دوستىڭىز سىزگە « ياق » دېيەلەمدۇ؟
.
بىر كارخانىچى دوستۇم يېقىن ئۆتىدىغان ئەل – ئاغىنىلەرنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى. رومكىلار سوقۇشتۇرۇلۇپ بىر نۆۋەت ئايلانغاندىن كېيىن، دوستۇم بۇ قېتىمقى يىغىلىشنىڭ مەقسىتىنى بايان قىلىپ يېقىندا يېڭى بىر قۇرۇلۇش تۈرىگە مەبلەغ سالماقچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بىزنىڭ چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ بېرىشىمىزگە مۇھتاجلىقىنى ئېيتتى. دوستۇمنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىشپ، ماختاپ ئۇچۇرۇشقا باشلىدى. ھەممىمىز ئىچىمىزدە، بۇنداق چوڭ تۈرنى ئۇ چوقۇم ئاللىبۇرۇنلا قارار قىلىپ بولدى. بىزنىڭ يول كۆرسىتىشىمىز ئارتۇقچە ئىش، دەپ ئويلىدۇق. ئويلىمىغان يەردىن سورۇندىكى بىر بۇرادىرىمىز بۇ تۈرنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: « بۇ تۈرگە مەبلەغ سېلىشقا بولمايدۇ، تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تەقدىردىمۇ تېزلا شاللىنىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە بۇ تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە ئەتراپتىكى مۇھىتقا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ » دېدى. ئۇ بۇرادىرىمىزنىڭ ئاخىرىدا قەتئىيلىك بىلەن دوستىمىزغا: « بۇ تۈرگە مەبلەغ سالما، بولمىسا باشقىلار سېنى پۇلنى دەپ ۋىجداننى ساتىدىغان ئىنسابسىز سودىگەر دەپ تىللايدۇ » دەپ قوشۇپ قويدى.
دوستۇمنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى. سورۇننىڭ كەيپىياتىمۇ جىددىيلەشتى. كۆپچىلىك تەكلىپ بەرگەن دوستىمىزنى: « ئەل – ئاغىنىلەر يىغىلىشىدا نېمە بۇنداق كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان گەپلەرنى قىلىپ يۈرىسەن؟ ئېغىزىـڭ ئۇپراپ كەتكۈچە سۆزلىسەڭمۇ خەق قۇلاق سالامتى؟ ھەممىمىزنىڭ كەيپىنى ئۇچۇردۇڭغۇ! » دەپ تۇشمۇ – تۇشتىن ئەيىبلەپ كەتتى.
سورۇن تارقىغاندىن كېيىن دوستىمىز بىزنى ئۇزىتىپ چىقىپ ھەممىمىز بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ خوشلاشتى. ھېلىقى تەكلىپ بەرگەن بۇرادىرىمىز بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا خوشلاشتى. دوستۇم ئۇنىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ: « سېنىڭ تەكلىپىڭنى ئەستايىدىل ئويلىشىمەن. سەمىمىي مەسلىھەت بەرگەنلىكىڭگە كۆپ رەھمەت » دېدى.
كېيىن دوستۇم دېگەندەك ھېلىقى تۈرگە مەبلەغ سالمىدى. بۇنىڭغا ھېلىقى سورۇندىكى « ئەدەبسىز » بۇرادىرىمىزنىڭ بەرگەن سەمىمىي مەسلىھەتى سەۋەب بولغانىدى. دوستۇم ئېغىر خۇرسىنىپ تۇرۇپ ماڭا مۇنداق دېدى: « مۇشۇ يىللاردا تىجارىتىمنىڭ كۈنسېرى روناق تېپىشىغا ئەگىشىپ، يېنىمدىكى ئادەملىرىم، بولۇپمۇ ئىلگىرىكى دوستلىرىم مېنى ماختاپ ئۇچۇرىدىغان، ماڭا ياخشىچاق بولۇشنىلا ئويلايدىغان، مەن نېمە دېسەم ماقۇل دەيدىغان بولۇپ قالدى. مېنىڭ گىپىمنى يىرىدىغانلار كۈندىن – كۈنگە ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال. »
.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3184