى تەرەپنى خۇشال قىلىشقا، بەخىتلىك قىلىشقا ئامال ئويلايسەن، بۇ نوقتىنى پەقەت ئۆزۈڭلارلا قىلالايسىلەر!…

كىشىلەر دائىم مۇھەبببەتلىشىش جەريانىدا يىتىلدۈرگەن ھىسياتنىڭ ناھايىتى تىزلا ئەمىلى تۇرمۇش تەرىپىدىن سۇسلىشىپ باشقىچە بولۇپ قالدىغانلىقىنى سىزىدۇ. بۇ مۇھەببەتلىشىش بىلەن ئەمىلى تۇرمۇشنىڭ كونكىرىت، ئۇششاق ـ چۈششەكلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىگەنلىكتىن بولغان. ئەمما،  نىكاھ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇ رومانتىكىلىق بىلەن ناھايىتى ئاز باغلانغان بولىدۇ. ئەگەر بىز تۇرمۇشتىن قىزىقىشىمىزنى تىپىشنى ئۈگەنمىسەك، ئۇ چاغدا مۇھەببەت راستىنلا ئۇزۇنغا بارمايدۇ. بۇ خىل روھىي ھالەتتە ئەسلىدىكى ئاددى تۇرمۇش تىخىمۇ مەنىسىز ئۆتىدۇ، بارغانچە ئادەمنى روھسىز قىلىۋىتىدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن بىز نىكاھ تۇرمۇشىمىزنى پاسسىپ ھالدا ئۆتكۈزمەسلىكىمىز كىرەك. بەلكى، ئاكتىپ قىياپەت بىلەن تۇرمۇشقا يۈزلىنىشىمىز، تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقنى قىزىپ چىقىشىمىز كىرەك، مۇنداق بولغاندا نىكاھ بەخىتلىك، كۈنلەر يىڭى، مەنىلىك ئۆتىدۇ.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3670

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-06-20
خەتكۈشلەر : ,,,,,,
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: