مال – دۇنيارىڭىزغا كۆز يېشى سىڭىپ قالمىسۇن !
ئەسلىدە خەلققە خىزمەت قىلىش ئىبادەتتۇر.
ـــ سەئىدى
ھەر قانداق ئادەم خەلق بىلەن، ئەل – جامائەت بىلەن ئۆزىنىڭ ئادەملىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. شۇڭا “ خەلق “ ئۇقۇمى ئاستىدىكى ئەل – جامائەت شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ ئۇلۇغ بىرلىك ھېسابلىنىدۇ. قەدىمدىن باشلاپ ئەجدادلىرىمىز مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، ئۆزىنى ئەنە شۇ بىرلىكنىڭ ئىچىگە لايىقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ ياشاپ كەلگەن. خەلقنى رازى قىلىشنى، خەلققە يىقىشنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلغانۇ، خەلقنى نارازى قىلىپ، نەزەردىن چۈشۈپ قىلىشتىن، خەلقنىڭ قارغشىغا ئۇچراشتىن ناھايتى ئىھتىيات قىلغان. چۈنكى ئۇلارغا مەلۇم ئىدىكى، ئۆز خەلقنى سۆيمىگەن، ئۆز خەلقىگە مۇھاببىتى بولمىغان ئادەمنىڭ نورمال ئەقىلگە ئىگە ئادەم ئەمەسلىكىنى ئۇلار ناھايتى ئوبدان بىلەتتى. دېمەك، خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئىشلىرىغا مۇھەببەت باغلاش قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ قان – قىنىغا سىڭىپ كەتكەنىدى. شۇڭا بىزنىڭ ئىچىمىزدىن باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ياردەم بىرىدىغانلار، ئېزىپ قالغاندا يول كۆرسىتىدىغانلار، يىقىلغانلارنى يۆلەيدىغانلار، باشقىلار يىغلىسا تەڭ يىغلايدىغانلار كۆپ چىققان. بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك ھۆرمەتكە لايىق بولۇشى ــ ئۇنىڭ خەلققە قانچىلىك مۇھەببىتى بارلىقى، ئەل – جامائەتنى قانچىلىك سۆيگەنلىكى بىلەن باغلىق، ئەلۋەتتە. مانا مۇشۇ مەنىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا، خەلققە بولغان مۇھەببەت ناھايتى كۆپ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ بىر ئادەمنىڭ خەلق ئالدىدىكى ئەخلاق – پەزىلىتى خەلققە بولغان مۇھەببەتنى ئەڭ ياخشى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئەينەكتۇر. چۈنكى، شۇ ئادەم ئاشۇ ئەخلاقى بىلەن “ ئەي، ئەل – جامائەت، خەلقىم، مەن سېنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن “ دېگەننى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. ئەدەپ – ئەخلاق بولسا ناھايتىمۇ كەڭ بىر كاتىگۇرىيە. ئۇنىڭ ھەممىسىگە بۇ يەردە ئىزاھ بىرىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بىز خەلققە – بىر شەخس تەۋە بولغان جەمئىيەتتىكى ئەل – جامائەتكە بولغان مۇھەببەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
“ ئەلدىن ئايرىلغۇچە جاندىن ئايرىل ”، “ ئەلدىن كەتتىڭ - بەلدىن كەتتىڭ ”، “ ئەل يەكلىگەننى يەر يەكلەر “ … دېگەندەك ھېكمەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئەجدادلىرىمىز ئەلدىن ئايرىلىپ قىلىشنى ناھايتى يامان بىلىپ ياشاپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ “ ئەلدىن ئايرىلىپ قېلىش “ دېگىنى ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدا “ يىراققا كىتىش ”نى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى، ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بىر ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر پاجىئە بولمىسا كېرەك.
