سىرلىق چوققا-ئەۋلىيا (تەڭرىقۇد) چوققىسى
گۈزەل ئىلى ۋادىسىدا تولىمۇ سىرلىق، ھەيۋەتلىك بىر چوققا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ چوققا دىلمۇگ تىغىنىڭ ئىلى-مۇڭغۇلكۈرە تاش يولى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، دىڭىز يۈزىدىن 3986مىتىر ئىگىزلىكتىكى ئەۋلىيا (تەڭرىقۇد چوققىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) چوققىسىدۇر. بۇچوققا ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، تىك قىيالىق، ھاك تاش قاتلىمىسىدىن ئىبارەت.
بۇ سىرلىق چوققىنىڭ غەربى تەرىپى تۈز ھەم پەسرەك، شەرقى تەرىپى ئىگىز، قىيالىق ھەم سىدام ھاڭلىقتۇر. بۇ چوققىنىڭ ئۈستى، غەرىپتىن-شەرققە ئۇزۇنلۇقى1800مىتىر، كەڭلىكى جەنۇپتىن-شىمالغا 400 مىتىر بولۇپ غەربى قىسمىدىكى تۈزلەڭلىكتە 10دىن ئارتۇق سازلىق بار.
بۇ چوققىدا يەنە 30 دىن ئارتۇق بۇلاق بار بولۇپ، بۇلار ئىچىدە نامى مەشھۇرلىرى“ كۆل بۇلاق ”،“ شاقىراتما بۇلاق “ ۋە “ كۆز بۇلاق “ لاردۇر. بۇ بۇلاقلار “ جاغىستاي غول “ سۈيىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق، باشلىنىش مەنبەسى ھىساپلىنىدۇ. بۇ يەرگە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈش كىرەككى، ئەگەر سىز “ كۆز بۇلاق “ نىڭ سۈيىنى ئىچىپ يىنىدا بىر پەس ئولتۇرۇپ قۇلىقىڭىزنى بۇلاق يىنىدىكى تاشقا ياقسىڭىز، چوققىنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قاتلىمىدا شىددەت بىلەن تاشقا ئۇرۇلىۋاتقان زور بىر ئىقىن سۇ مەنبەسىنىڭ گۈركىرەپ تۇرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بۇ چوققىنىڭ ھەقىقى سىرلىقلىقىغا قايىل بولماي قالمايسىز. بۇ بۇلاقلار ئەنە شۇنداق ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن سىرلىق ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئىچسىڭىز تېنىڭىزنى يايرىتىپ جىنىڭىزغا جان قوشۇشىدا شەك يوق، ئەلۋەتتە.
ئەۋلىيا (تەڭرىقۇد)چوققىسى ھەققىدە ئەل ئىچىگە نۇرغۇن سىرلىق رىۋايەتلەر تارقالغانلىقى ئۈچۈن بۇ چوققىنى تىخىمۇ سىرلىق تۈسكە كىرگۈزگەن.
(مەزكور ماقالە<<چاپچال تارىخ ماتىرياللىرى>>1-كىتاپتىن قىسقارتىپ ئىلىندى، تولۇقلاپ،رەتلەپ تەييارلىغۇچى:قۇربان قايناق)
مەنبە : ئالمىزار مۇنبىرى
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1203