تۆتىنچى يوپۇرماق
بىر يوپۇرماقلىق ئۈچ قۇلاق-ئۈمۈدكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىككى يوپۇرماقلىق ئۈچ قۇلاق-بەدەل تۆلەشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۈچ يوپۇرماقلىق ئۈچ قۇلاق-مۇھەببەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بەخت بولسا ئۈچ قۇلاقتىن ئۆسۈپ چىققان تۆتىنچى يوپۇرماقتۇر.
‹‹ ھىلاردى شېك (گېرمانىيە)››
ئېيتىشلارغا قارىغاندا،ئەگەر كىم تۆت يوپۇرماقلىق ئۈچ قۇلاقنى تېپىۋالسا، شۇ كېشى بەختلىك بولارمىش، شۇڭا ياۋرۇپادىكى بەزى دۆلەتلەردە كىشىلەر يول بويىدا ئۈچ قۇلاقنى كۆرسە ئۇنى ساقلاپ قويۇپ، باشقىلارغا سوۋغا قىلىش ئارقىلىق دوستىغا بولغان گۈزەل تىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
دۇنيادا ھەممە كىشى داۋاملىق بەخت ئىزدەيدۇ.بەخت زادى نەدە؟ قانداق قىلغاندا بەختلىك بولغىلى بولىدۇ؟ بەلكىم بىز ئۈچ قۇلاقتىن ئىلھام ئىلىشىمىز مۇمكىن.
بىرىنچى قۇلاق – ئۈمىد. ئۈمىد كىشىلەرنى ياشاشقا ئىلھاملاندۇردىغان ئەڭ چوڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ، ئۈمىد بولغاندىلا قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەتنى سىغدۇرالايدىغان كۆڭۈل بولىدۇ. ئۈمىد بولغاندىلا كەلگۈسىگە بولغان خۇشاللىق قاراش بولىدۇ. ئۈمىد بولغاندىلا قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئىشەنچىسى بولىدۇ.
ئىككىنچى قۇلاق-بەدەل تۆلەش. مۇۋاپىقىيەت قازنىش ھەرگىز تاساددىپىي بولمايدۇ. بەختمۇ ھەرگىز ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس. ياشاش ئۈچۈن جەزمەن توختىماي تىرىشىش كېرەك. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنى چوڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىغا زورلىشى ھاجەتسىز. بىراق قانداق ياشاشنى ئۆزى بىكىتسە بولىدۇ. باشقىلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغىننى كۆرگەندە،ئۆزىدىن تىرىشتىممۇ؟ بەدەل تۆلىدىممۇ؟ تەييارلىقىم پۈتتىمۇ؟ دەپ سوراش كېرەك. باشقىلاردىن ئازراق ئاغرىنىش ۋە باشقىلارغا ئاز ھەسەت قىلىش، ئۆزىگە كۆپرەك مەسئۇلىيەت يۈكلەپ، بەدەل تۆلىگەندىلا ئاندىن پۇشايمان قىلمايدۇ.
ئۈچىنچى يوپۇرماق- مۇھەببەت. بەزىلەر مۇھەببەتنى دۇنيا بويىچە ئاممىباپ ئىشلىتىدىغان نام كارتىسى. مۇھەببەت كىشىلەرنى توسالغۇسىز قىلىپ، كىشىلەر بىلەن ئىناق مۇناسىۋەت ئورناتقۇزىدۇ دەپ قارايدۇ. مۇھەببەت بىزنىڭ ھاياتلىق چېگىرىمىزنى كېڭەيتىدۇ. يازغۇچى ئەيمىلى مۇنداق دېگەن:‹‹ئەگەر مەن بىرىسىنىڭ ئازابىنى تۈگتەلىسەم ياكى بىرىسىگە تەسەللى بىرەلىسەم ياكى ئىزىپ قالغان بىرەر قۇشنى ئۇۋسىغا ئاپىرىپ قويالىسام ھاياتىمنى ھەرگىز بىھۇدە ئۆتكۈزگەن بولمايمەن››. مۇھەببەت دۇنيانى ئىللىقلىققا تولدۇرىدۇ.
مۇھەببەت كىشلىك تۇرمۇشنى گۈزەل قىلىدۇ. مەن قولۇمدىكى ئۈچ يوپۇرماقنى تۇتۇپ،ھەممىلا يەردىن تۆت يوپۇرماقلىق ئۈچ قۇلاقنى ئىزدىدىم. كېيىنچە مەن قايتىپ كېلىپ، بەختنىڭ ئىشكىمنىڭ تۈۋىدە تۇرغانلىقىنى
بايقىدىم.
ئۈمىد، بەدەل تۆلەش، مۇھەببەت بار. بىر، ئىككى، ئۈچ، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ. ئەسلىدە مانا بۇ بەختنىڭ ھالىتى ئىكەن ئەمەسمۇ؟
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2261