سىز مەھەللىڭىزدە ئەل – جامائەت ئىچىدە ياشايسىز، ھەر كۈنى ئۇلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ، سالاملىشىپ، ھېيت – ئايەملەردە يوقلىشىپ تۇرىسىز. “ ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك “ دېگەن گەپ بار. ئەنە شۇ “ كۆزى ئەللىك “ ئەل سىزنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىڭىزنى، نېمە ئويلاردا بولۋاتقانلىقىڭىزنى بەش قولدەك بىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ خالىسا بىشىغا ئىلىپ كۆتۈرىدۇ، خالىسا يەرگە پاتتۇرۇپ قويالايدۇ. شۇڭا بىراۋنىڭ ئەلگە بىپەرۋا قارىشى ئاخىرىقى ھېسابتا ئۆزىگە يانىدۇ. بۇ ھەقتە 60 ياشتىن ھالقىغان تۇرسۇنئاي سادىقوۋا قىزىنىڭ گىرىم قىلىشى ھەققىدە توختىلىپ : “ بالام – جانىم، خەلققە بىپىسەند بولما، خەلقنىڭ نارازىلىقى يامان. ئۇنىڭغا سىڭمەيدىغان ئىشتىن قوق. ئۇ ساڭا < پەردازىڭىز ھەددىدىن ئىشىپ كىتىپتۇ، يا كىيمىڭىز بەك چاكىنىغۇ ؟ > دېمەيدۇ. ئىچىدە < ھەي، ئەتتەڭ… > دەپ قويىدۇ، خالاس. ئەمما شۇ گەپلا سېنى ئۇرۇپ قويىدۇ ! بۇنى نەزەردىن قىلىش دەيمىز ! نەزەردىن قالغان ئادەم ئۆلمەي يۈرىۋىرىدۇ، ئەمما ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ، بالىجان !… “ دەپ يازىدۇ.
شۇنداق، خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالغان ئادەمنىڭ ھېچقانداق ئىشى ئىلگىرى باسمايدۇ، يېگەن تامىقى بەتتام، ئىچكەن سۈيى تۇزلۇق بولىدۇ. ماڭغان يولى تىكەنلىك، ياتقان يىرى قاتتىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ئادەم خەلق ئالدىدىكى ئەدەپ – ئەخلاقنى ساقلىشى، قولدىن كېلىشىچە ئەل ئىشلىرىغا ياردەمدە بولۇپ، جامائەتكە قوشۇلۇشى كېرەك. بەلكىم سىز “ مانا ئەل بىلەن ياشاۋاتىمەنغۇ، بۇ مېنى ئەل ئۆز قوينىغا ئالغانلىقىنى كۆرسەتمەمدۇ ؟ “ دېيىشىڭىز مۇمكىن. دۇرۇس، سىز ئەل بىلەن، جامائەت بىلەن ياشاۋاتىسىز. بىراق، سىز ئەلگە نېمە قىلىپ بەردىڭىز ؟ ئەل بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولالىدىڭىزمۇ ؟ مەھەللىڭىزدىكى بىراۋ قىيىنچىلىقتا قالغاندا ئۇنىڭغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنالىدىڭىزمۇ ؟ قېنى ئاڭلاڭ مۇنۇ ھېكايەتنى :
سېخى، مۇرۇۋۋەتلىك بىر ئادەمنىڭ ناھايتى كۆپ ئاشلىقى بار ئىدى. ئۇ تۇرغان شەھەردە ئاشلىق قەھەتچىلىكى باشلاندى. بۇ سېخى ئادەم ھەممە ئاشلىقىنى ئاجىز – بىچارىلەرگە ئۈلەشتۈرۈپ تۈگەتتى. قەھەتچىلىك كۈچىيىپ ئۆزىمۇ ئاشلىققا موھتاج بولۇپ قالدى. كىشىلەر ئۇنى زاڭلىق قىلىشتى :
ـ قىززىق ئادەمكەنسىز، ئۆزىڭىزنىڭ موھتاجلىقتا قالىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ھەممە ئاشلىقىڭىزنى كىشىلەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بەردىڭىز ؟
ـ خەلق ئاچ يۈرۈپ، مەن راھەتتە ياشىسام ئىنساپسىزلىق قىلغان بولىمەن. ئاچلىق ئازابىنى خەلق بىلەن بىللە تارتىشنى، خەلق قايغۇسىغا شېرىك بولۇشنى ۋىجدانىم بۇيرۇدى. مەنمۇ ۋىجدان بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلدىم، ـ دېدى سېخى كىشى.
