تۇرمۇش خاتىرىسى

نىكاھنىڭ ئۈچ مۇھىم مەنزىلى

بىرىنچى مەنزىلى :ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى بىلەن توي قىلىش ؛ ئىككىنچى مەنزىلى : ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى ھەمدە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن توي قىلىش ؛ ئۈچىنچى مەنزىلى : ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى ھەمدە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن يەنە شۇنداقلا ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ‹‹ ئارقا كۆرۈنۈشى ›› بىلەن توي قىلىش .

بىرىنچى مەنزىلدە تۇرغان ئەي – ئاياللارنىڭ نىكاھى نىسبىي  مۇستەھكەم بولىدۇ ؛ ئىككىنچى مەنزىلدە تۇرغان ئەر – ئاياللارنىڭ نىكاھى بىر قەدەر  مۇستەھكەم بولىدۇ ؛ ئۈچىنچى مەنزىلدە تۇرغان ئەر – ئاياللار ئۆمۈرلۈك ھەمراھلاردىن بولۇپ قالىدۇ .

ھازىر نۇرغۇن قىز – يىگىتلەر توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆي تۇتمايلا ئاجىرىشىپ كېتىۋاتىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار نىكاھىنى بىرىنچى مەنزىلدىن ئىككىنچى مەنزىلگە ئېلىپ بارالمىغان . ھەممىمىزگە ئايان ، قايناۋاتقان سۇ باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرەلەيدۇ . قايناق مۇھەببەتمۇ قايناۋاتقان سۇغا ئوخشاش ئادەمنىڭ كەمچىلىكى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى يېپىپ كېتەلەيدۇ . قايناق مۇھەببەت ئىچىدىكى مۇكەممەل ، نۇقسانسىز ھېسابلانغان ‹‹ ئات ئاتلىق شاھزادە ›› بىلەن ‹‹ ئاق كىيىملىك پەرىزات ›› نىكاھتىن ئىبارەت بۇ ‹‹ بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ ›› نىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلىرى خۇددى باكتېرىيەگە ئوخشاش كۆپىيىشكە باشلايدۇ .

بۇ چاغدا سىز نىكاھنىڭ ئىككىنچى مەنزىلىگە ئۆتۈپ ، جۆرىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ‹‹ توي قىلىپ ›› ئۇنىڭ كەمچىلىك ۋە نۇقسانلىرىنى قوبۇل قىلىشىڭىز ھەمدە ئۇنى ئەپۇ قىلىشىڭىز كېرەك . بولمىسا ، ‹‹ نىكاھ  گۈلى ›› چوڭقۇر يىلتىز تارتالماي قۇرۇپ قالىدۇ . ئەسلىدە تولىمۇ مېھىر – مۇھەببەتلىك كەلگەن ئەر– ئاياللار ئۆي تۇتۇپ نەچچە يىل بولا – بولمايلا نىكاھتىن ئاجرىشىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ نىكاھنىڭ ئىككىنچى مەنزىلىگە قەدەم قويالمىغانلىقىدىن بولىدۇ . نىكاھ  ئىككىنچى مەنزىلگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ، كۆپ ساندىكى ئەر– ئاياللار ‹‹ ئاجىرىشىش ›› دېگەن سۆزنى تىلغا ئالمايدۇ . چۈنكى ئۇلار جۆرىسىنىڭ خاراكتېر جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى چىن دىلىدىن قوبۇل قىلغان بولىدۇ . بەزىلەر ھەتتا جۆرىسىنىڭ بۇ خىل يېتەرسىزلىكلىرىنى ئۆزىنىڭ كۆيۈنۈش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ . بۇ چاغدىكى نىكاھ  شېرىن ھەم مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان بولىدۇ . ئۇنىڭدا ئەكس ئېتىدىغان ئەڭ زور ئارتۇقچىلىق كەڭ قورساقلىق ۋە ئۆزئارا تولۇقلاش بولىدۇ .

نىكاھتىكى مېھر – مۇھەببەت نىكاھنىڭ مۇستەھكەملىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . مۇستەھكەم نىكاھ  ئۈچىنچى مەنزىلگە يېتىشى كېرەك . ئۇ بولسىمۇ جۆرىسىنىڭ يېقىن كىشىلىرى بىلەن ‹‹ توي قىلىش ›› . بۇ دېگەنلىك سىز جۆرىڭىزگە بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە يېقىن دوستلىرىغىچە كېڭەيتىشىڭىز كېرەك ، دېگەنلىكتۇر . بۇ خىل مۇھەببەت ئىچىدە سىز ‹‹ نىكاھ ›› ھەققىدىكى ئەقلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولسىز . سىزنىڭ جۆرىڭىز سىزگىلا تەۋە بولماستىن ، ئاتا – ئانىسىغا ۋە دوستلىرىغىمۇ تەۋە . نىكاھ  ئۈچىنچى مەنزىلگە يەتكەندىن كېيىن مۇستەھكەم ھالەتكە كېلىدۇ ، بۇنداق نىكاھنى ئاسانلىقچە ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ . مۇھەببەت دۇنياسىدا ، كۆپىنچە ئەرلەر : نىكاھ – بىر قىزنى ئەمرىگە ئېلىش دەپ قاراپ ، ئەمرىگە ئالغان ئايالنىڭ ئۆز ئىنتىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە پەرۋاسىز قارايدۇ ؛ بەزى قىزلار بولسا نىكاھ – بىر ئەرگە ياتلىق بولۇش دەپ قاراپ ، ئەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە خاراكتېرى بىلەن ‹‹ توي قىلىش ›› نى بىلمەيدۇ . تونۇش جەھەتتىكى بۇنداق خاتالىقلار كۆپىنچە ھاللاردا نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ .

پەن ۋە تۇرمۇش  ژورنىلىدىن ئېلىندى

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=152

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-02-10
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: