تۇرمۇش خاتىرىسى

ۋاپا ۋە ساداقەت

روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ

ۋاپادارلىق – ئاڭلىق يارىتىلغان ئىنساننىڭ ئەڭ ئېسىل خىسلەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ خىسلەتتىن مەھرۇم يارىتىلغان ئىنساننىڭ ئۆمرى پۈتمەس – تۈگۈمەس پىشكەلچىلىكلەر بىلەن ئۆتكۈسىدۇر. « ۋەدىگە ۋاپا قىلمايدىغان كىشىنى ياخشى كۆرۈشتىنمۇ خەۋپلىكرەك ۋە زىيانلىقراق نەرسە يوق » ( مۇھەممەد زېھنىي ) دۇنيادا. بىر ئائىلىدىكى ئەر – ئايال بىر – بىرىگە نىسبەتەن ۋاپادارلىق بولمىسا، شەكسىزكى، بۇنداق ئائىلىنىڭ ئاخىرى سورۇقچىلىق تارتىش بىلەن تۈگەللەنگۈسىدۇر. بىزدە « ۋاپادارلىق » دېسە، ئۇنى نوقۇل ھالدا « كۆيۈنۈش » مەنىسىدىلا چۈشىنىۋالىدىغان ھالەت مەۋجۇت. ئەلۋەتتە، كۆيۈنۈشمۇ ۋاپادارلىقنىڭ بىر تەرىپى. لېكىن، ۋاپادارلىقنىڭ نەق ئۆزى ئەمەس. ۋاپادارلىق دېگەن ئەڭ ئالدى بىلەن قارشى تەرەپ مەيلى قىشىدا بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بىر – بىرىگە نىسبەتەن بەرگەن ۋەدە – قەسەملىرىدە تۇرۇش، ئازغۇنلۇق قىلماسلىق بىلەن مەنىسىگە تونۇنغان بولىدۇ. ۋاپادارلىقنى ئەل – ۋەتەنگە، ئاتا – ئانىغا، قان قېرىنداشقا، دوست – بۇرادەرلەرگە… ۋاپادارلىق قىلىش دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولسىمۇ، ئەمما ئائىلە قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىگە ۋاپادار بولمىغان ئادەمنىڭ يوقىرىقى تەرەپلەردە ۋاپادار بولۇپ كىتىشى ناتايىن. چۈنكى، ئادەمنىڭ قانداقلىقى ئائىلىسىدىكى ھالىتىدىن مەلۇم بولىدۇ. بىز بۇ يەردە نوقۇل ئەر – خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ۋاپادارلىقنى نەزەردە تۇتقان ئىكەنمىز، مەسىلىنى ئائىلە ئىچىگە قويۇپ تەھلىل قىلىمىز.
ئۇلۇغ شائىر ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تەبىرىگە ئاساسەن ۋاپادارلىق ۋە ساداقەت ھېسلىرى ئاۋال ھەر كىمنىڭ قېنىدا بولمىسا، ئۇنىڭغا ئۆگەتمەك مۈشكۈلدۇر. شۇنداقلا يەنە ۋاپا ۋە ساداقەت قاش بىلەن كۆزگە ئوخشاش يانمۇ يان ياشايدىغان ئەڭ ئالىي يۈكسەك ئىنسانىي پەزىلەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خەلقىمىزدە « ۋاپاسىزدا ھايا يوق، ھاياسىزدا ۋاپا يوق » دېگەن ئاجايىپ نەقىل بار. ئېيتقان سۆزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش، ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۆز ئالدىغا قويغان پىلاننى ئادا قىلىش ۋاپا بەلگىسىدۇر. ساداقەت بولسا ۋاپانىڭ داۋامى، ۋاپادارلىقنىڭ باقىيلىقىنى ئىسپاتلايدىغان خۇسۇسىيەتتۇر. ئاشۇ ئادا قىلىنغان، ئېيتىلغان سۆزگە بىر ئۆمۈر سادىق بولۇش، ۋەقە، ئىمكان، شارائىت ئۆزگەرگەندىمۇ دىل ئەمرىنى ئۆزگەرتمەسلىك ، ۋەدىنىڭ ئۆمۈر باقىيلىقىنى ساقلاش ساداقەتتۇر. ۋاپا ۋە ساداقەت ئەڭ ئاۋال ئائىلىنى بەختىيار قىلىدۇ، پەرزەنتلەر ئەركىن، ساغلام ۋە ئەقىللىق كىشىلەر بولۇپ ۋايىغا يېتىدۇ، بەرىكەت، ئىنساب، مېھىر ياشنايدۇ، ئەمگەك ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش پاراۋان ئۆتىدۇ. شۇنداق، ۋاپا ۋە ساداقەت ئايالنىڭ قولىدىكى مەشئەل، ئايال قەلبىنىڭ قىممىتىنى، ساپلىقىنى، ئۇنىڭ كىملىكىنى ئىپادە قىلغۇچى، يولىنى يۇرۇتقۇچى ماياك.