خوش، ئۆزىڭىزنى رەھىمسىزلەرچە سوتلاپ بېقىڭ، سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز شۇنداق ئىشلارغا بۇيرۇپ باققانمۇ ؟ “ خەلق ماۋۇ كۈندە قاپتۇ، سەن مۇنداق ياردەم قىل “ دەپ باقتىمۇ ؟
مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغىنىم ئىسىمدە: بىر يۇرتتا خۇددى باشتىكى ھېكايەتتىكىدەك ئاچارچىلىق يۈز بىرىپتۇ. شۇ يەردىكى بىر باينىڭ ئاشلىقى خېلى كۆپ ئىكەن. ئۇ بۇ ئاچارچىلىقنى پۇل توپلاشنىڭ پۈرسىتى دەپ قاراپتۇ ۋە ئاشلىقىنى خەلققە يوقىرى باھا بىلەن سېتىشقا باشلاپتۇ. باينىڭ پۇلى ھەددى – ھېسابسىز بولۇپ كىتىپتۇ. بىراق يامان يىرى، ئەمدى ئاچلىق ئازابىنى باي تارتىشقا باشلاپتۇ. چۈنكى، ئۇ پۇلنى دەپ ھەممە ئاشلىقىنى سېتىپ تۈگەتكەن ئىكەن. باي خەلقنىڭ ئىشىكىگە ئاشلىق سېتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ بېرىپتۇ. خەلق بولسا بايغا ئاشلىقنى ئەسلىدىكى ئالغان باھاسىدىن نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ سېتىپ بىرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ باي پۈتكۈل – پۇل بايلىقىغا ئاشلىق سېتىۋىلىپ، ئاخىرى تىلەمچىگە ئايلىنىپ كىتىپتۇ…
دېمەكچىمەن، شۇنداق ئادەملەر باركى، خەلق قىسىلسا خۇددى “ قارىغۇنى يارغا“، “ تازنى ئاپتاپقا “ قىستىغاندەك تېخىمۇ قىستاپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن چاپىدۇ، بۇنى پۈرسەت قاتارىدا كۆرىدۇ. دەسلەپ قىلغۇلۇقنى قىلىپ قويۇپ، بېشىغا كۈن چۈشكەندە ياردەمگە ئىرىشەلمەي قالسا خەلقتىن رەنجىيدىغانلارمۇ بار. خەلق يامانلىقنى كۆتۈرەلمەياۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلققە ئازراق زىيان سالغۇچىلار ھەسسىلەپ بەدەل تۆلەيدۇ. ئەلۋەتتە مال – دۇنيا توپلاڭ، مۇۋاپىق مىقداردىكى مال – دۇنيانىڭ بارلىقىمۇ بەخت. بىراق، ئاشۇ مال – دۇنيارىڭىزغا خەلقنىڭ نالىسى، كۆز يېشى سىڭىپ قالمىسۇن. مال – دۇنيارىڭىزنىڭ بارىدا مۇۋاپىق مىقداردا باشقىلاغا ياردەم قىلىپ تۇرۇڭ. قاپىقىڭىزنى تۈرۈپ ئەمەس، تەبەسسۈم بىلەن خەيرى – ساخەۋەت قىلىڭ. مەيلى ئۇنىڭ مىقدارى قانچىلىك ئاز ياكى جىق بولسۇن. ئەمما، ياردەم بەرسىڭىز مەخپىي يول بىلەن بېرىڭ. سىز ياردەم بەرگەن ئادەم ھەرەجدە قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى ھېچكىمگە ئىيتماڭ. ئالدىڭىزغا ھاجەتمەنلەرنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ تۇرماي، ئۆزىڭىز تەشەببۇسكار بولۇڭ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2388