![]() |
ئەپۇچانلىق ئېسىل خىسلەت
يېقىندا مەلۇم مەھەللىدە مۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپتۇ. بىر دېھقان بۇغدايلىقىغا سۇ باشلاپ قويۇپ، ئۆيىگە كىرىپ چىققۇچە ئۇنىڭ قوشنىسى سۇنى ئۆزىنىڭ ئېتىزلىقىغا باشلىۋاپتۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن ھېلىقى دېھقان قوشنىسىنى سەت گەپلەر بىلەن تىللاپتۇ. قوشنىسى ئۇنىڭغا خاپا بولماسلىقىنى ئېيتىپ ئۆزرە سورىسىمۇ، ئۇ يەنىلا بولدى قىلماپتۇ. ئۇنىڭ ھاقارەتلەشلىرىگە چىدىيالمىغان قوشنىسىمۇ ئۇنى تىللاشقا باشلاپتۇ. ئاخىرى ئۇلار ئۆز – ئارا تىللىشىپ قاتتىق مۇشتلىشىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى ناھايتى ئىناق ئۆتۈپ كىلىۋاتقان بۇ قوشنىلار شۇ ئىش سەۋەبلىك بىر – بىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان، گەپلەشمەي تەتۈر قارىشىدىغان بولۇپ قاپتۇ…
كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەتراپىمىزغا قارىساق، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۇتامىغا چىقمايدىغان ئۇششاق ئىشلار تۈپەيلى بىر – بىرى بىلەن ئارازلىشىۋاتقان، قەستلىشىۋاتقان ھەتتاكى پىچاق كۆتۈرۈشۈپ قان تۆكۈشىۋاتقان ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنا، دوست – بۇرادەرلەر ئاز ئەمەس.
كىشلىك ھاياتتا ھەر قانداق ئادەم خاتالىقتىن پۈتۈنلەي خالىي بولۇپ كېتەلمەيدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ مۇئەييەن كەمچىللىكى ۋە يېتەرسىزلىكى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئادەملەر بىر – بىرى بىلەن تالاش – تارتىش قىلىشتىن، مەلۇم ئىشتا ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن ئۆزئارا ئارازلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. ئەگەر بىراۋ سىزگە يامانلىق قىلغان بولسا، سىزمۇ ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا يامانلىق قىلسىڭىز، كىچىك ئىشلارمۇ چوڭىيىپ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر مۇنچە غەم – قايغۇ ۋە كۆڭۈلسىزلىك تىپىۋالىدۇ. بىراۋ قىلغان يامانلىقنى ئەپۇچانلىق بىلەن كەچۈرۋەتسەك ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دىلى سۆيۈنۈپ، كۆڭلى خۇرسەنلىككە تولىدۇ. رەقىبىڭىزدىن بىرى ئازىيىپ، دوستىڭىزدىن بىرى كۆپىيىدۇ. ھەتتا ئۆزىڭىز ئويلاپمۇ باقمىغان ھۆرمەت ئىناۋەت، ھىممەت ۋە ياخشىلىقلارغا مۇيەسسەر بولۇشىڭىز مۇمكىن.
فىرانسىيەلىك داڭلىق مارشال ناپالېئون قول ئاستىدىكىلەرگە ناھايتى كەڭ قورساقلىق ۋە ئەپۇچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئىتالىيەنى بويسۇندۇرىدىغان بىر قېتىملىق چوڭ ئۇرۇشتا ئۇ كېچىلىك تەكشۈرۈشكە چىقىپ، كۈزەتتە تۇرىۋاتقان بىر ئەسكەرنىڭ دەرەخكە يۆلىنىپ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدە كۈزەتتە تۇرۇپ ئۇخلاپ قىلىش ناھايتى چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىپ ئېغىر جازا بېرىلەتتى. ناپالېئون بۇ ئەسكەرنى ئويغاتماي، مىلتىقنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئورنىدا كۈزەتتە تۇرۇپتۇ. يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ھېلىقى ئەسكەر ئويغىنىپ، مارشالنىڭ ئۆزىگە ۋاكالىتەن كۆزەتتە تۇرۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇپ جېنى چىقىپ كەتكىلى تاس قاپتۇ. شۇ چاغدا ناپالېئون ئەسكەرگە قىلچە ئاچچىقلانماي:
_ دوستۇم، مىلتىقىڭىز مەندە، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇزۇن يول مېڭىپ، دەم ئالماي ئۇرۇش قىلىپ چارچىدىڭىز. شۇڭا كۆزەتتە تۇرۇپ ئۇخلاپ قالغىنىڭىزنى كەچۈردۈم. لېكىن بىلىشىڭىز كېرەككى، ئۇرۇش ۋاقتىدا بىردەملىك بىخەستىلىك پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھالاك بولىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن،- دەپتۇ.
ئەسكەر ناپالېئوننىڭ سەمىمىي سۆزلىرىدىن ئىنتايىن تەسىرلىنىپتۇ. قەلبىدە مارشالغا نىسبەتەن چەكسىز ھۆرمەت، چوقۇنۇش، ساداقەت تۇيغۇسى قوزغىلىپتۇ ۋە كېيىنكى ئۇرۇشلاردا نۇرغۇن قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىپتۇ…
شۇنداق، ئەپۇچانلىق ئەڭ يۈكسەك ئىنسانىي پەزىلەتتۇر. ئالىيجاناپ كىشىلەر ھەر ۋاقىت، ھەر قانداق ئورۇن ۋە ھەر قانداق ئىشتا ئەپۇچانلىقنى ئۆزىگە دوست تۇتىدۇ. باشقىلار ئەرزىيەت يەتكۈزگەندە قارشى تەرەپكە قارىشلىق كۆرسىتىشكە قادىر تۇرۇپمۇ، ئۆچ ئالماستىن كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۇلارنى كەچۈرۋېتىدۇ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئەخلاقىي پەزىلىتى بىلەن تەسىرلەندۈرىدۇ. كۆڭۈللەردىكى كىرلەرنى يۇيۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا دوستلۇق، ئىناقلىق ۋە خۇشال – خورام كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ.
كىشلىك تۇرمۇشتا ئەپۇچانلىقنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلىپ، زىدىيەت ۋە ئۇقۇشماسلىقلارنى ئىلمىي يۇسۇندا بىر تەرەپ قىلساق، باشقىلارنىڭ بىلىپ – بىلمەي ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى كەچۈرىۋەتسەك، كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە ئىناقلىقنى ساقلاپ قالالايمىز. شۇڭا، كۆكسى – قارنىمىزنى كەڭ تۇتۇپ، كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە ھەقىقىي سەمىمىلىك، ئىشەنچ ۋە ئىناقلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان چىن دوستلۇق پەربا قىلايلى. كەڭ قورساقلىق ۋە ئەپۇچانلىق روھى قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالسۇن…
مۇھەممەدجان تىلىۋالدى
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3359
ئاۋۇ ئايال ئارتىسنىڭ كىنولىرى بارمۇ؟ ھې ھې