ئەگەر ئايال ساداقەتنى بىلسە، ئۇ ھاياتنىڭ، ئەرنىڭ، پەرزەنتنىڭ  قەدىرىگە يېتىدۇ، بۇرچىنى بىلىدۇ، ئېتىقادنى چۈشىنىدۇ، ھايات سىناقلىرىدىن ئەلا دەرىجىدە ئۆتىدۇ، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىدۇ. خوتۇن ياكى ئەر، مەسىلەن ئالايلى، يوقسۇل بولۇپ قالغاندىمۇ، بېشىغا ئېغىر تەشۋىش چۈشكەندە، يا ئائىلىدە قىيىنچىلىق بولغاندىمۇ بىر – بىرىگە ۋاپا ۋە ساداقەت، ھۆرمەت كۆرسىتىپ ياشاش كېرەك. تۇرمۇش ھەمراھىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ روھىنى قەدىرلەپ، ئۇنىڭ خاتىرىسىگە ساداقەتلىك بولۇپ ياشاۋاتقانلار ناھايتى كۆپ دۇنيادا.
ئەمما بۇ ئالەمدىن ئۆتكەنلەر ئۇ ياقتا تۇرسۇن، تىرىكلەرگە ساداقەت كۆرسىتەلمەيدىغانلارمۇ بار. ئېرى بىرەر كۆڭلەك ياكى كىچىك ئالتۇن بىلەزۈك ئىلىپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئائىلىسىنى تاشلاپ كېتىدىغان ئاياللارمۇ تېپىلىدۇ. ساداقەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان، ھەممە ئەيىبنى يوقسۇزلۇققا، تۇتامى يوق گەپلەرگە، ئۆرپ – ئادەتلەرگە يۆلەيدىغان يەڭگىلتەك « ئانا » لارمۇ بىزدە خېلى كۆپ.
ۋاپا ۋە ساداقەت ئائىلىنى ئېھتىيات بىلەن تۇرمۇش شاماللىرىدىن، ۋاقىتسىز ئىشلاردىن، غەيۋەتلەردىن ساقلاش دېمەكتۇر؛ ۋاپا ۋە ساداقەت ئاياللىقنى ، ئانىلىقنى، بۇرچىنى چوڭقۇر بىلىپ يېتىش، بەرداشلىق، ئېغىر، مۇلاھىزىلىك بولۇش دېمەكتۇر.
يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان مۇنداقراق مەزمۇندىكى بىر ھېكايىنى ئوقۇغۇنۇم ئىسىمدە : بىر جۈپ ياش توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يىگىت مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئون نەچچە يىللىق جازاغا ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈرمىگە كىرىپ قالىدۇ. ئايالى ئۇنىڭغا خاتىرىجەم بولۇشنى، ۋەدىسىگە چوقۇم ۋاپا قىلىپ ئۇنى چوقۇم كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ھەم « سىز تۈرمىدىن چىققان چاغدا ھويلىمىزدىكى دەرەخكە بىر تال سېرىق لاتا چىگىلگەن بولسا، مېنى كۈتۈپتۇ، دەپ ئۆيگە كېرىۋىرىڭ. ئەگەر ئۇنىڭغا لاتا چىگىلمىگەن بولسا، مېنى كۈتمەپتۇ، دەپ كېتىپ قېلىڭ » دەيدۇ ۋە يىگىتمۇ بۇنىڭغا قوشۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۇزۇن مۇددەتلىك ئايرىلىش دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر ئايال ئۈچۈن ئون يىللاپ بىر ئەرنى كۈتۈپ ئولتۇرۇش ئاسانمۇ؟ ئادەم دېگەننىڭ ياشلىقى شۇنچىلىك ئۇزۇنمىدى؟ شۇڭا يىگىتمۇ تۈرمىدىكى ئۇزۇن كۈنلەردە ئايالىدىن ئۈمىد ئۈزىدۇ، يۈرىكى ئېچىشىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەخت تىلەيدۇ…
نىھايەت، ئاشۇ قاماق ۋاقتىمۇ توشۇپ يىگىت تۈرمىدىن چىقىدۇ. ئۇ يۈزلىرىنى قورۇق ۋە ساقال باسقان ھالىدا ئىختىيارسىز ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلى قالىدۇ ۋە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ھويلىسىدىكى دەرەخنىڭ ھەممە شاخلىرىغا دېگۈدەك سېرىق لاتىلار چىگىۋېتىلگەن بولۇپ، يىگىتنى قارشى ئالغاندەك لەپىلدەپ تۇرغانىكەن…
مانا بۇ ۋاپا، مانا بۇ ۋاپادارلىق! بۇنداق ۋاپا، ۋاپادارلىق ئۈچۈن سۇنماس ئىرادە، چىن قەلب كېرەك. ھازىر بىزنىڭ ئىچىمىزدە ۋاپادارلىق مېھرىدىن بەھىرلىنىۋاتقانلارغا قارىغاندا، ۋاپاسىزلىق تىغىدا تىلىنىۋاتقانلار كۆپ بولسا كېرەك. چۈنكى، زامان شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىپ، بىزنىڭ كۆز قاراش، مەپكۈرەلىرىمىزگىمۇ خېلى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى كىرگۈزىۋەتتى. شۇڭا ئەسلى ئېغىر ئېلىنىشى كېرەك بولغان بىر قىسىم ۋاپاسىزلىقلىرىمىزمۇ ئاللىقانداقتۇر « زامانىۋى نىقاب » لار بىلەن ئاقلىنىپ، « توغرا چۈشىنىلىدىغان » بولۇپ قالدى.
يىقىندا بىر قىزنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ نەچچە يىلدىن بىرى بىر يىگىتكە ئاشىق ئىكەن، ئەمما، تەقدىر ئۇنى ئۇنىڭغا ئەمەس، يەنە باشقا بىر يىگىتكە چېتىپ قويۇپتۇ. توي قىلىپ ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە، يىگىت ئۆز ئايالىنىڭ باشقا بىرسىگە ئاشىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا رەھىمى كەپتىمىش ۋە « ئۆزۈڭ كۆيگەن يىگىت بىلەن ئانچە – مۇنچە كۆرۈشۈپ، قۇچاقلىشىپ تۇرساڭ، چوڭراق بولغاندا سۆيۈشسەڭمۇ مەيلى، ئەمما غەيرى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىسەڭلا بولدى » دەپ ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈپ تۇرۇشىغا « كەڭ قورساقلىق » بىلەن رازى بوپتۇ. بۇنىڭغا قىزمۇ قوشۇلۇپتۇ ۋە ئۇ يىگىت بىلەن پىنھانلاردا كۆرۈشۈپ يۈرۈپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغاچقا، قىز ئۆيىگە تەڭ كېچىلەردە كەلسىمۇ يىگىت ئاچچىقلانمايدىكەن. پەقەت ئۇنىڭ غەيرى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىكىنىلا جىكىلەپ تۇرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلار شۇ ھالەتتە بەش يىلنى ئۆتكۈزۈپتۇ. بۇ بەش يىلدا يوقۇرىقى ئامىل ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ئەكىس تەسىر كۆرسەتمەي، « ئىجىل – ئىناق » ئۆتۈپتۇ ھەم بىر ئوغۇللۇقمۇ بولۇپ قاپتۇ. ئەمما، بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى قىزنىڭ ئېرى باشقا بىرىنى تىپىۋاپتۇ ۋە ئائىلىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش نىيىتىگە كەپتۇ. يىگىتنىڭ تۇرقى خېلى قاملاشقان ھەم خىزمەت ئورنىمۇ يامان ئەمەس بولغاچقا، ئايالىنىڭ ئۇنىڭدىن ئاجراشقۇسى يوق ئىكەن. ئەمما، يىگىت بۇنىڭ بىلەن ھېسابلاشماي، ئۆزى چاغلاپ يول تۇتۇپتۇ. بۇرۇنقى ئايالى ئۇ قىزنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ ھېلىقى يېڭى يارى بىلەن ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ يۈرۈپتۇ. نىھايەت، يىگىت ايالىغا يىگىرمە مىڭ  يۈەن بىرىپ، مەجبۇرى ئاجرىشىپ، يېڭىسى بىلەن توي قىپتۇ. ئايالى ماڭا « ئۇ ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلدى » دەپ يىغلاپ بەردى.
خۇش، بۇ ئائىلىدە ئەسلىدە ۋاپادىن، ۋاپا چۈشەنچىسىدىن خەۋەر بولغىيمىتى؟ ئەمدى كىلىپ « ۋاپا » دەۋاسى قىلىشنىڭ ئاساسى بار – يوقلۇقىنى بۇلار بىلەمدۇ – يوق؟
ئائىلە چاقچاقنى كۆتۈرمەيدۇ، بىھۆرمەتلىكىنى كۆتۈرمەيدۇ. ئائىلىگە قىلىنغان چاقچاق، بىھۆرمەتلىكىنىڭ ئاخىرىقى ھېسابتىكى جاۋابى تۈگىمەس پۇشايمان، قۇرۇماس كۆز ياش بولىدۇ، خالاس. شۇڭا ھەر قانداق ئائىلە ۋاپادارلىق گۈللىرى بىلەن بىزىلىشى كېرەك. چۈنكى، « جاھان گۈلشىنى ۋاپا گۈلىنىڭ يوقلۇقىدىن زىننەتسىزدۇر. ئادەم ئەۋلادى ۋاپا بويىنىڭ يولۇقىدىن خۇشبۇي ئەمەستۇر. ۋاپانىڭ چىرىقى ھەممە قاراڭغۇ ئۆينى يورۇتمايدۇ ۋە زاماننىڭ بىۋاپالىرىنىڭ كۆڭلى بىلەن كېلىشەلمەيدۇ. ۋاپا نەرگىس گۈلىدۇركى، دەۋراننىڭ گۈلزارلىقىغا كۆز سالمايدۇ. ۋاپانىڭ كۆڭلىگە ھەسەت ۋە ئۆچمەنلىك يوشۇرنالمايدۇ. ۋاپا پاك يارالغان بىر مەھبۇبىدۇركى، پاك كۆڭۈلدىن باشقىغا يېقىنلىقى ۋە ئۈلپىتى يوق. ئۇ پاك يارالغان بىر تىلەكتۇركى، پاكىز يارالغاندىن باشقىغا مەيلى ۋە رىغبىتى يوق. ئۇ بىر قىممەتلىك گۆھەردۇركى، ئىنسانىيەتنىڭ تاجىغا زىننەتتۇر. ۋاپاغا ھايا بىلەن يەتكىلى بولىدۇ. ھاياغا ۋاپا بىلەن يەتكىلى بولىدۇ» ( ئەلىشىر نەۋايى )

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2667

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-10-10
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئائىلە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: